- تىزىملاتقان
- 2011-9-5
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-2-4
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2634
- نادىر
- 0
- يازما
- 97
ئۆسۈش
  21.13%
|
14.غەيۋەت قىلىش ئادەم گۆشى يىگەن بىلەن باراۋەر،چېقىمچىلىق قىلىش قېرىندىشىنىڭ گۆشىنى يىگەن بىلەن ئوخشاش.
ئاللانىڭ ئەلچىسىنىڭ ھەمرالىرىدىن بىرى «رابىيەنىڭ بويى پاكار» دىۋىدى.
ئاللانىڭ ئەلچىسى ئۇ كىشىگە:سەن چىشىڭنى كولىۋەتكىن دىدى.
ئۇ كىشى :مەن گۆش يىمىگەن تۇرسام دىۋىدى.
ئاللانىڭ ئەلچىسى:بايا رابىيەنىڭ بويى پاكار دىدىڭغۇ(غەيۋەت قىلدىڭغۇ دىمەكچى).
بىرى ئاللانىڭ ئەلچىسىدىن سورىدى:مەن دىگەن ئىش قېرىندىشىمدا راستىنلا بار بولسىمۇ بۇ ئىشنى دىگىنىم غەيۋەت بولامدۇ؟
ئاللانىڭ ئەلچىسى:ناۋادا سەن دىگەن ئىش قېرىندىشىڭدا بار بولسا ،بۇ ئىشنى دىيىش غەيۋەتكە كىرىدۇ، يوق ئىشنى دىگەن بولساڭ ئۇ قېرىندىشىڭغا تۆھمەت قىلغان بولىسەن.
15.جەننەتنىڭ باغلىرى دىگەن نىمە؟
ئىلمى سورۇنلار(بىلىم ئۈگىتىدىغان،مۇلاھىزە قىلىش ئارقىلىق توغرىلىقنى ئىزدەيدىغان سورۇنلار)،مەسىلەن ئاللانىڭ ئۆيى(مىچىت) ۋە بىلىملىك كىشىلەرنىڭ يىتەكچىلىكىدىكى بىلىم ئالماشتۇرۇش مەقسەت قىلغان سورۇنلار.
16.بىرلىككە كېلەلمىگەن مەسىلىلەرنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟
بىرلىككە كېلەلمىگەن مەسىلىلەرنى ئاللانىڭ قانۇنى(قۇر'ئان كېرىم)غا ۋە ئاللانىڭ ئەلچىسى مۇھەممەتنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە(ھەدىس) مۇراجەت قىلىش ئارقىلىق ھەل قىلىش كېرەك
بىزدىكى دەل-تالاشنىڭ تۇگىمەسلىكى دەل بىزنىڭ ئاللانىڭ قانۇنىنى ۋە ئاللانىڭ ئەلچىسىنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە ھۇرمەت قىلماسلىقتىن بولۇۋاتىدۇ،ناۋادا بىز دەل-تالاش قىلىشقان مەسىلىلەرنى كىتاۋى ئاساسىمىزغا ئاساسەن چۈشەنسەك،بىر تەرەپ قىلساق بىزدىكى دەل-تالاشنىڭ يىلتىزى قۇرۇغان بولاتتى.
مىڭ ئەپسۇس! نۇرغۇن مۇسۇلمانلار تا ھازىرغىچە ئاللانىڭ قانۇنى بولغان قۇر'ئان كېرىمنىڭ ئۇيغۇرغىسىنى تولۇق ئوقۇپ چىقمىدى،ھەدىسلەرنى تولۇق كۆرمىدى، شۇڭا بىزدىكى دەل-تالاش بىلگەنلەر بىلەن بىلمىگەنلەر ئوتتۇرىسىدا يەنى ئۆلۇكلەر بىلەن تىرىكلەر ئوتتۇرىسىدىكى مەسىلىگە ئايلاندى. دىمەكچى ئۆلۇكلەر قاتارىدا بولماي دىسىڭىز تېزدىن ئاللانىڭ قانۇنى بولغان قۇرئان كېرىمنى ۋە ھەدىسلەرنى تولۇق كۆرۇڭ(ھەدىس دىگەندە ئاساسلىق سەھۇل بۇخارا ۋە ياىشىلار باغچىسىدۇر ،بۇ ئىككى كىتاپتىڭ مەزمۇنىمۇ ئاساسەن ئوخشاپ كېتىدۇ). |
|