- تىزىملاتقان
- 2011-9-26
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-3-12
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 252
- نادىر
- 0
- يازما
- 12
ئۆسۈش
  84%
|
مەن مۇشۇ پىشىقەدەم ئوقۇتقۇچى بىلەن بىر ئىشخانىدا ئىشلەيمەن. بۇ ئىشلار ھەقىقەتەنمۇ راسىت، تورداشلار ھەقىقەتەنمۇ ئوبدان پىكىرلەرنى بېرىپسىلەر! مەن بۇنىڭدىن بەك خۇش بولدۇم. بولسا سىلەر بىزنىڭ مۇشۇ «ئەزىزانە قەشقەر»گە بىر كېلىپ كۆرۈپ كەتسەڭلار نۇرغۇن ئىشلارنى چۈشىنىتىڭلار. ئۆيدىكى ھىساپ تالاغا توغرا كەلمەپتۇ دېگەندەك، سىلەرنىڭ دىگىنىڭلارنىڭ ھەممىسىنى قىلىپ كېتىش بۇ پىشىقەدەم ئوقۇتقۇچىنىڭ قولىدىن كېلىشى تەس.
بۇ يەردە(قەشقەردە) ئۈنۋان ئېلىش ئۈچۈن ياخشى ئىشلەشلا كۇپايە قىلمايدۇ. يەنە نۇرغۇنلىغان....... شەرتلەرنى ھازىرلاش كېرەك. بۇ شەرتلەرنى ھازىرلاش ھەممە ئادەمنىڭ قولىدىن كىلىۋەرمەيدىكەن. قولىدىن كەلگەنلەر ياخشى ئىشىلىمىسىمۇ، ياش بولسىمۇ ئۈنۋاننى ئېلىۋىرىدىكەن، بۇ شەرتلەرنى ھازىرلىيالمىغانلار ياخشى ئىشلىسىمۇ، قېرى بولسىمۇ ئۈنۋاننى ئالالمايدىكەن. بۇنىڭغا نېمە دېگۈلۈك!!! ھەتتا مۇشۇ ئۈنۋان خاپىلىقىدىن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئىزچىل سىياسەت دەرسى ئۆتكەن، ئالىي مەكتەپ تەكرارى قىلىپ كەلگەن بىر پىشىقەدەم ئوقۇتقۇچى 2007-يىلى مۇشۇ نەس باسقان «ئۈنۋان» خاپىلىقىدىن ئۇشتۇمتۇت ئۆلۈپ كەتتى. بۇ ئوقۇتقۇچىمۇ 28يىل مۇنبەردە تۇرغان. ياخشى ئوقۇتقۇچى ئىدى. ئالدىنقى يىلى بەشكېرەم ئوتتۇرا مەكتەپتە ياشلار، پارتىيە ئەزالىرى دېگەندەك ھېلقى شەرتلەرنى ھازىرلىغانلار ئۈنۋان ئالدى. پىشىقەدەملەر، ياخشى ئىشلىگەنلەر بولسا ئۈنۋان ئالالماي دەردىنى ئىچىگە يۈتۈپ ئولتۇردى. ئەسلىدە پارتىيە ئەزالىرى دېگەن جاپادا ئالدىدا، ھالاۋەتتە كەينىدە تۇرۇش كېرەك ئىدى، ياخشى ئىشلىسە ھامىنى ئالالايتى، ئەمما ئۇلار پۇقرالارنىڭ بېشىغا دەسسەپ تۇرۇپ مەنپەئەت تالىشىپ قىلمىغان ئىشلىرى قالمىدى.
بۇنداق ئىشلار بىزنىڭ بۇ ئەزىزانە قەشقەردە ئىنتايىن ............ بىزدەك ياشلار نېمە قىلىشىمىزنى بىلەلمەي، چوڭلار شۇنداق بولغاندىكىن، جاھاننىڭ ئىشلىرى شۇ ئوخشايدۇ دەپ ئۆتۈپ كىتىۋاتىمىز.
ئاللاھ ئۆزى بىرنىمە دەر!!! |
|