ئۆتكۈر ئەپەندىم ۋاپاتىنىڭ 20 يىللىقى خاتىرلەندى
مۇجىبۇل راخمان ئەركىم خەۋىرى، فوتوسى
2015-يىلى 9-ئاينىڭ19-كۈنى قومۇل ئوردا رېستۇرانىدا مەرھۇم يىتۈك ئالىم، ئاتاقلىق يازغۇچى، ئوتيۈرەك شائىر، جامائەت ئەربابى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندىمنىڭ ئۆمۈرلۈك غەمخانىسى،مېھرىبان دىلكىشى خەلچىخان ئانام ۋە ئۇنىڭ يۈرەك پارىسى بولغان پەرزەنتلىرىنىڭ نامىدىن ئالىمىمىز ۋاپاتىنىڭ 20 يىللىقىغا ئاتاپ خالىس نەزىر بېرىلدى. پائالىيەتتە،مەرھۇم ئالىمىمىزنىڭ روھىغا ئاتاپ ئوقۇلغان خەتمە قۇرئاننىڭ مۇڭلۇق ئاۋازىدىن كۆزلەر نەملەندى. بىر نەچچە نەپەر زىيالىيلار ئۆتكۈر ئەپەندىمنىڭ قىسمەتلىك ھەم شانلىق ھاياتىنى ئەسلەپ ئۆتكەندە پائالىيەت سورۇنى گاھ قاتتىق سۈكۈتكە چۆمۈلسە،گاھ گۈلدىراس ئالقىش سادالىرى ئىچىدە تەۋرەندى. قومۇلدىكى شائىر، يازغۇچىلار ئۆتكۈر ئەپەندىمگە ئاتاپ يازغان نەسىر، شئېرلىرىنى ئوقۇدى. مەكتەپلەردىكى ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار ئەپەندىمنىڭ شئېرىنى ئۇيغۇرچە ۋە خەنزۇچە ئىككى خىل تىلدا دېكىلىماتسىيە قىلدى. قومۇلدىكى خەتتاتلار شۇنچىلىك قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۆتكۈر ئەپەندىمنىڭ شئېر، رۇبائىيىلىرىنى چىرايىق يېزىپ، بېزەكلەپ ئوردا رېستۇران زالىنىڭ ئەتىراپىغا ئېسىۋەتكەن كۆرۈنۈش پائالىيەتكە يېڭىچە ھۆسىن قوشتى. پائالىيەت ئاخىرىدا ئىلىم سۆيەر قومۇل خەلقى ئالىمىمىزنىڭ ئۆمۈرلۈك رەپىقىسى خەلچىخان ئانىمىزغا تون كەيگۈزۈپ دوپپا تەقدىم قىلدى ھەمدە سۆيۈملۈك ئۈچ پەرزەنتىگىمۇ تون ۋە دوپپا تەقدىم قىلىندى. خەتتاتلار يېزىپ كەلگەن چىرايلىق ھۆسىنخەتلىرىنىڭ ھەممىسنى خەلچىخان ئانامنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىغا سوۋغا قىلدى، تەرەپ تۇشتىن كېلىۋاتقان ئالقىش سادالىرى، ھەر تەرەپتىن سۇنۇلغان چىن يۈرەكتىن تۇتۇلغان سوۋغا سالاملار ئالىمغا ۋە ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا تۇتقان خەلقىمىزنىڭ كىچىككىنە كۆڭلى خالاس. بىز مەرھۇم ئابدۇرېھىم ئۆتكۈردەك ئالىمىمىزنىڭ، ئوتيۈرەك شائىرىمىزنىڭ، مەسئولىيەتچان يازغۇچىمىزنىڭ، يىراقنى كۆرەر جامائەت ئەربابىمىزنىڭ بولغانلىقىدىن مەڭگۈ پەخىرلىنىمىز، ئۇ قەلبىمىزدە مەڭگۈ ھايات!
پائالىيەت مەزمۇنىدىن كۆرۈنۈشلەر

---
خەلچىخان ئانا
--- 
--- 
--- 
--- 
--- 
--- 
--- 
--- --- 
--- 
--- 
--- 2015-يىلى9-ئاينىڭ19-كۈنى قومۇل |