- تىزىملاتقان
- 2015-7-22
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-11-12
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 271
- نادىر
- 0
- يازما
- 19
ئۆسۈش
  90.33%
|
yaqi يوللىغان ۋاقتى 2015-9-22 10:43 
يۈزۈڭمۇ چەمدەك قېلىن، ئىچىڭ زەنجىرلىك تىراكتۈرنىڭ چى ...
ئەسسالام ياچى، قۇمۇل دىيارىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ كاتتا پائالىيەت قەلبىمىزنى لەرزىگە سېلىپ، پۈتكۈل دىيارىمىزدىكى خەلق پائالىيەتنى ئويۇشتۇرغان ۋە پائالىيەتكە قاتناشقان قېرىنداشلاردىن پەخىرلىنىش ئىلكىدە تۇرۇۋاتقان مانا مۇشۇنداق پەيتلەردە، سەن ئوتتۇرىغا چىقىپ ئەسقەرجان ئەنۋەر ئەلسۆيەرنى «ئۇستازىغا يانغان مۇناپىق» دەپ تىللاپسەن. سەن مۇناپىق دېگەن سۆزنىڭ مەنىسىنى بىلەمسەن؟ توردا ئادەم تىللاشقا قۇربىتىڭ يەتكەنگە قارىغاندا چوقۇم ئەڭ ئۇچچىغا چىققان «نوچى» ئوخشايسەن. بۇ قىلغىنىڭ دۆلەت قانۇنى ۋە ئۇچۇر تور باشقۇرۇش قائىدە - نىزاملىرىغا خىلاپ ئىكەنلىكىدىن خەۋىرىڭ بارمۇ؟ قانداق ئادەم مۇناپىق بولىدۇ؟ 1. ئاق - قارىنى ئايرىمىغانلار، 2. سېتىلما، مەۋقەسى يوقلار، 3 . ئۆز قەۋمىنى سېتىۋاتقانلار. دېمەكچىمەنكى، سەن ئويلاپ باق، ئەسقەرجان نېمىنى خاتا قىلدى؟ ئۇ «ئۇستازى» نى سېتىۋەتمىدى، بەلكى، ئۇنىڭ ھەدىدىن ئاشقان، ئەسەبىيلەشكەن شۆھرەتپەرەسلىك كېسىلىگە بىر قېتىم نۇختا سالدى ۋە داۋالىدى، مۇنداقچە ئېيىتقاندا، ئۇنى تېخىمۇ چوڭ پېشكەللىكتىن قۇتقۇزۇپ قويدى، سەن بۇنداق نامۇۋاپىق ئۇسۇلدا توردا يەنە ئاشكارە ھاقارەت قىلىشقا كىمدىن ئىجازەت ئالغانتىڭ؟ |
|