- تىزىملاتقان
- 2014-12-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-5-30
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 8279
- نادىر
- 0
- يازما
- 834
ئۆسۈش
  65.58%
|
بۇ يەردىكى مەسىلە بىلىمنى ئىگەللىگەن بىلەن ئۇنى قانداق ئورۇندا قانداق ئىشلىتىشنى بىلىش مەسىلىسى. تېخىمۇ ئىنچىكىلەپ تەھلىل قىلغىنىمىزدا يەنىلا ئىسلام ئەقىدىلىرىدىكى ئىسانىيلىق، كەڭ قوساقلىق تەلىماتلىرىغا بېرىپ تاقىلىدۇ. بىلىمنى ھەرگىزمۇ جاھاندارلىقنىڭ، شۆھرەتنىڭ، ئابروينىڭ دەسمايىسى قىلىۋېلىش توغرا ئەمەس. ھەر ئىككىلا ئىلىمنى پۇختا ئىگەللىگەن بىلىمدارلار ئىككى ئېقىمنىڭ ئارىسىدىكى پىكىر پەرقىنى ئامال بار كىچىكلىتىپ ھەتتا يوقىتىپ ماڭالايدۇ. ئىنسانىيەت پەيدا بولغان دەسلەپكى مەزگىللەردە بەزى ئىنسان ئەقلى شۇ ۋاقىتلاردا يەتمىگەن تەبىئەت ھادىسىلىرىگە قاراپ ماس ھالدا ھەرخىل دىنىي ئەقىدىلەر مەيدانغا كەلگەن، ئەمما پەن ھازىرقىدەك تەرەققىي قىلمىغان. پەننى دىندىنمۇ تامامەن ئايرىپ قاراش مۈمكىن ئەمەس.
بۇ مەسىلە ئۆمەر ھەييام رەسەتخانا قۇرۇشقا تەرەددۇت قىلغان دەۋىرلەردىن باشلاپلا مەۋجۇت مەسىلىلەر. ئۇنىڭ رۇبائىيلىرىدىمۇ مۇشۇنداق مەنىدىكى مىسرالارنى ئۇچرىتىش مۈمكىن. تەرىقەت ئېقىمىنىڭ شەكىللىنىش سەۋەپلىرىمۇ شۇنىڭغا چېتىلىدۇ، تەرىقەتنىڭ بىر-بىرىنى بەزى تەرەپلەردىن ئىنكار قىلىش سەۋەبىمۇ شۇ. دىمەك بۇ مەسىلە ئەسىرلەردىن بۇيان قان قېنىمىزغا سىڭىپ كەتكەن مەسىلە. ۋاھالەنكى بۈگۈنگە كېلىپ بايقالغان ئەمەس، ئېتىراپ قىلىنىۋاتقان مەسىلىدىن ئىبارەت.
|
|