- تىزىملاتقان
- 2014-2-13
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-7-30
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 5692
- نادىر
- 0
- يازما
- 331
ئۆسۈش
13.84%
|
nijatkurban يوللىغان ۋاقتى 2016-1-13 21:10
ياقۇپبەگنىڭ ئەجدادى ئاپپاق خوجىغىچە تۇتىشىدۇ. ئەينى چ ...
ياقۇپ بەگ 1820-يىلى قوقەن خانلىقىدا تۇغۇلغان، ئوردىدا ئۇسسۇلچى، خاننى كۈتىدىغان ئەسكەرلەرنىڭ قۇربېشى بولغان. قوقەن خانلىقى ئىچكى زىدىيەت ۋە چاررۇسىيەنىڭ تەھدىتى ئاستىدا قېلىپ، ياقۇپبەگنىڭ ھاياتى قىل ئۈستىدە قالغانلىقتىن 1865-يىلى 1-ئايدا شۇ چاغدا قەشقەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى تارتىۋالغان سىدىقبەگ قىرغىزنىڭ تەكلىۋىگە بىنائەن قوقان خانلىقىدا پانالىنىۋاتقان ئاپئاق خوجا خوجا ئەۋلادى بۈزرۈكخان خوجىغا ئەگىشىپ ، ئۆز يېقىنلىرىدىن 68 كىشىنى ئېلىپ جەنۇبى شىنجاڭغا كىرگەن.
سىدىقبەگە خوجا ئابرويىدىن پايدىلىنىپ ھاكىمىيەتنى مۇستەھكەملىمەكچى بولغان بولسىمۇ ئەمما ياقۇپبەگ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ھوقۇق ئىگەللەپ، سىدىقبەگنى يوقىتىپ، بۇزرۇكخاننى «ھەج سەپىرى» گە يول ئېلىشقا مەجبۇر قىلىپ يېرىم يولدا ئۇجۇقتىرىۋەتكەن. 1865-يىلدىن 1872-يىلغىچە ياقۇپبەگ كۇچاردىكى جالالىدىن كېتكى ئەۋلادىدىن بولغان راشىدىن خان خوجا ھاكىمىيىتىنى ئىچكى نىزادىن پايدىلىنىپ، خوتەندىكى ئابدۇراخمان خان غوجىنىڭ ئاتىسى ھەبىبۇللا ھاجى پادىشاھلىقىنى مازار تاۋاپ قىلىش نامى بىلەن قەستلەپ ئۆلتۈرۈپ، ئۈرۈمچىدىكى داۋۇت تۇڭگان قاتارلىقلار بىلەن يەتتە يىل ئۇرۇش قىلىپ قەشقەر، يەكەن، خوتەن(چەرچەن چارقىلىق)، كۇچا (ئاقسۇ، كورلا)، تۇرپان(قۇمۇل)، ئۈرۈمچى(ماناسقىچە) قاتارلىق جايلارنى بويسۇندۇرۇپ ئۆز ھاكىميىتىنى قۇرۇپ چىققان. تۈركىيە ئىمپىرىيسىگە ئىتائەت قىلىپ، سۇلتان ھەمىدخان تەرىپىدىن بەدۆلەت دىگەن ئۈنۋاننى ئالغان. تارىختا <قەشقەرىيە> دىيىلگىنى ئەنە شۇ نام جەھەتتىن تۈرك ئىمپىرىيىسىگە بېقىنغان ئۆلكىنىڭ نامى ئىدى.
ياقۇپبەگ سەئىدىيە خانلىغى زاۋاللىققا يۇزلەنگەندىن كېيىنكى قۇمدەك چىچىلىپ كەتكەن ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى قىسقا ۋاقىت بىرلىككە كەلتۈرگەن. ئەمما جاھانگىرلىك ۋە چەتئەلگە بېقىنغانلىقتىن 1878-يىلى ياقۇپ بەگ قول ئاستىدىكى خوتەن ۋالىسى-ئەسلىدىكى يەركەن ئامبىلى نىياز ھېكىمبەگنىڭ زەھەر بېرىشى بىلەن ئۆلگەن، قالدۇق قوشۇنلىرى چىڭ سۇلالىسى سەركەردىسى زوزۇڭتاڭ تەرىپىدىن يوقۇتۇلغان.
ياقۇپبەگ ۋە ئۇنىڭ ھاياتى ھەققىدىكى مەلۇماتلاردىن ئۇيغۇر تارىخچىلىرىدن شۇ دەۋردە ياشاپ ئۆتكەن موللا مۇسا سايرامى يازغان«تارىخى ھەمىدىيە»، چارسىيە ئەلچىسى نىكولاي كوروپاتكىن يازغان «قەشقەرىيە» قاتارلىق ئەسەرلەر بار.
مەنبە:ئوكياندىن |
|