- تىزىملاتقان
- 2016-1-23
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-5-31
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 395
- نادىر
- 0
- يازما
- 45
ئۆسۈش
47.5%
|
ناركوز دوختۇرى ئايال بىمارغا پەسكەشلىك قىلدى
ناركوز دوختۇرى فەن خىزمەتتىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ ئايال بىمارغا پەسكەشلىك قىلدى.
ئەينى چاغدا ئوپېراتسىيەدىن ئەمدىلا چىققان ۋېن ۋېن (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) ئوپېراتسىيەدىن كېيىنكى ئەسلىگە كېلىش ئۆيىگە ئېلىپ كىرىلگەن ئىدى. تۆنۈگۈن مۇخبىر شيامېن شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئايال بىمارغا پەسكەشلىك قىلغان ناركوز دوختۇرى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئايال بىمارغا يۈز مىڭ يۈۋەن تۆلەم بەرگەن بولسىمۇ، يەنىلا ئىككى يىل ئىككى ئايلىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.
بۇ ۋەقە 3-ئاينىڭ 19-كۈنى يۈز بەرگەن. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى بىمار ۋېن ۋېن شيامېن شەھەرلىك ئانا-بالىلار ساقلىقنى ساقلاش دوختۇرخانىسىدا «بالاياتقۇ-قورساق بوشلۇقى بىرلەشمە ئوپېراتسىيىسى» قىلدۇرغان. ئوپېراتسىيە شۇ كۈنى 4:50 مىنۇت ئۆتكەندە ئاخىرلاشقان. شۇنىڭدىن كېيىن، ناركوز دوختۇرى فەن ۋېن ۋېننى ناركوزدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن مۇشۇ دوختۇرخانىنىڭ 3-بىنا، 5-قەۋىتىدە ئوپېراتسىيەدىن كېيىنكى ئەسلىگە كېلىش ئۆيىگە ئېلىپ كىرگەن. فەن دوختۇر ناركوزدىن ئەسلىگە كېلىش باسقۇچىدىكى ۋېن ۋېننىڭ تېخى ئەسلىگە كېلىپ بولالمىغانلىقىدەك پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ۋېن ۋېنغا پەسكەشلىك قىلغان.
فەن دوختۇر بۇ ئىشنى ئىنسۇ-جىن بىلمىدى دەپ ئويلاپ، پاش بولۇپ قېلىشىنى خىيالىغا كەلتۈرۈپمۇ باقمىغان.
ئەسلىدە، ۋېن ۋېن ھوشىغا كېلىپ تېنىدىكى غەيرى پۇراقنى بايقاپ، غەيرىلىك ھېس قىلغان ۋە ساقچىغا دېلو مەلۇم قىلغان. تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە فەن دوختۇرنىڭ ۋېن ۋېنغا پەسكەشلىك قىلغانلىقى ئىسپاتلانغان.
مۇخبىرنىڭ ئېنىقلىشىچە فەن دوختۇر فۇجيەننىڭ جەنۇبىي رايونىدىن بولۇپ، 38 ياشتا ئىكەن. ئالىي مەكتەپ باكلاۋىرلىق ئۇنۋانىغا ئىگە ئىكەن. ۋەقەدىن كېيىن، فەن دوختۇرنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ۋېن ۋېن بىلەن «تۆلەم تۆلەش كېلىشىمى» ئىمزالاپ، فەن فەنگە يۈز مىڭ يۈەن تۆلەم تۆلىگەن. تۆلەمگە ئېرىشكەن ۋېن ۋېن فەن دوختۇرنىڭ قىلمىشىنى كەچۈرۈۋەتكەن.
فەن دوختۇرنىڭ ئادۇۋكاتى سوتتا فەن دوختۇرنىڭ تۆلەم تۆلەپ بولغانلىقىنى ۋە فەن فەننىڭ ئۇنى كەچۈرىۋەتكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆزىنى مەلۇم قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، فەن دوختۇرغا بېرىلىدىغان جازانى يېنىكلىتىپ ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلغان. بىراق، سوتچى ئۇنىڭغا يېنىكلىتىپ جازا بېرىشكە قوشۇلمىغان. سوتچى «فەن دوختۇر بىمارنىڭ ئىرادىسىگە خىلاپ ھالدا، بىمار ناركوزدىن يېشىلىش ھالىتىدىكى قارىشىلىق قىلىشقا قۇربى يوق پەيتتە ئۇنىڭغا پەسكەشلىك قىلغان. ئۇنىڭ بۇ قىلمىشى ئاياللارغا مەجبۇرىي پەسكەشلىك قىلىش جىنايىتىگە ياتىدۇ» دەپ قارىغان. شۇ سەۋەبلىك، تۇنجى سوتتا ئۇنىڭغا ئىككى يىل ئىككى ئايلىق قاماق جازاسى بېرىلگەن.
(http://www.junshiqu.com) تور بېتىدىن مەن ئۇيغۇر تەرجىمە قىلدى.
|
|