قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2736|ئىنكاس: 10

(bilgejan) نەرگىز، سىتانفورد ۋە پەرزەنت تەربىيىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

61

تېما

50

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15531
يازما سانى: 463
نادىر تېمىسى: 13
مۇنبەر پۇلى: 213
تۆھپە : 3490
توردىكى ۋاقتى: 1124
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-1 20:44:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-2 14:57  

نەرگىز، سىتانفورد ۋە پەرزەنت تەربىيىسى

تۇرسۇنجان بىلگە  
     


"ئارزۇيىڭغا يېتىشكە جۈرئىتىڭ بولسۇن، ئىگىزنى نىشانلا. يېتەرلىك تىرىشچانلىق كۆرسەتسەكلا ھەممىمىزنىڭ غايىمىزنى رىئاللىققا ئايلاندۇرۇش پۇرسىتىمىز بار"، دەيدۇ - گۈلنۇر خانىم. بۇ بىر مۇۋاپىققىيەت قازانغان ئۇيغۇر ئانىنىڭ ئۆز قىزىغا ۋە بارلىق ئۇيغۇر بالىلىرىغا ئېيتقان يۈرەك سۆزى.

يېقىندا ئامېرىكىدا تولۇق ئوتتۇر مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر قىزى نەرگىز مۇتەللىپنىڭ ئۇيغۇرلاردىن تۇنجى بولۇپ دۇنياغا داڭلىق سىتانفورد ئۇنىۋېرستېتىغا قوبۇل قىلىنغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلاپ تولىمۇ شاتلاندىم ۋە سېڭلىم نەرگىزگە ئىچ-ئىچىمدىن ئاپىرىن ئېيتتىم. نەرگىز بىلەن تۇنجى قېتىم 2013-يىلى 12-ئاينىڭ ئاخىرىدا ئامېرىكا ئورىگان شىتاتىتىنىڭ پورتلاند شەھرىدە كۆرۈشكىنىمدە ئۇنىڭ بىر زېرەك قىز ئىكەنلىكىنى بايقىغان ئىدىم. مانا ئەمدى ئۇنىڭ بۇ غەلبە خەۋىرى مېنى ھاياجانغا سالدى. مېنى تېخىمۇ خۇشال قىلغىنى نەرگىزنىڭ بۇ ئۇتۇقىدىن تاشپولات روزى ئاكا ئارقىلىق خەۋەر تاپقان "ناتىق ئانىلار توپى" دەپ ئاتالغان ئۈندىدار توپىدىكى ئۇيغۇر ئانىلارنىڭ نەرگىزگە بىر ئوقۇش مۇكاپاتى تەسىس قىلىپ ئۇنى مۇكاپاتلىغانلىقى بولدى. ناتىق ئانىلار توپىدىكى زۇمرەتگۈل خانىم نەرگىزنىڭ بۇ نەتىجىسىدىن ئىنتايىن تەسىرلىنىپ ئۇنىڭغا ناتىق ئانىلارغا ۋاكالىتەن بىر مۇكاپات بېرىشنى قارار قىلدى ۋە بۇ مۇكاپات ئاللىقاچان ئەمىللەشتى.

بىر مىللەت كىشىلىرى ئۈچۈن ھەر ساھەدە خەلقئارادا ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان نەتىجىلىك كىشىلەرنىڭ كۆپلەپ چىقىشى پۈتۈن مىللەت ئەزالىرىغا غورۇر، پەخىرلىنىش تۇيغۇسى ۋە ئىشەنچ ئاتا قىلىدۇ. ئۇيغۇر جەمئىيىتى 2015-يىلى مائارىپ ۋە ئىلىم-پەن ساھەسىدە كۆپلىگەن خۇشاللىنارلىق ئىشلارغا گۇۋاھ بولدى ھەمدە بۇ ئىشلار ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلاردا پەرزەنتلىرىنى تېخىمۇ ياخشى تەربىيەلەش ئۈچۈن ئويلىنىش ۋە ئويغىنىش ھاسىل قىلدى. ئىلگىرى كىشىلىرىمىز پەقەت خارۋارد ئۇنىۋېرستېتىنى ئەڭ داڭلىق ئۇنىۋېرستېت دەپ تونۇغان بولسا، مانا ئەمدى ئامېرىكىدا سىتانفورد ئۇنىۋېرستېتىغا ئوخشاش نۇرغۇن كەسىپلەردە خارۋاردنىڭمۇ ئالدىدا تۇرىدىغان داڭلىق ئۇنىۋېرستېتلارنىڭمۇ بارلىقىنى تونۇپ يەتمەكتە. مەنمۇ بىر دادا بولۇش سۈپىتىم بىلەن كەلگۈسىدە قىزىمنىڭ سىتانفورد ئۇنىۋېرستېتىغا ئوقۇشقا كىرىشىنى تولىمۇ ئۈمىد قىلىمەن. مەن ئۆزۈم ئۈچۈن ۋە ۋەتەندىكى پەرزەنت تەربىيىسىگە ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلىدىغان ئاتا-ئانىلار ئۈچۈن پايدىلىق بىر ئۇچۇر بولۇپ قالار دېگەن مەقسەتتە نەرگىز ۋە ئۇنىڭ ئانىسى گۈلنۇر خانىم بىلەن توردا سۆھبەت ئېلىپ باردىم. نۇرغۇن كىشىلەر نەرگىزنىڭ نەتىجە قازىنىشىنى ئۇنىڭ شۆھرەت مۇتەللىپتەك بىر داڭلىق ئالىمنىڭ پەرزەنتى بولغانلىقى بىلەن باغلاپ چۈشىنىشى مۇمكىن. ئەمما نەرگىزنىڭ ئاپىسى بۇ قاراشقا قوشۇلمايدۇ. ئۇنداق بولسا نەرگىز نېمە دەيدۇ؟ نەرگىزنىڭ ئانىسى نېمە دەيدۇ؟

نەرگىز بىلەن سۆھبەت

ئىككى يىل ئاۋۋال دىكابىرنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدە تاشپولات روزى ئاكا بىلەن بىرلىكتە پورتلاند شەھىرىگە بېرىپ شۇ يىلى دۇنيا ئىلىم-پەن ساھەسىدىكى ئون چوڭ بايقاشنىڭ بىرىنى بايقىغان ئاتاقلىق غول ھۈجەيرە ئالىمى شۆھرەت مۇتەللىپنى يوقلاپ بارغان ئىدۇق. نەرگىز ۋە ئادىلجان ئاچا-ئېنى ئىككەيلەن بىزنى ئىشىك ئالدىدا قىزغىن قۇچاقلاپ قارشى ئالدى. دەسلەپ نەرگىزنىڭ قائىدە-يوسۇنلۇق ۋە ئوچۇق-يورۇق قىز ئىكەنلىكىدىن تەسىرلەنگەن بولسام، كېيىن ئۇنىڭ دەمئىلىش كۈنلىرىمۇ مەكتىپىنىڭ سۇ ئۈزۈش كوماندىسىغا قاتنىشىپ مەشىق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىپ ئۇنىڭ تىرىشچانلىقىغا ھەم ئىرادىسىگە قايىل بولغان ئىدىم. بۇ يىل ئۇ دادىسى بىلەن بىرلىكتە داڭلىق ئىلمىي ژۇرناللاردا ئىككى پارچە ماقالە ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ بىرى دۇنياغا مەشھۇر "تەبىئەت" ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان ئىدى. بىلىشىمچە، نەرگىز دوكتور شۆھرەت مۇتەللىپ تەجىرىبىخانىسىدا ئىككى يىل پوستدوكتورلۇق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان دوستۇم ئالىم پولاتتىن كېيىن "تەبىئەت" تە ئوتتۇرا ئاپتورلۇقتا ماقالە ئېلان قىلغان يەنە بىر ئۇيغۇر ھېسابلىنىدۇ. مانا بۈگۈن ئۇنىڭ بىلەن توردا سىنلىق كۆرۈشكىنىمدە ئۇنىڭ باشقىچە سالماقلىق ۋە ئىشەنچ بىلەن ئۆزىنىڭ سىتانفورد ئۇنىۋېرستېتىغا ئۆتۈش جەريانىدىكى ئىش-ئىزلىرىنى قىسقىچە قىلىپ سۆزلەپ بېرىشلىرىدىن ئۇنىڭ نەقەدەر پىشىپ يېتىلگەن، مۇستەقىللىقى كۈچلۈك ۋە ئەقىللىق قىز بولۇپ چوڭ بولغانلىقىدىن خۇشاللاندىم.



ئامېرىكىدىكى داڭلىق ئالىي مەكتەپلەرگە كىرىش ئۈچۈن قانداق تەييارلىقلارنى كۆرۈش كېرەك؟

"سىتانفوردتەك داڭلىق ئۇنىۋېرستېتلارغا كىرىش ئۈچۈن پەقەت ياخشى ئوقۇش نەتىجىسى بولۇشلا كۇپايە قىلمايدۇ. ئۇلار يەنە سىزنىڭ دەرستىن سىرتقى پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش ئەھۋالىڭىزغا، مۇھىمى سىزنىڭ كەلگۈسىدە بىر باشلامچى بولۇش ئىھتىمالىڭىزنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكىگە قارايدۇ".

دەرۋەقە نەرگىز دەرسلەردە ئىنتايىن ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەندىن باشقا مەكتىپىدە "مۇنازىرە كۇلۇبى" قۇرۇپ چىقىدۇ. ئۇ بۇ كۇلۇبنى يېڭىدىن بىر قوللۇق قۇرۇپ چىققاندىن باشقا، قۇرۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۇنىڭ گۇرۇپپىسى ئورىگون شىتاتى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن پارلامېنىت مۇنازىرىسىدە چىمپىيونلۇققا ئېرىشىدۇ. ئۇ يەنە مەكتەپنىڭ ماتېماتىكا كۇلۇبىنىڭ رەئىسىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ ۋە مەكتىپىگە ۋەكىل بولۇپ كۆپ قېتىم مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىدۇ.

"باشقىلار مەندىن سىتانفوردقا ئۆتۈش ئۈچۈن قانداق ئالاھىدە ئىشلارنى قىلغانلىقىمنى سورىشىدۇ، ئەمما مەن ئويلايمەن داڭلىق ئالىي مەكتەپلەرگە ئۆتۈش ئۈچۈن كىشى ئادەتتىن تاشقىرى ئەقىللىق ياكى باشقا ھېچكىم قىلمىغان ئىشلارنى قىلىشى زۆرۈر ئەمەس. بەلكى ياخشى دەرس نەتىجىسى، ياخشى ئالىي مەكتەپكە كىرىش ئىمتىھان نومۇرى، كۇلۇبلارغا ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىش، ئۆز قىزىقىشى بويىچە ئىجتىمائىي پائالىيەتلەر ۋە خالىسانە مۇلازىمەتلەرنى ئېلىپ بېرىش، شۇنداقلا ئىمكانىيەت بولسا ئۆز قىزىقىشىغا يېقىن ساھەلەردە ياردەمچى بولۇپ ئىشلەش تەجىرىبىسى توپلاش، ئاندىن ئالىي مەكتەپكە ئىلتىماس خېتىنى ئىنتايىن ياخشى يېزىش ئارقىلىق ھەر قانداق ئوقۇغۇچى ئۆزى كۆزلىگەن مەكتەپلەرگە ئۆتەلەيدۇ" - دەيدۇ نەرگىز سالماقلىق بىلەن.



ئاتا-ئانىڭىز سىزنىڭ سىتانفوردقا كىرىشىڭىزگە قانداق ياردەملەردە بولدى؟

مەن نەرگىزدىن ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۇنىڭ سىتانفوردقا قوبۇل قىلىنىشىدا قانداق ياردەمدە بولغىنىنى سورىغىنىمدا، ئۇ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۇنى باشتىن-ئاخىر قوللاپ كەلگەنلىكىدىن ناھايىتى مەمنۇن ئىكەنلىكىنى، دادىسىنىڭ تەجىرىبىخانىسىدا ياردەمچى خىزمەتچى بولۇپ ئىشلىشىگە پۇرسەت يارىتىپ بارىتىپ بەرگەنلىكى ۋە شۇنىڭ نەتىجىسىدە داڭلىق ئىلمىي ژۇرناللاردا ماقالە ئېلان قىلالىغانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى.

"مەن ھەر مەۋسۈملۈك ئوقۇش جەريانىدا ھەپتىدە بىر نەچچە سائەت دادامنىڭ تەجىرىبىخانىسدا ئىشلەشنى داۋاملاشتۇردۇم، ئەمما يازلىق تەتىللەردە ئۇدا ئۈچ ئاي ھەر بىر كۈنىنى ئاساسەن تەجىرىبخانىدا ئۆتكۈزدم. مەن ماقالىدىكى DNA, RNA ئانالىزى، ھۈجەيرە يېتىشتۈرۈش قاتارلىق تەجىرىبىلەرنى ئىشلىدىم، يەنە كومپىيۇتېردىكى ئارتۇقچىلىقىم بىلەن ماقالىنىڭ گىرافىكلىرىنى ياسىدىم ۋە ماقالىنى تەھرىرلەشكە ياردەم بەردىم" دېدى نەرگىز.

مەن ئۇنىڭدىن قانداق كەسىپكە قىزىقىدىغانلىقى ۋە  كەلگۈسىدە دادىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىش ئېھتىمالى ھەققىدە سورىغىنىمدا، ئۇ قىسقا قىلىپ ئۆزىنىڭ ئىنژىنىرلىق، ماتېماتىكا ۋە كومپىيۇتېر ئىلىمىغا ئالاھىدە قىزىقىدىغانلىقىنى، يەنە بىئو-مېدىتسىنا ئىلىمىنىڭمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن ناھايىتى قىزىقارلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ سىتانفوردتا 2016-يىلى كۈزدە ئوقۇش باشلىغاندىن كېيىن، ئەھۋالغا قاراپ بىر كەسىپنى تاللاپ ئوقۇيدىغانلىقىنى، ئەگەر بىئو-مېدىتسىنا كەسپىنى تاللاپ قالسا دادىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئېھتىمالىنىڭ يۇقىرىلىقىنى سۆزلەپ بەردى.

"دادامنىڭ تەجىرىبىخانىسىدا دۇنيانىڭ ئەڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدىغان ئىلغار تېخنىكىلار ئىشلىتىلىدۇ ۋە ئىجاد قىلىنىپ تۇرىدۇ، مەن ھەتتا ئۇنىڭ تەجىرىبخانىسىدىكى تەتقىقات تۈرلىرىنىڭ كۆپلۈكىدىن ھەممىسىنى چۈشىنىشكە يېتىشىپ بولالماي قالىمەن. كەلگۈسىدەك ئۇنىڭدەك بىر مۇنەۋۋەر تەتقىقاتچى بىلەن ھەمكارلىشىش پۇرسىتى بولسا، مەن ناھايىتى خۇشاللىق بىلەن بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتىمەن". نەرگىزنىڭ ھەر بىر قىلغان سۆزى كەمىدە ئاسپىرانتلىقنى پۈتتۈرۈپ بولغان ئوقۇغۇچىلاردەك يۇقىرى دەرىجىدىكى ئىلمىي روھتىن بىشارەت بېرىپ تۇراتتى.

كەلگۈسىدىكى پىلانلىرىڭىز ھەققىدە سۆزلەپ بەرسىڭىز؟

مەن ھازىرچە قايسى كەسىپتە ئوقۇشنى تېخى ئېنىق قارار قىلىپ بولالمىدىم، ئەمما ماڭا ئېنىقى مەيلى قايسى كەسىپتە ئوقۇسام چوقۇم ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئاسپىرانتلىققا ئۆرلەپ ئوقۇيمەن. مەن مۇنازىرە قىلىشنى ياخشى كۆرىمەن ھەم بۇ جەھەتتە تالانتىم بار. شۇڭا سىتانفوردقا بارغاندىن كېيىن داۋاملىق مۇنازىرە مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشىپ تۇرۇشنى ئويلاۋاتىمەن.

نەرگىزنىڭ ۋەتەندىكى ئوتتۇرا قېرىنداشلارغا سۇنغان يۈرەك سۆزى

مەيلى سىزنىڭ قانداق ئارزۇيىڭىز بولسۇن، ئۆزىڭىزگە چوقۇم بىر نىشان تىكلەڭ. ئاندىن شۇ نىشانغا يېتىش ئۈچۈن قانداق قەدەملەرنى بېسىشىڭىز كېرەكلىكىنى بىلىۋىلىڭ ۋە دادىللىق بىلەن ئارزۇيىڭىزغا يېتىش ئۈچۈن تىرىشىڭ. مېنىڭچە، ھەر بىر ئادەم ئۆز ئارزۇسىغا يېتەلەيدۇ، پەقەت بەدەل تۆلەشنى خالىسىلا ئارزۇنىڭ چوڭى يوق.

سىز ۋەتەندىكى ئانىلارنىڭ مۇكاپاتلىشىغا سازاۋەر بوپسىز، بۇ ھەقتە قانداق ئويلايسىز؟

مەن زۇمرەتگۈل ھەدەم ۋە ناتىق ئانىلاردىن بەك تەسىرلەندىم، ئۇلار بىلەن بەكمۇ يۈز تۇرانە كۆرۈشكۈم بار. دادام ئىلگىرى مېنى مەكتەپتە ئالدىراش دەپ ئېلىپ بارمىغان ئىدى، ئەمما كىلەر ياز ئۇنىڭ بىلەن بىللە بارغۇم ھەمدە ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىم بىلەن كۆرۈشكۈم بار. مېنىڭ پورتلانددا ئۇيغۇر دوستلار بىلەن كۆپ ئۇچرىشىش پۇرستىم يوق، ئەمما مەن كۆپلىگەن ئۇيغۇر دوستلىرىم بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن ھەمدە ئۇيغۇر خەلقىمنىڭ قانداق ياشاۋاتقانلىقىنى بەكلا كۆرۈپ كەلگۈم بار.

نەرگىزنىڭ خېتى


قەدىرلىك زۇمرەتگۈل ھەدە ۋە ناتىق ئانىلار گۇرۇپپىسىدىكى بارلىق ئەزالار،

مەن تاشپولات ئاكامدىن ناتىق ئانىلار گۇرۇپپىسىغا ۋاكالىتەن تەمىنلەنگەن ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشكەنلىكىمنى ئۇقتۇم. مەن بۇنداق كاتتا شەرەپكە ئېرىشكەنلىكىمدىن ناھايىتى خۇشال بولدۇم ھەم تەسىرلەندىم. مەن سىلەرنىڭ مېھرىبانلىقلارغا ۋە سېخىي سۆيۈنچىڭلارغا كۆپتىن كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن. مەن ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇش ھاياتىمنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىمدىن، شۇنىڭدەك ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلىرىمىزنىڭ مەندىن پەخىرلەنگەنلىگىدىن ناھايىتى ھاياجانلىنىۋاتىمەن. بۇ ئوقۇش مۇكاپاتى مېنىڭ كەلگۈسى ئارزۇلىرىمنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىدا زور ياردەمدە بولىدۇ. مەن بۇ ئېرىشكەن پۇلغا ئالىي مەكتەپتە قوللىنىدىغان كىتابلارنى سېتىۋېلىشنى پىلان قىلىۋاتىمەن. مەن ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتىدا كومپيۇتېر ئىلمىي ياكى ئىنژېنېرلىق كەسپىنى ئوقۇشنى، ھەمدە ستانفورد مۇنازىرە گۇرۇپپىسىغا قاتنىشىشنى ئارزۇ قىلىۋاتىمەن. مەن ھاياتىمنىڭ يېڭى باسقۇچلىرىغا قەدەم قويغانلىقىمدىن ناھايىتى خۇشال ھەمدە سىلەرنىڭ مېنىڭ بارلىق قولغا كەلتۈرمەكچى بولغان ئارزۇلىرىم ئۈچۈن ياردەمدە بولۇۋاتقىنىڭلارغا يەنە بىر قېتىم تەشەككۈر ئېيتىمەن. بۇ خەت بىلەن بىرگە سىلەرگە مېنى ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوقۇشقا قوبۇل قىلغانلىق خېتىنىڭ كۆچۈرۈلمە نۇسخىسىنى ۋە تەرجىمالىمنى ئەۋەتتىم. مەن داۋاملىق ئوقۇشۇم توغرىلىق سىلەرنى خەۋەرلەندۈرۈپ تۇرىمەن ھەمدە سىلەرنىڭ بەختلىك ساغلام تۇرۇشۇڭلارغا تىلەكداشمەن! دادام مېنىڭ بىلەن ئىنىم ئىككىمىزنى مۇۋاپىق ۋاقىتتا شىنجاڭغا ئاپىرىپ كېلىشىنى ۋەدە قىلدى. مەن بىزنىڭ گۈزەل ۋەتىنىمىزنى كۆرۈشنى تەقەززالىق بىلەن كۈتۈۋاتىمەن ھەمدە سىز ۋە ناتىق ئانىلار گۇرۇپپىسىدىكى بارلىق ئانىلار بىلەن ئۇچرىشىشنى ئارزۇ قىلىمەن!

ھۆرمەت بىلەن،
نەرگىز مۇتەللىپ


نەرگىزنىڭ ئانىسى گۈلنۇر خانىم بىلەن سۆھبەت

نەرگىز بىلەن سۆھبىتىمىزنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، نەرگىزنىڭ ئانىسى گۈلنۇر خانىم بىلەن ناھايىتى مول-ھوسۇللۇق سۆھبەت ئېلىپ باردىم. گۈلنۇر خانىمنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، ئۇيغۇرلارنىڭ پەرزەنت تەربىيىسى ھەققىدە ئويلىنىشقا تىگىشلىك ناھايىتى كۆپ نۇقتىلارنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلدىم. گۈلنۇر ھەدەم نەرگىزنىڭ سىتانفوردقا قوبۇل قىلىنىشى 90% نەرگىزنىڭ ئۆز تىرىشچانلىقى، 10% بىزنىڭ ياردىمىمىزدىن بولدى، دەيدۇ.

سوئال: گۈلنۇر ھەدە، شۆھرەتكام ئىككىڭلار نەرگىزنىڭ سىتانفوردقا ئۆتۈشى ئۈچۈن شۇ 10% رول ئوينىغىنىڭلارنى تىلغا ئالدىڭىز، ئېنىقى سىلەر شۇ 10% ياردەمنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلدىڭلار. ئالدى بىلەن، نەرگىزنىڭ بالىلىق دەۋرىدىكى دەسلەپكى تەربىيىسىدە سىلەر باسقان ئىنچىكە قەدەملەر ھەققىدە سۆزلەپ بەرسىڭىز.

مېنىڭچە، بالىلار مەكتەپ كىرىشتىن بۇرۇن ئۇلارغا ئوقۇشنى ۋە يېزىشنى ئۆگىتىش كېرەك. شۆھرەت ئىككىمىزنىڭ ئامېرىكىدا ئۇزۇن مۇددەت تۇرۇپ قىلىشىمىز پەرزەنتلىرىمىزنىڭ مۇۋاپىققىيەت قازىنىشى ئۈچۈن ئىدى. شۇڭا شۆھرەت ئالدىراش بولسىمۇ، نەرگىزنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ ئۇنىڭغا ئوقۇشنى ئۆگىتەتتى. مەنمۇ پۈتۈن دىققىتىمنى بالىلارنىڭ تەربىيىسىگە قاراتتىم، شۇنداق قىلىپ نەرگىز مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇنلا خىلى ئوبدان ئوقۇپ يازالايدىغان بولدى. بۇنىڭ بالىنىڭ مەكتەپكە ئۆزىگە ئىشەنچ تىكلىشىگە زور ياردىمى بولىدىكەن. بىز نەرگىز كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپ، ماتېماتىكىنى ناھايىتى چىڭ تۇتتۇق. ئۇنىڭغا مەكتەپتە ئۆتۈلگەن دەرسلەرنىلا ئەمەس، ئائىلىدە مەكتەپتە تېخى ئۆتۈلمىگەن ماتېماتىكىلىق بىلىملەرنى ئۆگەتتۇق. ئاندىن مەن ئۇنى دائىم كۈتۈپخانىلارغا ئاپىرىپ كىتاب ئوقۇشقا ئۈندىدىم. شۇڭا ئۇ كىچىكىدىن باشلاپلا مەكتەپتە ئۆتۈلگەن دەرسلەردە ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىشنىڭ ئادەتتىكى ئىش ئىكەنلىكىنى، دەرسخانا سىرتىدا ئۆگىنىشكە تىگىشلىك نۇرغۇن بىلىملەر بارلىقىنى تونۇپ يەتتى.

سوئال: سىزچە نەرگىزنىڭ قانداق ئادەتلىرى ئۇنىڭ مۇۋاپىققىيەت قازىنىشىغا ياردەم بەردى؟

نەرگىز ئەزەلدىن بىر ئىش قىلغاندا كۈتۈلگەن ۋە تەلەپ قىلىنغاندىن ھەسسىلەپ ئاشۇرۇپ ياخشى قىلىشقا ئادەتلەنگەن. ئۇنىڭ ئۆزىگە بولغان تەلىپى ناھايىتى يۇقىرى، ھەم نىشانىمۇ ناھايىتى ئىگىز. ئۇ كىچىكىدىن ئۆزىگە ئىشىنىدۇ. ئۇ ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ۋاقىتلىرىدىلا ناھايىتى كۆپ كىتابلارنى ئوقۇپ بولغان بولۇپ، ئۇ قانچە كۆپ كىتاب ئوقۇغانسىرى شۇنچە ياخشى يازىدىغان بولۇپ كەتتى. ئۇ ئەزەلدىن پەقەت ئائىلە تاپشۇرۇقىنى ئىشلەش بىلەنلا قانائەتلىنىپ قالمايدۇ ھەم ئائىلە تاپشۇرۇقىغا كەلگەندە ئىنتايىن ئەستائىدىل بولۇپ، مەكتەپتىن قايتىپ كەلسە ئائىلە تاپشۇرۇقىنى ئىشلەپ بولماي تۇرۇپ تاماق يىگىلىمۇ ئۇنىمايدۇ. ئۇنىڭدا ئوقۇشقا، يېڭى نەرسىلەرنى ئۆگىنىشكە بولغان شۇ قەدەر يۈكسەك قىزغىنلىق بار. ئۇنىڭ تىرىشچانلىقى پۈتۈنلەي ئۇنىڭ ئۆز قىزىقىشى ۋە ئىرادىسىدىن كەلگەن، بىز ئەزەلدىن ئۇنىڭغا تىرىشىش توغرىسىدا بىر ئېغىز نەسىھەت قىلىپ باقمىغان.

مېنى ناھايىتى خوش قىلىدىغىنى ۋە ھەيران قالدۇردىغىنى، نەرگىزنىڭ ئالاھىدە ئاكتىپلىق بىلەن ئۆزىنىڭ كەلگۈسىنى پىلانلىشى. ئۇ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ۋاقىتلىرىدىلا كەلگۈسىدە سىتانفورد ئۇنىۋېرستېتى ياكى خارۋارد ئۇنىۋېرستېتىدا ئوقۇشنىڭ گېپىنى قىلاتتى ۋە داڭلىق مەكتەپلەرنىڭ ئىلتىماس قىلغۇچىلارغا قويىدىغان تەلەپلىرىنى ئىنچىكىلىك بىلەن تەھلىل قىلاتتى. ئۇ بىزگە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە يۇقىرى دەرىجىلىكلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان دەرسلەر (advanced placement class) نى كۆپلەپ ئوقۇشنىڭ ياخشى ئالىي مەكتەپلەرگە كىرىشتە ناھايىتى مۇھىلىقىنى ئېيتتى ۋە ئۆزى ئاختۇرۇپ باشقا بىر مەكتەپتە بۇنداق دەرسلەرنىڭ كۆپ ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىز نەرگىزنىڭ شۇ مەكتەپتە ئوقۇيالىشى ئۈچۈن مەكتەپكە يېقىن بىر جايغا كۆچۈپ باردۇق. نەرگىز ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدە تۇرۇپمۇ، دوستلىرى ناھايىتى كۆپ، ئۆزىگە تونۇشلۇق بولغان مەكتەپتىن ۋاز كېچىپ، ناتونۇش بىر مەكتەپكە كۆچۈپ بېرىشنى خالىدى. بىز نەرگىزنىڭ ھەر ۋاقىت ھەر ئىشتا تەلەپ قىلىنغاندىن تېخىمۇ ياخشىراق قىلىدىغان ئادىتى ۋە ئاكتىپلىقىدىن بەكمۇ تەسىرلىنىمىز ۋە ئۇنىڭدىن پەخىرلىنىمىز.

سوئال: نەرگىزنىڭ بىر ياخشى ئائىلىدە ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۇنىڭ ھازىرقى نەتىجىلەرگە ئېرىشىشىدە قانچىلىك مۇھىم رول ئوينىدى دەپ قارايسىز؟

مېنىڭچە، ياخشى ئالىي مەكتەپلەرگە ئۆتۈش بولامدۇ ياكى باشقا ئارزۇ بولامدۇ، ھەر قانداق كىشىنىڭ مۇۋاپىققىيەت قازىنىش پۇرسىتى بار، مېنىڭچە نەرگىزمۇ ئالاھىدە ئەمەس. بىز نەرگىزنىڭ ئوقۇشى ئۈچۈن كۆپ پۇل خەجلىگىنىمىز يوق ياكى ئۇنىڭغا بىرەر ئالاھىدە شارئىت تەمىنلەپ بەرگىنىمىزمۇ يوق. بىراۋنىڭ كۆزلىگەن نىشانغا يېتىشىدىكى ئەڭ مۇھىم نەرسە پۇل ئەمەس، ئالاھىدە ئائىلە ئارقا كۆرۈنۈشى بولۇشىمۇ ئەمەس، بەلكى كۈچلۈك ئىرادە ئەڭ ھەل قىلغۇچ ئامىلدۇر. ئەمەلىيەتتە، نەرگىزنىڭ ھازىرقى نەتىجىسى ئاساسەن ئۇنىڭ ئۆز تىرىشچانلىقىدىن بولغان، ئۇ بىزگە قانداق قىلىشنى ئۆگىتىپ تۇرىدۇ. ئۇ تولۇق ئوتتۇرىغا كىرىشتىن ياخشى ئالىي مەكتەپكە كىرىش ئۈچۈن قانداق ئىشلارنى قىلىشى كېرەكلىكىنى ئېنىق بىلەتتى. مەسىلەن، ئۇ بۇرۇنلا خارۋارد ئۇنىۋېرستېتنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا كەمىدە ئۇدا تۆت يىل بىر چەتئەل تىلى دەرىسىنى ئوقۇغان بولۇش شەرتى بارلىقىنى بىلىپ، تولۇق ئوتتۇرىدا تۆت يىل ئىسپان تىلى دەرىسىگە قاتناشتى. ئۇ توردىن ھەقسىز، ناھايىتى ياخشى ئۆگىنىش ماتىرىياللىرىنى تېپىپ، ئالىي مەكتەپكە كىرىش ئىمتىھانىغا 3 يىل بۇرۇنلا تەييارلىقنى باشلىۋەتتى. نۇرغۇن تەقلىد ئىمتىھان سوئاللىرىنى ئىشلىدى ۋە كېيىن خان ئاكادىمىيىسىنىڭ توردىكى ھەقسىز ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىش دەرسلىرىنى ئالدى. دېمەك، مۇۋاپىققىيەت قازىنىش ئۈچۈن پۇلىڭىز بولۇشى كېرەك ئەمەس، كۈتۈپخانىدىكى ھەقسىز كىتابلار، توردىكى ھەقسىز مەنبەلەردىن پايدىلىنىشنى بىلسىڭىزلا پۇلىڭىز بولمىسىمۇ ئوخشاشلا ياخشى نەتىجىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.

شۆھرەت ئىككىمىز دائىم نەرگىزنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئۆگەندۇق، ئۇنىڭغا ئىلھام بەردۇق. ئەگەر بىز قىزىمىزغا ئالاھىدە ئىش قىلىپ بەردۇق دېسەك، بىردىنبىر ئالاھىدە ئىش شۆھرەت نەرگىزگە تەجىرىبخانىسىدىن بىر كىشىلىك ياردەمچىلىك خىزمىتى بەردى. نۇرغۇن ئالىي مەكتەپلەر ئوتتۇر مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تەتقىقات ۋە ياكى ئۆزى ھەقىقىي قىزىققان بىر ساھەدە پەقەت ئېغىزىدا قىزىقىمەن دېمەي، بەلكى ئەمەلىي ئىشلار ئارقىلىق ئۆز قىزىقىشى ئۈچۈن تىرىشقانلىقىنى، بۇ قىزىقىشىنىڭ ئەستائىدىل بىر قىزىقىش ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىشىنى كۈتىدۇ. ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ياردەمچىلىك خىزمىتى (internship) تاپمىقى ئاسان ئەمەس، شۇڭا شۆھرەت ئۇنىڭغا بىر ئورۇن بەردى. ئاخىرىدا نەرگىز ھەقىقىي تىرىشىپ ياخشى نەتىجە چىقارغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ دۇنياغا داڭلىق ژۇرنالدا ئېلان قىلىنغان تەتقىقات نەتىجىسىنىڭ ئاپتورلىرىدىن بولۇش شەرىپىگە ئېرىشتى. بىز ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ نەرگىزنىڭ تېخىمۇ ياخشى مەكتەپتە ئوقۇيالىشى ئۈچۈن ئىككى قېتىم ئۆي كۆچتۇق. بۇ ھەممەيلەن ئۈچۈن ئاۋارىچىلىق ئىش بولسىمۇ، بىز ئۇنى قوللىماقچى بولدۇق.

سوئال: نەرگىز جەمئىي قانچە مەكتەپكە ئىلتىماس قىلدى؟ ئىلتىماس ئۈچۈن تەييارلىق قىلىش جەريانىدا نەرگىز قانداق ئىشلارنى قىلدى؟ سىلەر ئۇنىڭغا قانداق ياردەمدە بولدۇڭلار؟

سىتانفورد ئۇنىۋېرستېتى نەرگىز كىرىشنى ئەڭ ئارزۇ قىلىدىغان مەكتەپ ئىدى. ئامېرىكىدا ئادەتتە، ھەر قانداق مۇۋاپىققىيەت قازانغان بىر ئوقۇغۇچى كەمىدە 10 ئەتراپىدا مەكتەپلەرگە ئىلتىماس تاپشۇرىدۇ. مەكتەپلەرمۇ ئوقۇغۇچىلارغا قانداق ئىلتىماس قىلىش ھەققىدە مەخسۇس تەربىيەلەش ئېلىپ بارىدۇ ۋە ئاتا-ئانىلاردىن بالىلىرى ئاللىقاچان داڭلىق ئۇنىۋېرستېتلاردا ئوقۇۋاتقان ئاتا-ئانىلاردىن مەسلىھەت سوراشنى، ئۇلار بىلەن پىكىرلىشىشنى سورايدۇ. مەنمۇ ئۆز ۋاقتىدا بالىلىرى سىتانفوردقا ئۆتكەن كۆپلىگەن ئاتا-ئانىلارنى ئىزدەپ بېرىپ ئۇلار بىلەن پىكىرلەشكەن. ئۇلارنىڭ دەيدىغىنى، بىزنىڭ بالىمىز ئالاھىدە تالانىت ئىگىسى ئەمەس، بىزمۇ ئالاھىدە ئىش قىلمىدۇق. ئۇلار پەقەت دەرستە ياخشى نەتىجىگە ئېرىشكەندىن باشقا، كۆپلىگەن خالىسانە ياردەم قىلىش، ھەر خىل كۇلۇبلار، مۇسابىقىلەر دېگەندەك دەرستىن سىرتقى پائالىيەتلەرگە كۆپلەپ قاتناشقان ھەمدە لىدىرلىق قىلىش قابىلىيىتىنى نامايەن قىلىدىغان پائالىيەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرغان.

نەرگىزمۇ بۇلارنى ئېنىق بىلەتتى، شۇڭا ئۇ دەسلەپ مەكتەپنىڭ ماتېماتىكا كۇلۇبىغا كىردى ۋە كېيىن رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىدى. يەنە كۆپ قېتىم "بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى تەقلىد قىلىش" مۇنازىرىلىرىگە قاتنىشىپ، پىرىزدېنت ۋە باش ئەلچىلىرىنى رولىنى ئۆتىدى. ئۆزى مەكتىپىدە تۇنجى بولۇپ "مۇنازىرە كۇلۇبى" قۇرۇپ چىقىپ، مەكتىپىگە ۋاكالىتەن مۇنازىرە مۇسابىقىلىرىگە قاتناشى ۋە ئورىگون شىتاتى بويىچە چىمپىيونلۇققا ئېرىشتى. ئۇنىڭ يېزىقچىلىق ئىقتىدارى ئالاھىدە ياخشى، شۇڭا ئۇ مەكتەپ گېزىتىنىڭ تەھرىرلىكىنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى ۋە ئايدا كەمىدە 3-4 پارچىدىن ماقالە يېزىپ مەكتەپ گېزىتىدە ئېلان قىلدى. ئۇ ئىلگىرى مەكتەپنىڭ ئۇزۇنغا يۈگۈرۈش كوماندىسىدا ئىدى، ھازىر ئۇ سۇ ئۈزۈش كوماندىسىدا مۇسابىقىگە قاتنشىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ مەكتىپىدە ئولىمپىك مۇسابىقىلىرىنىڭ سۇ ئۈزۈش تۈرىگە قاتنىشىدىغان ئوقوغۇچىلار بار، نەرگىز ئەڭ ياخشىسى بولمىسىمۇ، ئۇمۇ سۇ ئۈزۈش مۇسابىقىلىرىغا قاتنىشىپ تۇرىدۇ.

نەرگىز يەنە ئۇدا بىر قانچە يىل ۋاقىت چىقىرىپ ئىقتىسادىي قېيىنچىلىقى بار ياشانغانلارغا تاماق توشۇيدىغان خالىسانە ئەترەتكە قاتنىشىپ، جەمئىي 60 سائەتتىن كۆپرەك خالىسانە مۇلازىمەت قىلدى. ئۇ ھازىر يەنە مەكتەپتە خالىسانە يېزىقچىلىق ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ، باشقا ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېزىقچىلىق ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم قىلىپ كىلىۋاتىدۇ.

نەرگىز جەمئىي 9 مەكتەپكە ئىلتىماس قىلماقچى ئىدى. ئۇنىڭ ئۈچى سىتانفورد، خارۋارد، پىرىنستون قاتارلىق ئەڭ داڭدار مەكتەپلەر، يەنە ئۈچى ناھايىتى داڭلىق، ئەمما كىرىش سەل ئاسانراق مەكتەپلەر، قالغان ئۈچى مېنى ئالغىنىدىن خوش بولسا بولىدۇ دەپ قارالغان ئاسانلا كىرەلەيمەن دەپ قارىغان مەكتەپلەر ئىدى. ئەمما ئۇ ئىلتىماس قىلغان مەكتەپلەر ئىچىدە جاۋاب كەلگەن ئىككىلىسى ئۇنى قوبۇل قىلماقچى بولدى، بۇنىڭ بىرى سىتانفورد ئۇنىۋېرستېتى - ئۇنىڭ ئەڭ ئارزۇ قىلىدىغان مەكتىپى. شۇڭا نەرگىز ھازىر باشقا مەكتەپلەرنىڭ جاۋابىغا ئازراقمۇ قىزىقمايدۇ، سىتانفوردقا بېرىشنى قارار قىلىپ بولدى. بۇ جەرياندا شۆھرەت ئىككىمىز پەقەت نەرگىزنىڭ قانداق تەييارلىقلارنى قىلىشىغا ئازراق مەسلىھەت كۆرسەتتۇق. مەن ئۇنى سۇ ئۈزۈش ۋە ئۇزۇنغا يۈگرەيدىغان ۋاقىتلاردىن ماشىنىدا ئاپىرىپ ئەكەلدىم. ئۇنىڭغا ھەر ۋاقىت مەدەت بېرىپ تۇردۇق. ئۇ ئەزەلدىن ئۆزىنىڭ ئىشىنى ئۆزى قىلىپ كۆنگەن ۋە ئالاھىدە ئۆزىگە ئىشىنىدىغان بولغاچقا، بىز كۆپ كۈچ سەرىپ قىلمىدۇق، ئاساسەن ئۆزىدىن تىرشچانلىقى بىلەن ئەتراپلىق تەييارلىق قىلغاچقا سىتانفوردقا كىرەلىدى.

سوئال: سىزنىڭ ئاتا-ئانىلار ۋە بالىلارغا دەيدىغان سۆزلىرىڭىزنى ئاڭلاپ باقسام؟

رەھمەت. مەنمۇ بۇرۇن باشقا ئاتا-ئانىلاردىن تەجىرىبىلىرىنى سورايتتىم، ئەمدى مەنمۇ تەجىرىبىلىرىمنى ئورتاقلىشالىغىنىمدىن بەك خۇشال بولۇۋاتىمەن. مېنىڭ دەيدىغىنىم، ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ مۇۋاپىققىيەت قازىنىشىغا ياردەم بېرىشى ئۈچۈن كۆپ پۇلى بولۇشىنىڭ ھاجىتى يوق، ئالاھىدە شارائىت تەمىنلەپ بېرىشىنىڭ ياكى ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى تەكلىپ قىلىپ بېرىشىنىڭمۇ ھاجىتى يوق. نۇرغۇنلىغان بىكارلىق ئۆگىنىش مەنبەلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىش كېرەك ھەم بالىلارنىڭ نىشان تىكلىشىگە، ياخشى ئادەت يېتىلدۈرۈشىگە ياردەم قىلىشى كېرەك. بالىلارنى كىچىكىدىلا كىتاب ئوقۇشقا ئادەتلەندۈرسە، ماتېماتىكا بىلىملىرىنى پۇختا ئۆگەتسە، بۇنىڭ بالىلارغا كۆپ پايدىسى بولىدۇ. مېنىڭچە، ئاتا-ئانىلار چوقۇم بالىلارنىڭ قىزىقىشىغا ھۆرمەت قىلىشى، ئۇلارنىڭ مۇستەقىل قارار چىقىرىشىغا يول قويۇشى ۋە ئۇلارغا ئىشىنىشى كېرەك.

بالىلارغا دەيدىغىنىم: ئارزۇيىڭغا يېتىشكە جۈرئىتىڭ بولسۇن، ئىگىزنى نىشانلا. يېتەرلىك تىرىشچانلىق كۆرسەتسەكلا ھەممىمىزنىڭ غايىمىزنى رىئاللىققا ئايلاندۇرۇش پۇرسىتىمىز بار.

كىشىلەر دائىم داڭلىق ئالىملار ياكى مۇۋاپىققىيەت قازانغان نام-ئابرويلۇق كىشىلەرنىڭ پەرزەنتلىرى ئاتا-ئانىسىنىڭ ياردىمىدە ئاسانراق نەتىجە قازىنىدۇ، دەپ ئويلايدۇ. ئەمما ئەمەلىيەتتە خىلى كۆپ ۋاقىتلاردا ئالىي مەكتەپ پىروفېسسورلىرىنىڭ ياكى باشقا داڭلىق شەخىسلەرنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ ئۇلارنى دورىماي، ئەكسىچە ئوقۇشتىن قاچىدىغان، تىرىشمايدىغان، يارامسىز ئادەم بولۇپ قالىدىغانلىقىغىمۇ گۇۋاھ بولىمىز. مەيلى قانداقلا بولمىسۇن، ئائىلە تەربىيىسىنىڭ، ئاتا-ئانىنىڭ قوللىشىنىڭ پەرزەنتلەرنىڭ مۇۋاپىققىيەت قازىنىشىدا مەيلى ئۇنداق ياكى مۇنداق تەسىرلەرنى ئېلىپ كىلىدىغانلىقى مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان پاكىتتۇر. نۇرغۇن ئۇيغۇر ئائىلىلىرىدە شۇنچىلىك تىرىشچان، ئەقىللىق بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمەي ئالىي مەكتەپ سىرتىدا قالغانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى ئەسلى يېتەلەيدىغان چوققىلارغا يېتەلمىگەنلىكىنى بىلىمىز. ئۇيغۇر تىلىدا ئادەتتە "بالا باقتۇق" دېگەن سۆز كۆپ ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، ئىنگلىز تىلىدا ئەكسىچە "raised a kid"  (بالا ئۆستۈردۇق، بالا تەربىيىلىدۇق، دېگەن مەنىدە) دېگەن سۆز ئىشلىتىلىدۇ. بۇ يەردە بىر ماھىيەتلىك پەرق بولۇپ، كۆپلىگەن ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلار پەرزەنتىنىڭ قورسىقى توق، كىيىمى پۈتۈن بولسا، ئاچ-يالىڭاچ قالمىسىلا، بالا باقتىم دەپ پەخىرلىنىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بالىنىڭ قورسىقىنى ئاچ-قويماسلىق، ئۇنى خېيىم-خەتەردىن قوغداش دېگەندەك ئىشلار ھايۋاناتلار دۇنياسىدىمۇ ئومۇميۈزلۈك ئۇچرايدىغان ئىش بولۇپ، ئىنسان بالىسىنى دۇنياغا كۆز ئاچقۇزغان ئاتا-ئانىلارغا تەلەپ يۇقىرىراق قويۇلۇشى كېرەك ئىدى. بىر قىسى ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلاردا ھەتتا بالىسىغا مېھىر-مۇھەببەت بەرگەنلىكى ۋە ئۇلارنى "بېقىپ چوڭ قىلغانلىقى" ئۈچۈن، بالىسىنى مال-مۈلۈك ئورنىدا كۆرىدىغان ئىشلارنىڭ داۋاملىشىشى ئىنسانىيەت 21-ئەسىرگە قەدەم قويغان مۇشۇ ئاي-مۇشۇ كۈنلەردە مىللەتنىڭ نومۇسى، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت دېسەكمۇ ئارتۇق كەتمەيدۇ. مۇستەبىتلىك بىلەن بالىنىڭ بارلىق قارارلىرىنى ئۆزى چىقىرىپ، ئۇلارنىڭ تەربىيىلىنىش ئېھتىياجى، روھىي ئېھتىياجى ۋە باشقا ئېھتىياجلىرىغا سەل قاراپ، پەقەت پەرزەنتلىرىنىڭ قورساق، كىيىم ۋە قوغدىنىش ئېھتىياجىنىلا قاندۇرۇپ كەلگەن ئاتا-ئانىلار ئۆزلىرىنىڭ ۋىجىدانىغا، ئەخلاقىغا، ساپاسىغا سوئال قويۇشى، بېشىنى سېلكىۋىتىپ كەسكىن رىقابەتكە تولغان زامانىۋى دۇنيادا پەرزەنتلىرىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ئۈچۈن بالىنى قانداق تەربىيىلىشى كېرەكلىكى ھەققىدە چوڭقۇر ئويلىنىشى، كونا ۋە خاتا ئىددىيەلەرنى چۆرۈپ تاشلاپ "بالا بېقىش" تىن ئەقلىي، ئىستىخىيىلىك ھالدا "بالا تەربىيەلەش"كە يۈزلىنىدىغان ئۆتكۈنچى باسقۇچتىن ئاتلىشى زۆرۈردۇر. ئەلۋەتتە، بالىلارنى ياخشى تەربىيلەش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن، ئاتا-ئانا بولغۇچى ئاۋۋال ئۆزىنى تەربىيىلىشى زۆرۈر. مېنىڭچە، ھازىرمۇ بالىسى مەكتەپتە شۇنچىلىك ياخشى ئوقۇيدىغان، كۈچلۈك ئوقۇش ئارزۇسى بار بالىلىرىنى يوقىلاڭ باھانىلەر بىلەن ئوقۇغىلى قويمايدىغان ئاتا-ئانىلار ئەڭ بولمىغاندا جەمئىيەت ئەخلاقىنىڭ جازاسىغا تارتىلىشى كېرەك. كاللىسى كونا قاراشلار بىلەن تولۇپ كەتكەن كىشىلەرگە كۆپرەك تەربىيە ئېلىپ بېرىلىشى بەكمۇ زۆرۈر بىر ئىش.

مەن يېقىندىن بىرى ئۇيغۇر تور دۇنياسىدا 2016-يىلىنى نېمە يىلى قىلىش كېرەكلىكى ھەققىدىكى مۇنازىرىلىرىگە دىققەت قىلىپ قالدىم. 2015-يىلى "كىتاب يىلى" بوپتۇ، مەن ئۈچۈن ھەر يىلى كىتاب يىلى. ئىنساننىڭ كىتاب ئوقۇشقا بولغان ئېھتىياجىنى خۇددى ھاۋاغا، سۇغا بولغان ئېھتىياجىغا سېلىشتۇرۇش مۇمكىن، پەقەت ئالدىنىقىسى فىزىئولوگىيىلىك، كېيىنكىسى روھىي ئېھتىياجدۇر. گەرچە مەلۇم يىلىنى پالانچى يىلى دەپ نام قويۇۋىلىشنى ئانچە قوللاپ كەتمىسەممۇ، شۇنداق پالانچى يىلى دەپ ئاتاش كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى شۇ ئىشقا مەركەزلەشتۈرۈشكە راستىنلا ياردىمى بولىدىغان ئىش بولسا، 2016-يىلىنى "پەرزەنت تەربيىسى يىلى" قىلىش ئەڭ ئەھمىيەتكە ئىگە ئىش بولۇشى مۇمكىن. پەرزەنت تەربىيىسى ئاڭلىماققا، ئاتا-ئانىلار ياكى ئۇستازلارنىڭ زىممىسىدىكى ئىشتەك تۇيۇلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ پۈتۈن جەمئىيەت قاتنىشىشى كېرەك بولغان بىر مۇھىم ئىشتۇر.

كىشىنى خۇشال قىلىدىغىنى، ئۈندىدارنىڭ كىشىلەرنىڭ ئالاقە قىلىشىغا ئېلىپ كەلگەن قولايلىقلىرىدىن ياخشى پايدىلىنىۋاتقان بىر قىسىم ئەقلى سەگەك كىشىلىرىمىز ئۈندىداردىن توپلىرىدا ساغلاملىق، پەرزەنت تەربىيىسى ۋە ئاتا-ئانىلىق تەربىيىسى ھەققىدە سۆھبەت ۋە لىكسىيەلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشمەكتە. مەن بىلىدىغان بۇنداق ئۈندىدار توپلىرىنىڭ بىرى دەل "ناتىق ئانىلار" توپى بولۇپ، بۇ توپنى شىنجاڭدىكى مەلۇم ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقان كۆيۈمچان ئۇستاز رەيھانگۈل مۇئەللىم قۇرغان ئىكەن. رەيھانگۈل مۇئەللىم مەكتىپىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ روھىي ساغلاملىقىغا مەسئۇل بولۇپ، كۆپ قېتىم مەسىلە كۆرۈلگەن ئوقۇغۇچىلار بىلەن سۆھبەتلىشىش جەريانىدا، ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىنى تەربىيىلەشنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يەتكەن. ئۇ كۈچىنىڭ يېتىشىچە ئانىلارغا پەرزەنت تەربىيەلەش، ياخشى ئائىلە مۇھىتى بەرپا قىلىش ھەققىدە بىلىم تارقىتىشنى مەقسەت قىلىپ ئۈندىداردا "ناتىق ئانىلار" توپىنى قۇرغان بولۇپ، ھازىر ناتىق ئانىلارنىڭ سانى 3 مىڭغا يەتكەنلىكىنى سۆزلەپ بەردى. بۇ توپ مەقسىتى مىللەتنىڭ ئۇنىۋىرسال ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئانىلارغا مەنىۋى، روھىي جەھەتتىن تەربىيىلەپ، ئانىلارنى توغرا ۋە ئەركىن پىكىر قىلىشقا يېتەكلەش ئارقىلىق پەرزەنتلەرنى تېخىمۇ ياخشى تەربىيىلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشنى مەقسەت قىلىدىكەن. رەيھانگۈل خانىم ۋە ناتىق ئانىلار توپىدىكى مىڭلىغان ئانىلار ھازىر پەرزەنت تەربىيەلەشتىكى تەجىرىبىلىرىنى ئۈندىدار ئارقىلىق بىر-بىرىدىن ئۆگىنىپ جەمئىيەتتە پەرزەنت تەربىيەلەشكە ئەھمىيەت بېرىدىغان ئىجتىمائىي كەيپىيات يارىتىشقا نىسبەتەن مۇئەييەن ياخشى تەسىرلەرنى كۆرسىتىۋىپتۇ. گەرچە بۇ ئانىلار پەرزەنت تەربىيىسى، بالىلار مائارىپى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ساھەلەردە مۇنتىزىم كەسپىي بىلىم ئالغان مۇتەخەسىسلەردىن بولمىسىمۇ، ئۇلارنىڭ بۇ خىل تىرىشچانلىقى كىشىنى تەسىرلەندۈرىدۇ.



بۇ قېتىم نەرگىزنىڭ سىتانفورد ئۇنىۋېرستېتىغا قوبۇل قىلىنغانلىق خەۋىرى تارقالغاندا ناتىق ئانىلار توپىدىكى زۇمرەتگۈل خانىم توپتىكى بارلىق ئانىلارغا ۋاكالىتەن نەرگىزگە يىلىغا 1500 دوللار ئەتراپىدا ئۆز يىنىدىن چىقىرىپ ئوقۇش مۇكاپاتى بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. زۇمرەتگۈل خانىم قانداقتۇر ئالاھىدە چوڭ بايلاردىن ئەمەس، ئۇنىڭ نەرگىزنى مۇكاپاتلىشى تېگىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئۇنىڭ ياخشى ئائىلە تەربىيىسى كۆرگەنلىكىدىن بولغان.

"ئۆزىنىڭ ئىچىدىن چىققان تالانت ئىگىلىرىنى تەقدىرلەشنى بىلمەيدىغان مىللەت قۇل مىللەتتۇر" دەيتتى رەھمەتلىك دادام، "ئۇنىڭغا يىل بېشىدا پەخىرىيەنىڭ خارۋاردقا قوبۇل قىلىنغانلىقىنى يەتكۈزگىنىمدە خۇددى ئۆز قىزى خارۋاردقا ماڭىدىغاندەك خۇشال بولۇپ كەتكەن ئىدى".



زۇمرەتگۈل خانىم دادىسى ئالىم نىياز سېتىۋالدى ئەپەندىنىڭ مىللەتنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلۈش ھەققىدىكى تەلىملىرىنىڭ چوڭقۇر تەسىرىگە ئۇچرىغان ئىدى. زۇمرەتگۈل خانىم ئۆز ۋاقتىدا گەرچە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ناھايىتى يۇقىرى نومۇر ئالغان بولسىمۇ، ئۆزى ئارزۇ قىلغان مەكتەپكە كىرەلمەي قالغان، شۇڭىمۇ ئۇ نەرگىزگە ئوخشاش مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ، بولۇپمۇ قىزلارنىڭ ئۆزى ئارزۇلىغان مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنغىنىنى بىلگىنىدە ئۇلار بىلەن تەڭ شاتلىنىدۇ. ئۇ نەرگىز ئۈچۈن تەسىس قىلغان مۇكاپات ھەققىدە ئىككى تەرەپتىن توختىلىدۇ:

بىرى، ھەقىقىي ئەلا ئوقۇغان بالىلارغا ئىلھام بېرىش. كەسىپتە ۋايىغا يېتىشكە تىرىشقان كىشىلەر شۇ مىللەتنىڭ ئورتاق بايلىقى بولۇپ قالىدۇ. مىللەت ئۆزىنىڭ تىرىشچان كىشىلىرى بىلەن يول تاپىدۇ، روناق تاپىدۇ، دۇنياغا تونۇلىدۇ. بىر قابىلىيەتلىك خەلقسۆيەر ئىنسان ئۆزى بىۋاستە ياكى ۋاستىلىك بولسۇن، چوقۇم باشقا كىشىلەرگە نەپ يەتكۈزىدۇ. بىزنىڭ خەلقىمىز ۋىجدانلىق، قابىلىيەتلىك ئەۋلادلارغا ئىنتايىن زور ئېھتىياجلىق. ئەلا ئوقۇغان، ئوقۇشىدا زور نەتىجە ياراتقان پەرزەنتلەردىن پەخىرلىنىش، ئۇلارغا مەدەت بېرىش بىز ئۈچۈن بەكمۇ زۆرۈر.

يەنە بىر تەرەپتىن، ناتىق ئانىلارغا ئىلھام بېرىش. ئۇلارنى نەرگىز قىزىمىزدەك تىرىشچان ۋە ئەلا نەتىجىلىك پەرزەنتلەرنى تەربىيىلەشكە رىغبەتلەندۈرۈشنى ئويلىدىم.

شۇنداق، ناتىق ئانىلار ۋە زۇمرەتگۈل خانىمدەك ئۆز خەلقىنىڭ، مىللەتنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ تەقدىرىگە ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلىدىغان كىشىلىرىمىز جەمئىيەتتە قانچە كۆپ بولىدىكەن، ئېنىقكى بىزنىڭ ئەۋلادلىرىمىز تېخىمۇ گۈزەل بىر ئەتىنى كۈتۈۋالىدۇ. زۇمرەتگۈل خانىم گەرچە بىر شىركەت ئاچسىمۇ، بۇ مۇكاپاتنى پەقەت ئۆز يېنىدىن چىقىرىپ ناتىق ئانىلارغا ۋاكالىتەن تەسىس قىلدى، شىركىتىنى ئېلان قىلىشنى كۆزلىمىدى، بۇ ئىشلارنى جامائەتكە ئاشكارىلاشقا قوشۇلۇشىدىكى بىردىبىر مەقسىتىمۇ تېخىمۇ كۆپ كىشىلىرىمىزنىڭ مۇنەۋۋەر پەرزەنتلىرىمىزنىڭ تەربىيىلىنىشىگە كۆڭۈل بۆلۈشى، ياردەم ۋە مەدەت بېرىشىنى قولغان كەلتۈرۈشتۇر.

مەن سېڭلىم نەرگىزنىڭ سىتانفورد ئۇنىۋېرستېتىغا قوبۇل قىلىنغانلىقىنى يەنە بىر نۆۋەت قىزغىن تەبرىكلەيمەن. ئۇنىڭ ۋاقىت چىقىرىپ مەن بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگىنىگە، گۈلنۇر خانىم ۋە شۆھرەت مۇتەللىپ ئاكىنىڭ بۇ سۆھبەتنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشىدا ياردەم قىلغىنىغا كۆپ تەشەككۈر ئېيتىمەن. نەرگىزنىڭ سىتانفوردتىكى ئوقۇشىنىڭ نەتىجىلىك بولۇشىنى تىلەيمەن. ئىشىنىمەنكى، ناتىق ئانىلار ۋە زۇمرەتگۈل خانىمنىڭ نەرگىزنى مۇكاپاتلىشى ئۇنىڭغا زور ئىلھام بولىدۇ ۋە ئۇنىڭ تېخىمۇ تىرىشىشىغا مەدەت بېرىدۇ. ئۈمىدىم، جەمئىيتىمىزدە "پەرزەنت تەربىيىسى" بۇ يىل ئەڭ مۇھىم تېمىلارنىڭ بىرىگە ئايلانسىكەن، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر نەرگىزدەك مۇنەۋۋەر پەرزەنتلەرنى مۇكاپاتلايدىغان، ئۇلارغا ئىلھام بېرىدىغان ئېسىل خىسلەتلىك كىشىلەر توپىغا قوشۇلسىكەن.

ئاخىرىدا، بارچە ئوقۇرمەنلىرىمنىڭ يېڭى يىلىنى تەبرىكلەيمەن ۋە 2016-يىلىدا ئۇيغۇر مائارىپ ۋە ئىلىم-پەن ساھەسىدە تېخىمۇ كۆپ خۇشاللىنارلىق ئىشلارنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشىنى تىلەيمەن!

بىلگەجان
2016-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى
uyghuray

ئابدۇرەھىم تۇرغۇن(قەشقەر ئوغلى

0

تېما

2

دوست

437

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   68.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  49647
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 126
توردىكى ۋاقتى: 46
سائەت
ئاخىرقى: 2016-1-30
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-1 22:50:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسسالامۇ ئەلەيكۇم!
قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ يوللىغان تىمىڭىزغا تەشەككۇر!

0

تېما

0

دوست

145

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   48.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  50883
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 30
توردىكى ۋاقتى: 2
سائەت
ئاخىرقى: 2016-1-7
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-1 23:58:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت

0

تېما

0

دوست

1472

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   47.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34315
يازما سانى: 44
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 476
توردىكى ۋاقتى: 110
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-2 01:44:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تولىمۇ ئەھمىيەتلىك ماقالىكەن، ئاتا-ئانا بولغۇچى مۇنەۋۋەر پەرزەنت تەربىيىلەپ چىقىشتا بىلمىسە بولمايدىغان تۆۋەندىكىدەك بەش ئىشنى بىلىۋالدىم :
بىرىنچىسى ،ئاتا-ئانا بولغۇچىنىڭ ۋەزىپىسى،پەرزەنتنىڭ ساغلام ئۆسۈپ ياخشى ئوقۇيالشىغا كېرەكلىك  ماددى شارائىتىنى تەمىنلەش ئالدىنقى شەرت بولسا، بالىنىڭ كۈچلۈك ئىلىم روھى تىكلىشى ئۈچۈن بىرىنچى ئۈلگە بولۇشى زۆرۈرى شەرت ئىكەن ،ئائىلىدىكى قۇيۇق ئىلمى كەيپىياتنىڭ مۇھىملىقىدا گەپ يوق. ئىككىنچىسى، بالىغا بىريۈكسەك ئارزۇ تىكلەش ھۇقۇقىنى بېرىش ۋە كەلگۈسى نىشاننى تاللاشنى چوقۇم  بالىنىڭ  ئۆزىگە  قويۇپ بېرىش،بالىغا ئىشىنىش.ئۈچىنچىسى، پەرزەنتنىڭ كۆپ خىل قىزىقىشى بولىشىغا يول قويۇش ۋە بالىنى ئاكتىپ بولغان (ئۈمىدۋار،دادىل،مىھرىبان ،تىرىشچان) خاراكتىر يىتىلدۈرۈشكە يىتەكلەش، بۇنىڭدا بالا كۆپ خىل ماھارەتكە ئېرىشىش بىلەن تەڭ بىر ۋاقىتتا ئۆزىگە بولغان ئىشەنچنى تۇرغۇزالايدىكەن،تۆتىنچىسى، بالىغا ئۆز ئىقتىدارىنى نامايەند قىلىدىغان
پۇرسەت يارىتىپ بېرىش، ئەمىلى چىنىقىش پۇرسىتى بالىنى مۇۋەپپىقىيەتكە تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرىدىكەن. بەشىنچىسى،بىز ئۆيدە ئەمەلگە ئاشۇرۇشىمىز  ئەڭ قىيىن بولغىنى ،بالىغا ئۆز ئىشلىرىنى چوقۇم ئۆزىگە قىلدۇرۇش، ئارىلىشىۋالماسلىق.
uyghuray

0

تېما

1

دوست

1104

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   10.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34912
يازما سانى: 36
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 356
توردىكى ۋاقتى: 68
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-2 10:41:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىزىمىز نەرگىز مۇتەلىپنىڭ بۇندىن كىينكى ھايات سەپىرىنىڭ تىخىمۇ ئوڭۇشلۇق بولۇشىنى چىن قەلبىمدىن ئۈمۈت قىلىمەڭ .
تىخىمۇ تىرىشىڭ نەرگىز

3

تېما

4

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   1.73%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12096
يازما سانى: 580
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 644
تۆھپە : 2911
توردىكى ۋاقتى: 850
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-2 10:55:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەيلى چەتئەلدىكى،مەيلى ۋەتەندىكى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ داڭلىق ئىلىم ئوچاقلىرىدا  تەربىيىلىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشىشى -- ئۆزى ۋە ئاتا-ئانىلىرىنىڭ ئۇزۇن مۇددەت تىرىشىشى بىلەن قولغا كېلىۋاتىدۇ.
روھىيىتىمىزنى ئۇيغۇرنىڭ كەلگۈسى ئۈستىدە  ئىشەنچكە تولدۇرغان خۇشخەۋەرلەرنىڭ
5--10يىللاردىن كېيىن رىئال نەتىجىلەر بىلەن تولۇقلىنىشىنى كۈتۈمىز.

0

تېما

0

دوست

937

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   87.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  51813
يازما سانى: 85
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 284
توردىكى ۋاقتى: 38
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-2 16:13:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەرزەنت تەربىيىسى ھەر بىر ئائىلىلەرگە چېتىشلىق بولغان،كىچىكتۈرۈشكە،باھانە ئىزدەشكە بولمايدىغان،بۈگۈندىن باشلايدىغان،تەخىرسىز قۇرۇلۇشتۇر.

0

تېما

0

دوست

1596

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   59.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28972
يازما سانى: 36
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 520
توردىكى ۋاقتى: 101
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-2 21:55:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسىلامۇ-ئەلەيكۇم تۇرسۇنجاكا ئالدى بىلەن بۇ ئىسىل تىما بىلەن تەمىن ئەتكىنىڭىزگە كۆپ تەشەككۈر.
ئازراق تەكلىپ: پوۋسىت دوكتۇر دىگەننى ئۇيغۇرچىدا بىر چىرايلىق‹ دوكتۇر ئاشتى › دەيمىزغۇ ، سىز نىمىشقا ھەرقىتىم تىما يوللىسىڭىز  ‹پوۋسىت دوكتۇر› دەپ بىۋاستە ئىنگىلىزچىلام ئالىسىز ، بۇنداق ئىلىۋەرسىڭىز تىلىمىزنىڭ شالغۇتلىشىغا بىر كىشلىك ھەسسىڭىزنى قوشقان بولمامىسز. كىلەر قىتىم ماقالە يوللىغاندا تۈزىتىۋىلىشىڭىزنى سورايمەن .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )