- تىزىملاتقان
- 2015-9-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-6-16
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1467
- نادىر
- 1
- يازما
- 47
ئۆسۈش
  46.7%
|
تەرجىماننىڭ ئەمگىكىگە تەشەككۈرلەر!
مەن تېمىنى ئوقۇغاندىن كېيىن، بۇ ماقالىنىڭ ئىسلامدىكى تىراگېدىيەلىك تەقدىرچىلىكنى ئەمەس، مۇسۇلمانلاردىكى تىراگېدىيەلىك تەقدىرچىلىكنى مەزمۇن قىلىدىغانلىقىنى ۋە مۇسۇلمانلاردىكى پاسسىپ تەقدىرچىلىك تونۇشىنى ياخشى يورىتىپ بەرگەنلىكىنى ھېس قىلدىم. ئېلىنغان مىساللار بۇنى ناھايىتى روشەن كۆرسىتىپ بېرىدۇ. مەلۇمكى، بىن لادىن شىركەتلەر گۇرۇھى، سەئۇدى پادىشاھى، ئەردوغان... بۇلارنىڭ ھېچبىرى ئىسلام ئەمەس، يا ئۇنىڭغا ئەگۈشكۈچى مۇسۇلمانلار قۇرغان شىركەت ياكى مۇسۇلمانلاردۇر.
ئىسلامدىكى تەقدىرچىلىك مەسىلىسى ھەققىدە توختالغاندا، ئىسلامنىڭ بەش ئاساسىي مەنبەسى (قۇرئان، ھەدىس، ئىجمائ، قىياس ۋە ئۆرپ – ئادەت) نى نەزەردىن ساقىت قىلغىلى بولمايدۇ (گەرچە بەزى ئېقىملار بۇ مەنبەلەرنىڭ ئۈچىنچى ۋە بەشىنچىسىنى رەت قىلسىمۇ). بۇ ماقالىدە بۇلارنىڭ ھېچبىرىدىن ھېچقانداق نەقىل ئېلىنمىغان. مۇستاپا ئاقيولنىڭ ئىسلامنى تېما قىلغاندا ئاتنىڭ ئىزى بىلەن ئىتنىڭ ئىزىنى ئارىلاشتۇرىۋېتىدىغان يامان ئادىتى بولسىمۇ، سىياسىي مەسىلىلەرنى ياخشى ئانالىز قىلىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلماي بولمايدۇ.
مېنىڭچە بىز ھەرقانداق بىر نەرسىنى ئوقۇغاندا، بىر – بىرىنى شەرت قىلىدىغان لېكىن، ئىنچىكىلەپ قارىغاندا، ئىسلام ۋە مۇسۇلمان دېگەندەك ئەسلىدە بىر ئەمەس مەسىلىلەرنى ئايرىپ ئوقۇشنى ئۆگەنمىسەك، ئىلمىي جەھەتتە ئىلگىرىلىيەلمەي قېلىشىمىز مۇمكىن.
بۇ ماقالىدە مۇسۇلمانلاردىكى پاسسىپ، قالاق تەقدىر تونۇشى ئىسلامنىڭ پەلسەپىسى قىلىپ كۆرسىتىلگەن. بۇ توغرا ئەمەس. بىز بىر كومۇنىست رەھبەرنىڭ پارىخورلۇقىنى كومۇنىستىك پارتىيە پارىخورلۇق قىلدى، دەپ ئىزاھلىساق، قانداق توغرا بولمىسا، بۇمۇ شۇنداق توغرا ئەمەس، دەپ قارايمەن.
|
|