- تىزىملاتقان
- 2014-2-10
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-8-4
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 5958
- نادىر
- 0
- يازما
- 367
ئۆسۈش
  19.16%
|
شۇنداق قىلىپ مەن ئۆزۈمنىڭ بىر مەزگىللىك ئىزدىنىشلىرى ئارقىلىق، ئىسلام دىنىنىڭ ئىلىم-پەن بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى، ئىبادەتنىڭ ھەقىقىي ۋە تولۇق مەزمۇنلىرى، لاياقەتلىك مۇسۇلمان بولۇشنىڭ شەرتلىرى، ۋە دىنىي زىيالىيلار بىلەن پەننىي زىيالىيلارنىڭ ئۆز-ئارا مۇناسىۋىتى ۋە ئۇلارنىڭ ئورتاق مەجبۇرىيەتلىرى ھەققىدە خېلى كۆپ بىلىملەرگە ئىگە بولدۇم. مەن ئىزچىل تۈردە دىنىمىزنىڭ بىر ئۇلۇغ دىن، ۋە بىر ئادىل دىن ئىكەنلىكىگە ئىشىنىپ كەلگەن ئىدىم. ئەمما تاكى يېقىنقى مەزگىللەرگىچە مەن ئىسلام دىنى ئىلىم-پەنگە زادى قانداق قارايدىغانلىقىنى ئانچە بىلمەيتتىم. بۇ قېتىم مەن ئاشۇ جەھەتتە ئۆزۈم ئۈچۈن خېلى يېتەرلىك بىلىم ھاسىل قىلدىم. دىنىي تېمىلاردا ئىزدىنىشنى ۋە يېزىشنى باشلىغان دەسلەپكى ۋاقىتتا ئۆزۈم كەتتۈرۈپ قويغان بىر قانچە ئىشنىمۇ تونۇپ يەتتىم. شۇڭلاشقا مەن ھازىر خېلىلا يېنىكلەپ قالدىم. مەن باشقا كۆپلىگەن قېرىنداشلارنىڭمۇ مەن ھازىرغىچە تەييارلىغان يازمىلاردىن خۇددى ئۆزۈمدەك مەنپەئەتكە ئېرىشكەن بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن....
رەھمەت...«بىلىمخۇمار» ئاكىمىزنىڭ بۇ ھەقتە يازغان يازمىللىرىنى قايتا-قايتا ئوقۇپ،چۈشۈنۈپ،كۆپۈنچىللىرىمىزنىڭ ئىددىيەسى ئازات بولۇپ ھەقىقەتكە توغرۇلاندى ،ھەم ئىش-ھەركىتىمىزدىمۇ ئاز تولا ياخشى ئۆزگۈرۈش بولدى-بەلكىم. |
|