- تىزىملاتقان
- 2016-1-13
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-1-20
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 52
- نادىر
- 0
- يازما
- 4
ئۆسۈش
  17.33%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Tesewur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-1-13 02:43
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بىلگەجان.
مىنىڭ كىچىك قىزىم بىر تىپلىق دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولغىلى مانا ئۈچ يىل بولۇپ قالدى. ھازىر بەش ياشقا كىرىش ئالدىدا تۇرۇپتۇ. بۇ ئۈچ يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە كۈندە ئۈچ قېتىم تېز سۈرئەتلىك ئىنسۇلىن، بىر قېتىم ئاستا سۈرئەتلىك ئىنسۇلىن ئۇرۋاتىمىز. ھازىر ھەر بىر قېتىملىققا تۆت بىرلىكتىن بىر كۈندە جەمئىي 16 بىرلىك ئىنسۇلىن ئۇرىمىز.
قان شېكىرىنى ئىمكان بار نورمال دائىرىدە تۇتۇپ تۇرۇشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىمىز، لېكىن، سىزمۇ بىلىسىز قان شېكىرىنى نورمال دائىرىدە تۇتۇپ تۇرۇش-بۇ مۈشكۈل بىر ئىشكەن.
بۇ ئۈچ يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە نۇرغۇن... ماتېرىياللارنى كۆردۇق، ئۆگەندۇق... كۆزەتتۇق، تەجرىبىلەرنى توپلىدۇق...ئايالىم ھەتتا قىزىمنىڭ پېشانىسىگە سۆيۈپ، بەدەنلىرىنى تۇتۇپ بېقىپلا قان شېكىرىگە تەخمىنەن ھۆكۈم چىقىرالايدىغان ھالغا يەتتى، توغرىلىق نىسبىتى تەخمىنەن 70%. قىزىم ھازىر ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشى.
بىز-بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرى بۇ رېئاللىقنى قوبۇل قىلدۇق، ئىنسۇلىن ئۇرۇش، قان شېكىرىنى تەكشۈرۈش، سۈيدۈك قەنتىنى تەكشۈرۈش، تۇرمۇشنى تەرتىپكە سېلىش، مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىش، يېمەك ئىچمەكنى تەرتىپكە سېلىش..... بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ نورمال تۇرمۇشىمىزنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىپ كەتتى...ئەلۋەتتە،بىز-شۈكرى ئېيتقۇچىلارمىز...
ئەمدى دېمەكچى بولغىنىم، كاللامدا تازا ئايدىڭ بولمىغان بىر نەچچە مەسىلە بار ئىدى:
قىزىم بىر نەچچە قېتىم قاتتىق قارا بېسىپ ئويغىنىپ كەتتى، ( بىزنىڭ ئېھتىياتسىزلىقىمىز سەۋەبىدىن قان شېكىرى 3 تىن چۈشۈپ كەتكەن) قارا بېسىپ، ۋارقىراپ ئويغىنىپ كېتىدۇ، بىزنى تۇنىيالمايدۇ، ھەم ئەتراپقا، ئادەم يوق يەرلەرگىمۇ ئەنسىرەپ قاراپ، خۇددى بىز كۆرەلمەيدىغان بىر نەرسىلەرنى كۆرگەندەك قورقۇپ، بېشىنى قوينىمىزغا تىقۋالىدۇ. يەنە قاراپ يەنە قورقىدۇ، بىز بىلەن تىركىشىدۇ... بىز بىر تەرەپتىن بەزلەپ، بىر تەرەپتىن گىلۇكوزا سۇيۇقلۇقىنى ئىچۈرىمىز، بەش، ئون مىنۇتلاردا ئەسلىگە كېلىدۇ، ئەھۋالىنى سورىساق، بۇ جەرياندىكى ئەھۋاللىرىنى بەك ئەسلىيەلمەيدۇ. مۇشۇنداق نەچچە قېتىم بىزنى قورقۇتىۋەتتى....بىزمۇ ھازىر بەك دىققەت قىلىمىز، ئۇخلاشتىن ئاۋۋال چوقۇم ئازراق بىر نەرسە يېگۈزۈپ ئۇخلىتىمىز (يەنە گېپىم ئۇزىراپ كەتتى، كەچۈرۈڭ)، مىنىڭ بىلمەكچى بولغىنىم، قان شېكىرى تۆۋەنلەپ كەتكەندە، نېمىشقا بەدەن باشقا كىشىلەرنىڭكىگە ئوخشاش ۋاقتىدا جىگەر قەنتىنى قانغا قويۇپ بەرمەيدۇ؟ بۇنداق بولماسلىقى دىيابېت كېسىلى بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ؟
ماتېرىياللاردىن كۆرۈشىمچە مىڭىنىڭ گىلۇكوزا ئىشلىتىشىگە ئىنسۇلىننىڭ ياردىمى بولمىسىمۇ بولىدىكەن، مېڭە ھۈجەيرىلىرى گىلۇكوزىنى ئىنسۇلىننىڭ ياردىمىسىز قوبۇل قىلالايدىكەن، بۇ راستمۇ؟
قىزىمنىڭ زىيادە چېچەن بۇلىشى، قان شېكىرىنىڭ كۆپرەك ئۆرە بولۇپ قېلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ؟
يېقىندا ئامېرىكىدا ئىنسۇلىن تابلىتكىسى ياسسىلىپ چىقىپتۇ دېگەن خەۋەرنى كۆردۇق، بۇ راستمۇ؟ ئەگەر راست بولسا، بۇ تابلېتكا بىر تىپلىق دىيابېتقىمۇ ماس كېلەمدۇ؟
ماتېرىياللاردىن كۆرۈشىمچە، بىر تىپلىق دىيابېت ئەمەلىيەتتە بەدەن ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ، ئاشقازان ئاستى بېزىدىكى بېتا ھۈجەيرىلەرنى يەكلەپ، ئىنسۇلىن ئىشلەپ چىقىرىشنى توختىتىپ قويۇشىدىن بولغان ئىككەن، ئۇنداقتا ئەگەر غول ھۈجەيرە تەتقىقاتىدا بۆسۈش بولۇپ، شۇ كىشىنىڭ ئىنسۇلىن ئاجرىتىپ چىقىرىدىغان بېتا ھۈجەيرىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، جىگەر ئارقىلىق ئوكۇل قىلىپ بەدەنگە كىرگۈزۋەتكەندە، بېتا ھۈجەيرىلەر يەنىلا ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ يەكلىشىگە ئۇچرامدۇ؟ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى رىمونىت قىلىش ئىمكانىيىتى بارمۇ؟
بىر تىپلىق دىيابېت تەتقىقاتىدا ئادەمنى خۇشال قىلغۇدەك باشقا يېڭىلىقلار بارمىدۇ؟
ئامېرىكىدا، medtronicئىنسۇلىن پومپىسىنىڭ ئەڭ يېڭى نۇسخىسىنى نەچچە پۇللارغا سېتىۋالغىلى بۇلار؟ ئەگەر بېرىپ سېتىۋالسام تاموژنىدىن ئۆتكۈزگىلى بۇلامدۇ؟
يېپىق ھالەتتىكى، پۈتۈن ئاپتوماتىك ئىنسۇلىن پومپىسى ياسسىلىپ چىقتىمۇ؟
ۋاقتىڭىزنى ئېلىپ قۇيىدىغان بولدۇم قېرىندىشىم...رەھمەت. |
|