- تىزىملاتقان
- 2011-11-16
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-4-30
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 75301
- نادىر
- 0
- يازما
- 8418
ئۆسۈش
  0%
|
dunyaguzal يوللىغان ۋاقتى 2015-10-29 22:43 
قوش پىلدىرلىغۇچ ئۆز ئۇقىدا ئايلانغاچ تۈز سىزىقلىق ھە ...
رەھمەت.
ئەگەر سىز مۇشۇ تەھلىلنى قوش پىلدىرلىغۇچ تەجىربىسىنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەشنىڭ ئاساسى دەپ قارىسىڭىز بۇ ھەقتە راۋۇرۇس مۇھاكىمە قىلىپ باقساق بولغىدەك.
سىز قوش پىلدىرلىغۇچنىڭ تۆز سىزىقلىق ھەركەت قىلىۋاتقان شارىسمان جىسىمنىڭ ئىككى تەرىپى بىلەن شارنىڭ ئىككى تەرەپتىكى ھاۋانىڭ سۆرئەت پەرقىنى كۆرسۆتۈپ بېرىدىغانلىغىنى ئىتراپ قىلىپسىز. دىمەك،شارغا يېقىن بولغان ھاۋا ئېقىمىنىڭ تېزلىكى ھەققىدە شەكىل نەزەريىسىنىڭ تەشەببۇسىنى توغرا دەپ قارايدىكەنسىز.لىكىن،كەينىدىكى بايانلار بىلەن ،ئالدىدىكى بايانلار زىدىيەتلىك بولۇپ قالغاندەك،تازا ئېنىق بولمىغاندەك تۇرىدۇ.بۇ ھەقتە خالىسىڭىز كونكىرىتراق توختىلىپ باقسىڭىز.
سىزچە شار يۆزىگە بېۋاستە سۆركۆلۈپ ئۆتكەن ھاۋانىڭ تېزلىك پەرقى(ئىككى پىلدىرلىغۇچ ئىپادىلىگەن تېزلىك پەرقى)نىڭ يايسىمان توپلار بىلەن بېۋاستە مۇناسىۋىتى يوقمۇ؟ بۇنداق توپلارنى شارغا بېۋاستە سۆركىلىپ ئۆتكەن ھاۋا ئېقىمى ئەمەس،ئۇنىڭ سىرتىدىكى شارغا يېقىن بولغان ھاۋا ئېقىمى مەيدانغا كەلتۆرگەنمۇ؟بۇ نۇقتنى ئېنىقراق بايان قىلىپ باقسىڭىز.
سىزدىن سورايدىغان يەنە بىر سوئال بار:يايسىمان توپلارنىڭ كىلاسسىك چۈشەندۆرۆشىنى ئىسپاتلايدىغان بىرەر تەجرىبە،ئۆلچەشتىن خەۋىرىڭىز بارمۇ؟مەن شۇنچە ئىزدىنىپمۇ تاپالمىدىم.باشقا تورداشلارمۇ بۇنداق ئۇچۇرنى بىلسە بىزنى خەۋەردار قىلىپ قويسا.
|
|