- تىزىملاتقان
- 2013-3-1
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-4-15
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 10782
- نادىر
- 13
- يازما
- 472
ئۆسۈش
  100%
|
1APOLO يوللىغان ۋاقتى 2016-1-2 21:55 
ئەسسىلامۇ-ئەلەيكۇم تۇرسۇنجاكا ئالدى بىلەن بۇ ئىسىل تى ...
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ئېنىم، تەكلىپىڭىزگە رەھمەت. مەن تىلىمىزنىڭ شالغۇتلىشىشىغا ھەسسە قوشىدىغانلىقىمنى ئويلاپ يەتمەپتىمەن. ئەسلى دوكتور دېگەن سۆزگە بىر ئۇيغۇرچە ئاتالغۇ ياسىغان بولسىڭىز مەن بىراقلا ساپ ئۇيغۇر تىلىدا ئاتىغان بولار ئىدىم. دوكتور ئاشتى دېگەننىڭ ئۆزى بىر شالغۇت ئاتالغۇ ھەم مەنىسى ئەسلى مەنبەسى بولغان ئىنگلىزتىلىدا بىلدۈرىدىغان مەنىدىن چەتنەپ كەتكەن. پوستدوكتور ئىنگلىزچە سۆز بولۇپ، دوكتور ئاشتى دېگەن سۆزگە مەنىسى يېقىن كەلمەيدۇ. دوكتور ئاشتى دېسىڭىز، دوكتوردىن چوڭ بىر ئۇنۋاندەك تەسىر بېرىدۇ، ئەمما بۇ خاتا. دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئەڭ يۇقىرى ئۇنۋان بولۇپ، ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئۇنۋان مەۋجۇت ئەمەس. پوستدوكتور دېگەنلىك ئەسلى دوكتورلۇق ئوقۇشى يەنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئوقۇشنى تاماملىغاندىن كېيىن رەسمىي خىزمەتكە چۈشۈش ئالدىدا ۋاقىتلىق تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئۆتكۈنچى خىزمەتچىنىڭ ئاتىلىشى بولۇپ، ئۇ دوكتوردىن ئېشىپ كەتكەنلىك بىلەن باراۋەر ئەمەس. شۇڭا ئەسلىدىكى دوكتور دېگەن ئىنگلىزچە ئاتالغۇغا ئاشتى دېگەن قاملاشمىغان ئۇيغۇرچە سۆزنى قوشۇپ قويغانغا بۇ سۆز ئۇيغۇرچە ساپ سۆز بولۇپ قالمايدۇ ھەم كىشىگە پۈتۈنلەي خاتا چۈشەنچە بېرىدۇ. ھېلىمۇ چەتتىن كىرگەن ئادەتتىكى سۆزلەرنىمۇ تىلىمىزدا توغرا قوبۇل قىلماي، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا چەتتىن كىرگەن سۆزلەرنىڭ توغرا تەبىرىنى بىلمەسلىك تۈپەيلىدىن چوڭ مۇنازىرىلەر ۋە دە-تالاشلار كىلىپ چىقىۋاتىدۇ. شۇڭا مەن دوكتور ئاشتى دېگەن سۆزنى ئىشلىتىشنى رەت قىلىمەن ۋە خۇددى دوكتور دېگەن سۆزنى ئۇيغۇرچە سۆز قوبۇل قىلغاندەك پوستدوكتور دېگەن سۆزنىمۇ ئوخشاش ھالدا قوبۇل قىلىمەن، بۇ ئەلۋەتتە تاكى بۇ سۆزلەرگە مۇۋاپىق ئۇيغۇرچە سۆز ياسالغۇچە داۋاملىشىدۇ. رەھمەت. |
|