قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 4447|ئىنكاس: 36

تەلەيسىز رەيھان ۋە شەرەپسىز تاكسى شوپۇرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

6

تېما

0

دوست

1923

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   92.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29403
يازما سانى: 77
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 17
تۆھپە : 628
توردىكى ۋاقتى: 72
سائەت
ئاخىرقى: 2016-6-26
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-21 04:20:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەلەيسىز رەيھان ۋە شەرەپسىز تاكسى شوپۇرى


-نەگە بارىسىز؟
( xxx )ئىدارىسىگە.
-چىقىڭ.
-ئۇستام ماشىنىنى تېزراق ھەيدەڭ ئىشقا كېچىكىپ قالدىم دىدى رەيھان.
  شوپۇر بولۇدۇ دىگىنىچە ماشىنىنى قوزغىدى.رەيھاننىڭ جىددىلەشكىنىنى كۆرگەن شوپۇر ئىخلاسمەنلىك بىلەن يولنىڭ بوش يەرلىرىنى ئىزدەپ تىز ھەيدەيتتى.
-رەيھان شوپۇرنىڭ ئەستايىدىللىقىدىن خاتىرجەم بولۇپ سومكىسىدىن تېلفۇنىنى قولىغا ئالدى-دە توختىماي سۆزلەشكە باشلىدى.
-ئۇماق سىڭلىم بالىلارغا ئوبدان قاراڭ .بىزنىڭ ئىشتىن كېلىشىمىزگە بالىلارنى تەييارلاپ تۇرۇڭ،بۈگۈن كەچلىك تاماقنى سىرتتا يەيمىز، ئاكىڭىزمۇ بىز بىلەن بىرگە بارماقچى....
- نىجات ياخشىمۇ سەن ؟بۈگۈن سىنىڭ تاماقنى بىز بىلەن بىرگە يىمەكچى بولغۇنىڭنى ئاڭلاپ بالىلار بەك خوش بولدى.مەنمۇ ھەركۈنى خىزمەت دەپ بالىلارنى سىرتلارغا ئېلىپ چىقىپ بۇلالمىدىم. يۇلۇڭغا قارايمىز. ۋاقتىدا كىلەرسەن....
  شوپۇر رەيھاننىڭ كۈنلىرنىڭ يولدىشى،بالىلىرى، خىزمىتى ئارىسىدا تەڭلىكتە ئۆتىدىغانلىغىنى چۇشەنگەندەك بولدى-دە ھىسداشلىغى تۇتتىمۇ ماشىنى تېخىىمۇ تېز ھەيدەشكە تىرىشاتتى. قىزىل چىراقلارغا دۇچ كەپقالسا ھەي دەپ ھەسرەتلىنەتتى.
  رەيھان كۆڭلىدە بۇ شوپۇرنى باشقا شوپۇرلارغا ئوخشىمايدىغاندەك ھىس قىلدى.بۇندىن بۇرۇن ماشىنىسىغا ئولتۇرغان نۇرغۇن شوپۇرلارنىڭ كاج،ھېلىگەر ،قوپال تەرەپلىرىدىن نارازى بولغان بولسا يەنە بەزىللىرىنىڭ تىكىلپ قاراش،ھاياسىزلارچە چاخچاق قىلىش،كىرا پۇلىنى ئالغان ،ئارتۇق پۇللارنى قايتۇرغان چاغدىكى ئەخلاقسىز قىلىقلىرىدىن تولىمۇ بىزار بولغان ئىدى. بۇ شوپۇرنىڭ ماشىنىنى بسىمىللا دەپ ھەيدەشلىرىدىن، نىمە دىسە ماقۇل خانىم دىيىشلىرىدىن ۋە تەمكىن سالاپىتىدىن ئەخلاقلىق ،ئىشەنچىلىك ،ياخشى ئادەم بولسا كېرەك دەپ ئويلايتتى.
   يول داۋام قىلماقتا ئىدى.
-خانىم سىز ھەركۈنى خىزمەتكە تاكسى بىلەن بارامسىز دەپ تۇيۇقسىز گەپ باشلىدى شوپۇر.
-ياق.ئادەتتە ئابتۇبۇس بىلەن باراتتىم.بۇگۈن كېچىكىپ قالدىم شۇڭا...دىدى رەيھان.
-ھە؛تاكسى دىگەنگە جېق پۇل كىتىدىغان جاپاسىمۇ يەتكۈچە بار نەرسىكەن بۇ دىدى ئۇستام.
-راس دەيسىز بەزىدە توغرا كەپقالىدىكەن دىدى رەيھان.
-يولدىشىڭىزمۇ خىزمەت قىلىدىغان ئوخشىمامدۇ؟
  ھەئە.يولدۇشۇم بىر زاۋۇتتا مەسئۇل.ئادەتتە بەك ئالدىراش دىدى. يولدىشىنىڭ ۋاقتىدا تاماققا كەلمەيدىغانلىغىنى ئاقلىغاندەك.
  قانداق قىلىمىز ئەر كىشى دىگەن سىرتنىڭ ئادىمىكەن،سىزگىمۇ ئامال يوق-دە دەپ ئارقا كۆرگۈ ئەينەكتىن قاراپ قويدى شوپۇر.
-يولنىڭ خېلى بارلىغىنى بىلگەن رەيھان بىر ئىشنى خاتا قىلىپ سالغان ئادەم ئۈزىنى چۈشەندۈرمەكچى بولغاندەك ئۆز بارماقلىرىغا قارىغىنىچە ئەسلى يولدۇشۇمنىڭ تېپىپپ بەرگىنىنى يەپ ئۆيدە ئولتۇرۇپ بالىلىرىمنى بېقىپ ئۆزەم تەربىيەلىسەم بەك توغرا ۋە ياخشى بۇلاتتى.بۇ ئىدارىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى مىنىڭ ئاكام بولۇدۇ.ئۇ بىز دىگەن يۈز -ئابرويلۇق ئادەملەر ،سەن دىگەن ئالى مەكتەپ پۇتتۇرگەن قىزسەن،ساۋاقداشلىرىڭدەك خىزمەت قىلمىساڭ قانداق بولىدۇ،بۇنداق خىزمەت ھەر كىشىگە نىسىپ بولىيۋەرمەيدۇ كىلىپ ئىشلە دەپ چىڭ تۇرۇۋېلىشى بىلەن ئشلەپ قالغانتىم.خىزمىتىمغۇ يامان ئەمەس، مۇئاشىممۇ خېلى يوقرى بىراق ئۇششاق باللىرىمغا ئىچىم ئېچىشىدۇ دىگىنىچە كۆز ياشلىرىغا ئىگە بۇلالمىدى.چوڭقۇر بىر ئۇھسىنىۋەتكەندىن كىيىن پۇل تاپتىم دىگەن بىلەن بالىلارنىڭ مۇھتاج ۋاقىتلىرىدا ھەمراھ بولالمايدىغان ئشكەن،باققۇچىلار قانچىلىق باقماقچىتى،ئائىلە تەربىيىسى ئىنتايىن مۇھىم.بالىلار بىزنىڭ كەلگۈسىمىز ئاھ خۇدا دىگىنىچە بوقۇلداپ يىغلاپ كەتتى.
-شوپۇرمۇ ئۇستاتلىق بىلەن توغرا ئۆيدە بالىلارغا ئانا ، ئەر كىشىگە خۇتۇن بەك موھىم . ئاتا-ئانىنىڭ مىھرىگە قانمىغان بالىلاردا ئىشەنىچ،ۋاقتىدا تاماق پىشمىغان ئۆيدە ۋاپا بولمايدۇ دەپ قىستۇرۇپ قويدى گېلىنى بىر قېرقىۋەتكەندىن كىيىن.
‹‹ جىننىڭ قەستى شاپتۇلدا›› دىگەندەك شوپۇرنىڭ مەخسىتى رەيھاننى جەلىپ قىلىپ ئۈزىگە ئىشەندۈرۈش، بىر ئامال قىلىپ قولغا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت ئىدى. ئەمما يەنە بىر تەرەپتىن بۇ ئايال باللىرىنىڭلا گىپىنى قىلىدىكەن، ئادەمگە چىرايىنىمۇ ئاچمايدىكەن ئۇڭاي ئەمەسمۇ نىمە دىگەنلەرنى خىيالىدىن ئۆتكۈزىۋاتقاندا مەنزىلگە كىلىپ قالغان ئىدى.
-كەلدۇق. مۇشۇ يەر شۇمۇ دىدى ئۇستام؟
-رەيھان ئەتراپقا بىر قارىۋەتكەندىن كىيىن شۇنداق،ھە راس ماڭا تېلفۇن نۇمۇرىڭىزنى بىرەمسىز بەزىدە ماشىنا لازىم بولسا تىلفۇن قىلارمەن دىدى.
  گەپ ئۇستامغا مايدەك خوشياقتى -دە : بولۇدۇ،بولۇدۇ.يولغا چىقىشتىن يېرىم سائەت بۇرۇن تېلفۇن ئۇرارسىز ياكى ۋاقىتنى خەۋەر بىرەرسىز دىگىنىچە ئالدىن يېزىپ تەييارلاپ قويغان نۇمۇردىن بىرنى بەردى.ئۆزىنىڭ مەخسىتىنى ئالدىراپ چاندۇرۇپ قويماسلىق،ئوۋنى ئۈركۈتىۋەتمەسلىك ئۈچۈن تاكسى پۇلىنى ئېلىپلا خوش دەپ يۇلىغا راۋان بولدى.ئۆزى تاكسى ھەيدەۋاتقان بولسىمۇ كۆڭلى بولمۇغۇر خياللارغا شوڭغۇپ كەتتى.سەن نىمە دىگەن تەلەيلىك ھە! بۇ قېتىم بەك چىرايلىق بىر ئايال بىلەن تونۇشۇپ قالدىڭ،سنىڭ ماشىناڭغا ئولتۇرۇپ سەن ياقتۇرۇپ قالغان قايسى بىر ئايال سىنىڭ قولۇڭدىن قېچىپ قۇتۇلالىغان! قاچانمۇ تىلفۇن قىلىپ قالار بۇ خانىم،ئىرىمۇ قارىغاندا كۆپ ھەمرا بۇلالمايدىغان ئوخشايدۇ،چاتاقمۇ چىقماس، ئەگەر يولدىشى مەسئۇلىيەتچان ئادەم بولسا ئىدى ئايالىنى سىرتلاردا باللىرىنى باققۇچىلارغا تاشلاپ قويارمىدى؟
رەيھان كۆڭلىدە بۈگۈن ئىشقا كېچىكىپ قالساممۇ بىر ھىساپتا ياخشى بولدى. بۇنداق ئەخلاقلىق شوپۇرى بار كىرا ماشىنىسنى تاپماق بەك تەس دىگەنلەرنى ئويلاپ شوپۇرنىڭ تېلفۇن نۇمۇرىنى بىر قۇر ئوقۇۋەتكەندىن كىيىن ئىدارىغا كىرىپ كەتتى.  
  بىر قانچە كۈندىن كىيىن رەيھاننىڭ بىر بالىسى تۇيۇقسىز قېزىتمىسى ئۆرلەپ جىددى دوختۇرخانىغا ئاپىرىدىغان بولۇپ قالدى. يولدىشىمۇ ئىشىم بەك ئالدىراش ئۆزىڭىز بىر ئامال قىلىڭ دەپ كەلمىگەن ئىدى.
  رەيھان ئامالسىزلىقتىن ھېلىقى نۇمۇرنى ئىزدەپ تاپتى -دە بۇ شوپۇرغا تېلفۇن قىلدى.
  چۈشلۈك تاماققا داستىخاندا ئولتۇرۇپ بولغان شوپۇر ئايال ۋە بالىلىرىنىڭ تاماقنى يەۋېلىپ ماڭسىڭىز بولمامدۇ دەپ يالۋۇرۇشلىرىغا پەرۋا قىلماي خېرىدارنىڭ مۇھىم ئىشى باركەن پۇرسەتنى قاچۇرۇپ قويسام سىلەرنى قانداق باقىمەن دەپ ۋارقىغىنىچە چىقىپ كەتتى.
رەيھاننىڭ تىلفۇنىنى تۆت كۈزى بىلەن كۈتۈپ تۇرغان شوپۇرھەش-پەش دىگۈچە رەيھاننىڭ ئشىك تۈۋىدە پەيدا بولدى.قىزغىنلىق بىلەن بۇلارنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ ئەكەلدى.
  شوپۇرنىڭ نىيىتىنى ۋەپۇرسەت تاپسىلا رەيھانغا سەپ-سېلىپ ھۇزۇرلىنىشىنى خىيالىغا كەلتۈرۈپ باقمىغان ئاق كۆڭۈل رەيھان شوپۇرنىڭ ياردەملەشكىنىنى ئۇنىڭ ئادەمگەرچىلىگى دەپ چۈشۈنۈپ ئۇنىمىغىنىغا قارىماي كىراسىغا يەنە پۇل قۇشۇپ بەردى ۋە سىزدەك ئىشەنچىلىك، ئەخلاقلىق، ئاللادىن قورقۇدىغان ئۇستام بەك ئازكەن ئاللا ئىشلىرىڭىزغا بەركەت بەرسۇن دەپ ئۇزۇتۇپ قويدى.
  ئەسلى ئۇ شوپۇر ئۇزۇن يىللار كىرا تارتىپ ئادەملەرنىڭ پىسخىكىسىغا ئاساسەن ئۆزگۈرۈپ مۇئامىلە قىلالايدىغان قاقۋاش، ئوۋچى بۇلۇپ كەتكەن بولغاچقا ھۈنىرى بۇ قېتىممۇ ئەزقاتقاندەك بولدى.
  شوپۇر رەيھاننىڭ گەپلىرنى ئاڭلاپ رەيھان ماڭا ئىشىنىپتۇ، ئېغىز ئېچىش نۆۋىتى كىلەي دەپ قاپتۇ كىلەر قېتىم چوقۇم پۇرسەتنى قولدىن بەرمەيمەن دەپ پىچىرلىغىنىچە كىتىپ قالدى.
  ئارىدىن خېلى كۈنلەر ئۆتتى. رەيھاندىن ھېچ گەپ-سۆز بولمىدى.شوپۇر نەچچە قېتىم تېلفۇن قىلايمۇ دەپ ئويلىدىيۇ رەيھاننىڭ گۇمانلىنىپ قېلىپ كەلمەسلىكىدىن ھەتتا قايتا تېلىفۇن قىلماسلىقىدىن ئەنسىرەپ ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتتى.كۈتكەنچە كۈنلەر تەستە ئۆتمەكتە ئىدى.چۈنكى شوپۇرنىڭ، ئۆزىنىڭ چىركىن كىسىلى نىيەت،ئارزۇللىرىنى قاپلىۋالغان بولسا ،رەيھاننىڭ ئىپپەتلىكلىگى،ئىسىللىگى تۇترۇقسىز قەلبىنى جەلىپ قىلۋالغان ئىدى.
   دىمىسىمۇ رەيھاننىڭ شوپۇرغا تىكلىپ قارىمايدىغان،ھايا بىلەن سۆزلەيدىغان،سۆز قاينىمىغا خالىغانچە كىرىپ كەتمەيدىغان،باھا تالىشىپ لىڭشىپ يۈرمەيدىغان ئىسىل ئەخلاقى، ئىرادىسى بوش ئايال قىزلارنى ئەخمەق قىلىپ يۈرگەن ساختىپەز بۇ شوپۇرغا باشقىچىلا پەرىقلىق تەسىر قىلغان ئىدى.
  ئۇ بۇرۇن نۇرغۇن قىز- ئاياللارنى ئالداپ يولدىن چىقارغان ۋە نۇرغۇنلىرىنى باشقىلارغا تۇنۇشتۇرۇپ قويغان،بەزىللىرىنى ئاپىرىپ بىرىپ تاپان ھەققى ئالغان نائەھلى ۋە نۇرغۇن بەخىتلىك ئائىلىلەرنىڭ ۋەيران بۇلىشىغا سەۋەپچى بولغان ئىپلاس بىر مەلئۇن ئىدى.ئۇنىڭ نەزىرىدە تاكسىغا يالغۇز چىققان ئۇيغۇر قىز-ئايالىلىرىنىڭ كۆپۈنچىسى ئۇڭاي ئىندەككە كىلىدۇ،يۇزى چۈشۈپ كىتىش،رەسۋا بۇلۇشتىن قورقۇپ ھېچكىمگە دىيەلمەيدۇ دەپ قارايتتى،ۋە كۆزىگە ئانچە ئىلىپمۇ كەتمەيتتى.
  بىر كۈنى خەپ رەيھان،تېلىفۇنمۇ قىلىپ قالارسەن،ماڭابىرەر قېتىم كۈلۈمسىرەپ قاراپمۇ قويمۇدۇڭ.سەندەك نوچىدىن نەچچىنى كۆرگەنمەن دەپ ئۆز-ئۆزىگە سۆزلەپ تۇرىشىغا تۇيۇقسىز تېلفۇنى سايراپ كەتتى ۋە رەيھاننىڭ نۇمۇرى ئىكەنلىگىنى كۆرۈپلا دەرھال ئۇلۇنۇش كۇنۇپكىسىنى باستى .
-ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم ياخشىمۇ سىز شاكىر ئۇستام !
-ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام رەيھان ياخشىمۇسىز!
- كىچىك قىزىمنىڭ مىجەزى يوق مەن بۇگۈن ئىشقا يەنە كىچىكىپ قالىدىغان ئوخشايمەن ئىدارىغا ئاپىرىپ قۇيامسىز؟
-شوپۇر چاتاق يوق  20 مىنۇت ئەتراپىدا ئۆيىڭىزنىڭ ئالدىدا ساقلاپ تۇرۇڭ دىگىنىچە تېلىفۇننى قۇيۇۋەتتى.
  رەيھان بىچارە قىزىنى قۇچاقلاپ مەڭزىگە  مەڭزىنى يېقىپ پىشانىسىگە يېنىشلاپ سۈيەتتى.ۋە ئاللا شىپالىق بىرەر ئۇماق قىزىم مىنى كەچۈرگىن ،داداڭمۇ ئىنساۋىغا كىلپ قالار،سىلەرگە ياخشى قارىيالمىدۇق دىگىنىچە توختىماي كۆز يېشى قىلاتتى.
  -تېت،تېت،تېت
   رەيھان شوپۇرنىڭ كەلگەنلىگىنى بىلدى -دە بالىلىرىغا كۈزى قىيمىسىمۇ باققۇچىغا تاپشۇرۇپ ۋە ياخشى قارىشنى ئۈتۈنۇپ ئىشقا ماڭدى.چۇڭى 4 ياش كىچىگى ئەمدىلا 1 ياشقا كىرگەن مەسۇم بالىلار يۈرەكنى ئەزگۈدەك نالە قىلىپ يىغلاشقىنىچە ئۆيدە قالدى.
   بۈگۈن يول ئۆتكەندىكىدەك ئانچە راۋان ئەمەس ئىدى. شوپۇرمۇ خېلى ترىشقاندەك كۆرۈنسىمۇ يول ئانچە ئاۋۇمايۋاتاتتى.رەيھان ئىشقا كىچىكىپ قالسا تەنقىدكە ئۇچرايدىغانلىقىنى ۋە باشقىلار ئالدىدا ياخشى بولمايدىغانلىقىنى ئويلاپ تىت- تىت بولماقتا ئىدى ۋە ئادەتتە بۇنچىۋالا قىستاڭ بولمايتتى دەپ ئۆز ئۈزىگە پىچىرلايتتى.
   شوپۇر بۇ يولنىڭ قىستاڭلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ قەستەن كىرگەن ئىدى،ئەسلى ۋاقىتنى سوزۇپ رەيھان بىلەن پاراڭلىشىپ قايىل قىلىش،ئۈزى تۈزۈپ چىققان رەزىل پىلاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئىدى .
-رەيھان سىز ھەقىقەتەن چىرايلىقكەنسىز جۇمۇ ! دەپ گەپ باشلىدى شوپۇر: بىز دوس بولۇپ ئۆتسەك قانداق؟مەنمۇ بىر دەرتمەن.
-نىمە؟نىمە دىدىڭىز؟قالايمىقان چاخچاق قىلماڭ جۇمۇ شاكىردىدى رەيھان خىجىللىقتىن يەرگە كىرىپ كەتكۈدەك بۇلۇپ ۋە كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ ھومايغىنىچە باشقا تەرەپكە قارىۋالدى. ۋە ئېغىر بىر تىنىپ جىمىپ قالدى. كۆڭلىدە بۇ بىر ياخشى ئادەم تۇرۇپ نىمىشقا بۇنداق گەپلەرنى قىلىدىغاندۇ. ئالدىرغاندا كىرا ماشىنىسىغا چىقماي دىسەڭ تېخى ،مەھرىمەم بولغان بولسا بۇنداق دىمەس بولغىيتتى ،شۇڭىمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ‹‹بىر يات ئايال بىلەن  بىر يات ئەر بىر يەردە ئايرىم بولمىسۇن ئەگەر شۇنداق بولسا شەيتان ئۈچۈنجىسى بولۇدۇ›› دىگەنكەندە دىگەنلەرنى ئويلاپ ماشىنىغا يالغۇز چىققىنىغا پۇشايمان قىلىۋاتقاندا....
  ھى ھى ھى گىپىنى داۋاملاشتۇردى شوپۇر:
  -سىزدەك ئايال ھەقىقى بەخىتلىك بۇلۇشقا لايىق ،بۇدۇنيانىڭ ئىشلىرىغا قايغۇرۇپ بولغىلى بولمايدۇ.ھەم ھېچكىمنى رازى قىلىپ بولغىلى تېخىمۇ بولمايدۇ.بىر كۈن بولسىمۇ خوشال ياشىغان ياخشى.ئۈزىڭىزنى ئەركىن ئازادە تۇتۇڭ،ئائىلىمىزگە تەسىر يەتكۈزمىگەن ھالدا كۆڭلىمىزنى ئېچىپ ئۆتەيلى راس دەۋاتىمەن.
بۇ گەپنى ئاڭلىغان رەيھان قۇلىقىغا ئىشەنمەي قالدى ۋە شوپۇرنى تۇنۇيالمىغاندەك قايتا قارىدى-دە غەزەپتىن ئۆزىنى تۇتالماي :بۇ گەپنى سىز دەۋاتامسىز شاكىر؟ سىز مىنىڭ نەزىرىمدە ئەخلاقلىق بىر مۇسۇلمان،دۇرۇس بىر ئۇيغۇر يىگىتى ئىدىڭىز.سىز مىنى كىم كۈرۈپ قالدىڭىز؟بۇزۇقچىلىق قىلىش بەخىتمۇ؟ زىنا،پاھىشىنىڭ گۇناھى بەك چوڭ،جازاسى ئىنتايىن ئېغىر،پەرىشتىلەر ھەر بىر قىلمىشىڭنى خاتىرلەپ تۇرىدۇ.بۇ قېرىندىشىڭغا خىيانەت،ھەمشىرەڭگە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغانلىق.سەندەك پەس ئادەملەرنىڭ ۋىجدانسىزلىغىدىن نۇرغۇن قىز ئاياللىرىمىز يولدىن چىقىپ كىتىۋاتىدۇ،ئەۋلاتلىرىمىز بۇلغۇنۇۋاتىدۇ، قېنى سەندىكى غۇرۇر؟ ئاللادىن قوروقساڭ بولمامدۇ؟ مەن ساڭا شۇنى دەپ قۇياي :شەرمى-ھايارىم بىلەن ياشىشىم شەرەپ،ئىپپىتىمنى قوغداش يولىدا ئۆلۈشۈم شېھىتلىق،دىگىنىچە ماشىنى توختات،ماشىنى توختات دەۋاتىمە دەپ ۋارقىردى.
-چاخچاق قىلىپ دەپ قويغانغا شۇنچىۋالا ئاچچىغلاپ كىتەمسىز خاپا بولماڭ!
-ماشىنى توختات بولمىسا ماشىنىدىن ئۈزەمنى ئاتىمە.
-بە،بە،بەك قۇپالكەنسىكەنسىز جۇمۇ سىز دەپ ماشىنى يول ياقىسىغا ئاستا توختاتتى شوپۇر تىترىگىنىچە .
  مەسئۇلىيەتسىز ئەركەكلەرنىڭ ھالىغا ۋاي! سەندەك ئادەملەردىن نەپرەتلىنىمەن. مانا بۇ ھەققىڭ دەپ بىر كۆك پۇلنى تاشلاپ قۇيۇپ يېرىم يولدىلا ماشىنىدىن چۈشۈپ كەتتى رەيھان.
uyghuray

23

تېما

84

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   3.85%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24182
يازما سانى: 924
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 51
تۆھپە : 3508
توردىكى ۋاقتى: 765
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-2
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-21 12:56:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەيھان ،تەقۋادارلىقىغا يارىشا تەلەيلىك ئىكەن .

13

تېما

18

دوست

3022

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   34.07%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  48758
يازما سانى: 275
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 31
تۆھپە : 892
توردىكى ۋاقتى: 104
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-3
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-21 14:06:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇ ئەمەسمۇ

0

تېما

0

دوست

4275

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   75.83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34855
يازما سانى: 384
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 1282
توردىكى ۋاقتى: 371
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-19
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-21 14:48:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېمنڭ  ئسمې   ماس  كەلمەپتۇ   ئەخيلاقلېق بېر  ئايالنڭ  ئۇبرازنې خۇنېكلەشتۇرۇپ
uyghuray

0

تېما

8

دوست

4388

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   79.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5956
يازما سانى: 145
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 52
تۆھپە : 1383
توردىكى ۋاقتى: 563
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-2
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-21 15:17:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەلەيلىك رەيھان ۋە شەرەپسىز تاكسى شوپۇرى دىسەك توغرا بولىدىكەن ئەسلى
6#
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

6

تېما

0

دوست

1923

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   92.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29403
يازما سانى: 77
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 17
تۆھپە : 628
توردىكى ۋاقتى: 72
سائەت
ئاخىرقى: 2016-6-26
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-21 18:05:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەيھان ئۆزى ياخشى ئايال بولسىمۇ يولدىشى ،ئاكىسى ، شوپۇر نىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكىدىن تەلىيى ئوڭدىن كەلمەي دەرت ئۈستىگە دەرت بۇلۇۋاتاتتى.

0

تېما

5

دوست

4741

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   91.37%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33156
يازما سانى: 280
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 1472
توردىكى ۋاقتى: 297
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-3
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-21 22:10:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىنىش -بەلگىلىرىمۇ ئىشقا كەتتىمۇ يا ؟ نىمانچە قالايمىقان تىما بۇ ؟ شۇنىڭغا قارىغاندا بۇ تىمىنى يازغىنى ئاشۇ شوپۇر ئۆزى ئوخشايدۇ ، بولمىسا بىر نەرسە يازغاندىكىن دىققەت قىلاتتى …
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )