- تىزىملاتقان
- 2014-2-14
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-8-2
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1788
- نادىر
- 0
- يازما
- 90
ئۆسۈش
  78.8%
|
تەبئى يۇز بەرگەن،ئالدىنى ئالغىلى بولمايدىغان ھادىسىلەرنىڭ جاۋاپكارلىغىنى سۇرۇشتۇرۇشتە دۆلىتىمىز قانۇنىدىمۇ پەرقلىق سۇرۇشتۇرۇلىدۇ.باشقا دۆلەت قانۇنلىرىدىمۇ ئوخشاش.جاۋاپكارلىقنى سۇرۇشتۇرۇشتىن مەخسەت،ئىبرەت ئېلىش،قايتا يۇز بىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش،جەمىيەتنىڭ مۇقىملىغىغا كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت.مۇسۇلمان دۇنياسى نىمىنىڭ جىنايەت،نىمىنىڭ جاۋاپكارلىق ئىكەنلىگىنى ئوبدان بىلىدۇ.لېكىن قىسمەن تاسادىپى،كۇتۇلمىگەن ۋەقەلەرنى تەغدىر دەپ قاراشنى قوبۇل قىلغان.ئەگەر بىر جەمىيەتتە ھەممىلا ئادەمنىڭ تەغدىر چۈشەنچىسى بىردەك بولسا،بۇ جەمىيەتتە ھېچقانداق نورمالسىزلىق بولمايدۇ.لېكىن بۇ خىل ئېتىقادنى چۈشەنمەيدىغان،ياكى بۇ خىل ئېتىقادتىن چەتنىگەن باشقا بىر جەمىيەتتىكى،باشقا بىر تۈزۈمدىكى كىشىلەر ئۈچۈن بۇ بىر غەيرى ئىش ھېساپلىنىدۇ.بۇ قېتىمقى كىران ئۆرۇلۇپ چۈشۈش ۋەقەسى مۇقەددەس شەھەر مەككىدە يۈز بەردى.ھەم يەنە ھەج پائالىيىتى بولۇۋاتقان مەزگىلدە يۈز بەردى. بۇ بىر زىل مەسىلىگە ئايلاندى.پادىشاھ بۇ مەسىلىنى تەبىئى ھادىسە،ساقلانغىلى بولمايدىغان مەسىلە دەپ قارىمىدى.شۇڭا ئۇ بۇ ئىشنىڭ جاۋاپكارلىغىنى سۇرۇشتۇرۇشنى، تەغدىر مەسىلىسىگە كىرمەيدىغانلىغىنى ئېلان قىلدى.بۇ ئىش قانداقتۇ مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆز ئەقىدىسىدىن يېنىۋاتقانلىغىنى چۈشەندۇرمەيدۇ.يەنە بىر ئېنىق چۈشۈنىۋېلىشىمىز كېرەك بولغان مەسىلە،قۇرئاننىڭ 3-سۇرىسىنىڭ 136-ئايىتىدە 5 ئىمان تىلغا ئېلىنغان.كېيىن بەزى پەقىھلەرنىڭ تەشەببۇسى بويىيچە« تەغدىر» قۇرئاندىكى 5 ئىماننىڭ ئالتىنجىسى قىلىپ قوشۇلغان.دىمەكچى تەغدىر قۇرئاندىكى 5 ئىماننىڭ ئىچىدە يوق.بۇمۇ بەلكىم تۇركىيە ئەللامىسى ۋە سەئۇدى پادىشاھىنىڭ تەغدىرگە مۇناسىۋەتلىك قىسمەن پىكىرلەرنى يۇرەكلىك ئېيتالىشىدىكى سەۋەپ بولۇشى مۇمكىن. |
|