- تىزىملاتقان
- 2011-1-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-5-3
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 16423
- نادىر
- 2
- يازما
- 706
ئۆسۈش
  16.06%
|
مېنىڭچە ھازىرچە سىزنى ئىش ئورنىغا قويۇشى ناتايىن، ئىش ئورنىغا چىققان تەغدىردىمۇ ئاشۇنداق ھالەتتە قانداقمۇ ئوقۇغۇچىلار ئالدىغا چىقىشقا پېتىنالايسىز( تۈرمىگە كىرگەن ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇغۇچىلار ئالدىدا ئەلۋەتتە ھۆرمىتى بولمايدۇ-دە)؟ شۇڭا سىز ئەڭ ياخشىسى ئالدى بىلەن ئۆزىڭىزنىڭ خىزمەت تارىخى ھەم ماتېريالىڭىزنى، شۇنداقلا مۇدىر بىلەن ئوتتۇرىڭىزلاردا يۈز بەرگەن ئەھۋاللارنى( ئەلۋەتتە ، مەكتەپتە كۆرۈلۈۋاتقان يەنە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ناھەقچىلىكلەرمۇ بار) تولۇق ، تەپسىلى يېزىپ تەييارلاڭ. بولسا بۇنىڭغا گۇۋاھ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىمزاسى قويۇلسا تېخىمۇ ياخشى، ئۇ يەردىمۇ ھەممە ئادەم ئاۋۇ مۇدىرغا ئوخشاش ئىپلاسلىشىپ كەتمىگەندۇ، ھەقىقى غۇرۇرى بىلەن ياشايدىغانلارمۇ باردۇ، ئاشۇنداق ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ئوبدان پىكىرلىشىپ يازغان ماتېريالىڭىزنى خىزمەتتىن توختاپ بولسىمۇ ئۇدۇل ئاپتونۇم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىگە ئاپىرىڭ.
بەرىبىر سىز ئەمدى خىزمەت ئىشلىيەلمەيسىز، شۇڭا غەيرەتلىك بولۇڭ. كىم بىلىدۇ مۇشۇ سەۋەپلىك مائارىپتا بىر دولقۇن كۆتۈرۈلۈپ ئاشۇنداق ساپاسىز، ھايۋان سۈپەت، ئۆزىنى بىلمىگەنلەرنى قاتتى تازىلاش ئېلىپ بارامدۇ تېخى، بىر نېمە دېگىلى بولمايدۇ. چۈنكى، ئۇلۇغ ج خ ج نىڭ ئادىل قانۇنلىرى بار ئەمەسمۇ!!!
يەنە بىرى مائارىپ قانۇنى بىلەن ئوقۇتقۇچىلار قانۇنىنى ياخشى كۆرۈپ ئۆزىڭىزگە پايدىلىق تەرەپلىرىنى يەنى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قانۇنى ھوقۇقى، مەجبۇرىيەت ۋە مەسئۇلىيىتى قاتارلىقلارنى پىششىق ئىگىلەپ چىقىڭ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قانۇنى ھوقۇق-مەنپەتى دەخلى تەرۇزغا ئۇچرىغاندا ئۆزىنى قانداق قوغداش كېرەكلىكىنىمۇ ياخشى بىلىۋېلىڭ. بۇنداق بولغاندا ئەرز ئېيتىپ باشقىلارنىڭ ئالدىغا بارسىڭىزمۇ قىينالمايسىز، قانۇن ئارقىلىق ئۆز مەنپەتىڭىزنى كاپالەتلەندۈرۈشكە پايدىسى بولىدۇ.
ئاخىرىدا سىزنىڭ بارلىق ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن، شۇنداقلا سىز ۋە سىزگە ئوخشاش بارلىق كەسىپداشلارغا ئۆزىنى قوغداشنى ئۈگىنىۋېلىشنى تەۋىسىيە قىلىمەن. زامان زورنىڭ تاماشا كورنىڭ دەپ يۈرىۋەرمەڭلار!!!!!!!!!!!!!!! |
|