- تىزىملاتقان
- 2014-3-22
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-5-24
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1678
- نادىر
- 1
- يازما
- 58
ئۆسۈش
  67.8%
|
ئەخمەتجان مۆمىن تارىمى ئەپەندىگە رەھمەت !
مەن ئالدىقى يىلى ‹‹ بەدۆۋلەت ›› تىرولوگىيىسى بىلەن يېڭى سەھىپە ئاچقان ئابدۇۋېلى ئەلى ئەپەندىم بىلەن سۆھبەتتە بولۇپ قالغان چېغىمدا، ياقۇپبەگنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدە سوئال سورىدىم. ئۇ كۈلۈپ كەتتى ۋە : ‹‹ سىز قانداق قارايسىز؟ ›› دەپ سوراپ قالدى. مەن : ‹‹ سوئالغا سوئال ئارقىلىق جاۋاب بەردىڭىزغۇ؟ مەندە گۇمان بار، ئەمما ئىسپات يوق. شۇڭا سىزدىن سورىشىم؟›› دېدىم. ئۇ: ‹‹ سىز دېمەكچى ئۇ ئۇيغۇر بولۇشى مۇمكىن. بىراق بۇنى ئىسپاتلىيالمايمەن دېمەكچىغۇ؟›› دەپ ماڭا تىكىلدى. مەن ئۇنسىز ھالەتكە بىشىمنى كىڭشىتتىم. ‹‹ گۇمانىڭىز توغرا. مەندىمۇ شۇنداق گۇمان بار ئىدى. لېكىن ئىسپاتلىيالمايتتىم. ‹ ياقۇپبەگ › تىرولوگىيىسى تارقىلىپ كەتتى، __ دېدى ئابدۇۋەلى ئەلى ئەپەندى،__ تەلىيىمگە ئۆزبېكىستانغا چىقىپ قالدىم. شۇ چاغدا ئۆزبېكىستان دۆلەتلىك مۇزىي كىردۇق ھەم بىر قويازمىنى كۆردۇق. ئۇ قوليازما ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان ياقۇپبەگنىڭ ئۆزىنىڭ قوليازمىسى ئىكەن. ئۇنىڭدا دېيىلىشىچە، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى، قاشقەردە تۇغۇلغانلىقىنى ئېيتقانىكەن. قانداق قىلىش كېرەك. بۇ يەردىن ھېچ نەرسىنى سىرتقا چىقارمايدىكەن. مەن بىلەن كىرگەن كىشىنىڭ يۈز - ئابرويى خېلى يۇقىرى بولغاچقا، قەغەز- قەلەمنى ئېلىپ، ھېلىقى قوليازمىنى كۆچۈرۈۋالدىم ھەم ئۇنىڭ يانچۇقىغا سېلىپ قويدۇم. ››
مەن شۇ گەپنى ئاڭلاپ ئۆز گۇمانىمنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم . . . |
|