- تىزىملاتقان
- 2013-3-1
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-4-12
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 10776
- نادىر
- 13
- يازما
- 472
ئۆسۈش
  100%
|
kuy2015 يوللىغان ۋاقتى 2016-1-11 23:56 
تۇغۇلۇش ۋاقتىنى ھامىلە مېڭىسىنىڭ قوزغىتىدىغانلىقىنى ...
تۆگە سۈتىنىڭ ھامىلە مېڭىسىگە ھەر قانداق ئالاھىدە تەسىرى بارلىقى بىلىنمىگەنلىكىنى دەپ ئۆتتۈم.
ئىسسىق ياكى سوغۇقنىڭ ھامىلە تۇغۇلۇش ۋاقتىغا بولغان تەسىرى كۆرۈنەرلىك ئەمەس، سىز دېگىنىڭىزنى قەيەردىن بىلدىڭىز؟ مەنبەسىنى كۆرسەتسىڭىز. ئۇيغۇرلار ئەسىرلەردىن بۇيان نېمىنى تەجىرىبىدىن ئۆتكۈزۈپ كىلىۋاتىدۇ؟ شۇنداق تەجىرىبىلەر خاتىرىلەنگەن كىتاب ياكى باشقا مەنبەلەر بولسا ۋە ياكى تىۋىبلارنىڭ خاتىرىلىرى بولسا قالدۇرسىڭىز.
ئادەتتە ئاياللار ھامىلدارلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە بەكرەك بىئارام بولىدۇ، خۇددى تۇغۇلۇش ۋاقتى ئۇزىراپ كەتكەندەك بىلىنىشى مۇمكىن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىلگىرى ئاياللار ئۆزىنىڭ دەل قايسى ۋاقىتتا ھامىلدار بولغانلىقىنى دەل توغرا بىلەلمەيتتى، شۇڭا بۇ «تەجىرىبىلەر»نىڭ (ئەگەر راس شۇنداق تەرجىرىبە بولسا) قانچىلىك توغرىلىقىغا بىر نەرسە دېمەك تەس. ئەرەب ئاياللار تۆگە سۈتى ئىستىمال قىلىشنى ھامىلدارلىق مەزگىلىدىمۇ توختاتمايدىكەن، ئەمما ئۇلارنىڭمۇ تۇغۇت ۋاقتى ئوتتۇرىچە باشقا تۆگە سۈتى ئىچمىگەنلەردىن ئۇزۇن ئەمەسكەن. سىزنىڭ نېمىگە ئاساسەن مېنى ئىنكار قىلماسلىققا ئۈندىگەنلىكىڭىزنى بىلەلمىدىم. |
|