- تىزىملاتقان
- 2015-9-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-8-5
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 233
- نادىر
- 0
- يازما
- 20
ئۆسۈش
  77.67%
|
شۇ ئىش بۇلۇپ تەخمىنەن ،بىرەر ھەپتە ئۈتتىغۇ دەيمەن.يەنە كەچلىك مۇزاكىرىدىن چۈشتۇق.شۇ كۈنى دەل مۇزاكىرىدىن چۈشۈپ ياتاق يىغىنى ئاچىدىغان كۈن ئىدى.ياتاقتىكى تۈت قىزنىڭ ئىچىدە،مەن بىلەن مېھرىبان ئىسىملىك يەنە بىر قىز ئىككىمىز شەھەر ئىچىدىن ،قالغان ئىككى قىز كەلپىننىڭ بىر يېزىسىدىن كەلگەن بولغاچقا ،ياتاق مەسئۇلىمىزنىڭ گۈلنۇر بىلەن مېھرىبان ياتاق يېغىنىغا قاتناشمىسمۇ بولىدۇ دەيدىغان ئالاھىدە ئىتبارىغا ئېرىشكەن ئىدۇق.ھەي ئېست ھازىر ئويلىسام ،شۇ چاغدا شۇ كۈنى ياتاققا دەرھال كىرىپ كەتسەكمۇ بولاتتىكەن دەپ ئويلاپ قالىمەن.چۈنكى:
مۇزاكىرىدىن قايتىدىغانلار قايتىپ،ياتاق يىغىنى باردەپ ياتاقتا ياتىدىغانلار چىقىپ سىنىپتا مەن ۋە مېھرىبان ئىككىمىزلا قالدۇق.يەنە بىردەم كىتاپ كۈرۈپ ئۈگىنىش قىلايلى دېيىشتۇق.چۈنكى دەل ئەتىسى ماتىماتكىىدىن تەقلىدى ئىمتىھان ئېلىناتتى.تازا بېرىلىپ كىتاپ كۈرۈۋاتساق،كارىدۇردىن شەپە ئاڭلاندى.بىز يەنە باشقا سىنىپتا چىقىپ بولالمىغانلار بارمىكىن دېدۇق.ئىتبارقىلماي كىتاپنى كۈرىۋەردۇق.ئەمما ماڭا غەيرى تۇيۇلغىنى بۇ ئاۋاز بىرئاڭلىماققا ناھايتى يىراقتىن ،بىرئاڭلىماققا ناھايتى يېقىندىن كىلىۋاتقاندەك ئىدى.بىرسىنىڭ ماڭغاندەك ئاۋازى ئىدى.توك....توك.....توك......ئەمما ئادەمنى قورقۇتىدىغىنى شۇكى بۇ ئاۋاز كارىدۇردىن سىرتقا چىقمىدى.سەل قورقۇشقا باشلىدۇق.چۈنكى بىر كىم ماڭسىمۇ بۇنچە ئۇۇزۇن ۋاقىتقىچە كارىدۇرنىڭ ئۇ بېشىدىن بۇ بېشىغىچە بېرىپ بولاتتى ياكى ئىككىنچى قەۋەتكە ياكى سىرتقا چىقىپ بولاتتى.ئەمما بۇ ئاۋاز................
مەن مېھرىبانغا ئاستا قارىدىم.مېھرىباننىڭ قۇشۇملىرى تۈرلۈپ كېتىپتۇ.نېمانداق ئادەمنى بىئارام قىلىپ مېڭىپ بولالمايدىغاندۇ ئۇ ئاستا شىۋىرىلىدى.مەنمۇ ئاغزىمنى پۈرۈشتۈرۈپ قويدم.ئەمما بۇئاۋاز بىر كەمدە ئىشىكنىڭ يېنىغا كېلىپ توختىدى.بىز ئىككىمىز بۇچاغدا چوڭراق نەپەس ئېلىشقىمۇ جۈرئەت قىلالمىدۇق.ئىشىك يېنىك ھالدا غىچ قىلىپ بىر غېرىچتەك ئېچىلىپ توختاپ قالدى.بۇ چاغدا كۈزلىرىم يوغىناشقا باشلىدى.مېھرىبان سەل قورقماس ئوغۇل بالا مىجەز قىز ئىدى.
-كىمۇ دەپ ئۈنلۈك ۋارقىرىدى.جىم.بىردەمدە ئىشىك يەنە غىچىرلاپ يەنە چوڭراق ئېچلىشقا باشلىدى.بۇ چاغدا ئىككىمىز بىر بىرىمىزنى قۇچاقلاپ ئىشىككە قاراپ تىنىشقىمۇ جۈرئەت قىلالماي لاغ لاغ تىترەشكە باشلىدۇق.چۈنكى كارىدۇردا قاراڭغۇ بولغان بىلەن .سىنىپنىڭ توكى يېنىق بولغاچقا ،ئەگەر ئادەم قىلغان بولسا قولى كۈرنەتتى دېگەن خۇلاسىگە كەلگەن ئىدۇق.(بۇنى كېيىن ئۈز ئارا دىيىشتۇق )،دەل شۇ پەيتتە ،كاردورنىڭ يەنە بېر بېشىدىكى ئوغۇللار ياتاق كارىدورىغا تۇتىشىدىغان پەلەمپەيدىن ھاھ قىلغان ئاۋازئاڭلىنىشى بىلەن تەك غۇۋا ىچىراق يۇرۇقى كەلدى.بۇ ئاۋازلق چىراقنى پەلەمپەيدىكىنى يۇرۇتسا كارىدۇردىكى بىر چىراقمۇ شۇ ئاۋازنىڭ تەسىرىدە يۇرىغان ئىدى.مېھرىبان بىلەن دەرھال كارىدورغا چىقىۋالدۇق ،قارىسام ئىجتىمائى پەن 6-سىنىپىدىكى ئەزىمەت كېلىۋاتقان ئىكەن.ئۇھ دېيىشتۇق.
-ھە قىزلار ،ئۈگىنىش قىلىۋاتقانما تېخىچە؟-دېدى ئەزىمەت
-ھە ئە،ھەر ھالدا سىز كەپ قالىدڭىز.بولمىسا ...-دېدى مېھرىبان ،
-ئۇخلاپ قېتىپ كېتىپتىمەن،تەرتىىم قىستاپ كەتتى.شۇڭا ماڭغان.-دېدى ئەزىمەت.
ئەزىمەت بىلەن خوشلىشىپ ،مېھرىبان كارىدورنىڭ يەنە بىر بېشىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتۇق،قىزلار ياتىقىغا شۇنداق چىقىمىز.ئەمما كېلىشمىگىنى شۇكى،بىزنىڭ قىزلار ياتىقىغا چىقىدىغان پەلەمپەينىڭ چىرىقى يوق.شۇ باشتىكى يەنە ئىككى چىراقنى كەپسىز ئوقۇغۇچىلار چىقىۋەتكەن بۇلۇپ ،بۇ تەرەپ بەكلا قاراڭغۇ ئىدى.مېھرىبان بىلەن بىسمىللا دېسەك بىسمىللا دەپ ئاۋايلاپ چىقىۋاتاتتۇق.پەلەمپەينىڭ ئەگىلىدىغان يېرىگە كەلكەندە،دېرىزىگە قۇيۇپ قويغان تەشتەكتىكى گۈللەرنىڭ يەرگە تاراڭڭىدە چۈشۈپ چىقىلغان ئاۋازىدىن ئاپا دەپ ۋارقىرىۋەتتۇق ،دە ،ياتاققا قاراپ يۈگۈردۇق........
شۇ كېچىسى ئاشۇ مەنزىرىنى ئېنىق چۈشەپتىمەن.كۈپكۈندۈزمىش ،مېھرىبان بىلەن مېڭىۋاتسام ،دەل شۇ يەرگە كەلگەندە،تەشتەك چۈشۈپ كەتكۈدەك،ئەينەككە دەز كەتكۈدەك......
ئەتىسى كاللام ئېغىر تۇردۇم.ئەمما مېھىربان ماڭا غەلىتە قاراپ،كۈزۈمنى ئاچقىنىمدا ،چىرايى تاتىرىپ بېشىمدا قاراپ تۇرۇپتۇ.نېمە بولدى دېسەم ،ئۇ ئۈزىنىڭمۇ كېچىچە ئۇخلىيالمىغىنىنى،ئەمما مېنىڭ بولسا جۈيلۈپ ،مېھرىبان تىز قاچايلى ،ئەينەككە دەز كەتتى،تىېزقاچايلى دەپ چىققانلىقىمنى،ئۈزىنىڭ بامدات نامىزىدىن بۇرۇن تۇرۇپ چىقىپ قاراپ باققانلىقىنى،قارىسا ئەينەكنىڭ ئىككى كۈزىگە دەز كەتكەنلىكىنى،يەردە تەشتەك پارچلىرىنىڭ سۇنۇقى تۇرغانلىقىنى كۈرۈپ قورقۇپ كېتىپ يېنىپ كىرگەنلىكىنى ئېيتىپ بەردى.....
نېمە دېيىشىمنى بىلەلمىدىم.قانداق ئويلىشىمنى بىلەلمىدىم.ئويلاشىنىمۇ جۈرئەت قىلالمايتتىم.بۇ ئىشلار..........بەكلا قورقۇنچلۇق.............. |
|