- تىزىملاتقان
- 2014-3-18
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-4-6
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1540
- نادىر
- 2
- يازما
- 21
ئۆسۈش
  54%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا tahirhaliq تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-9-27 13:33
china يوللىغان ۋاقتى 2015-8-21 16:56 
tahirhaliqئەپەندى:
يېڭى ئوقۇتقۇچى بولماقچى بولغانلار نىمىل ...
« بالىلارنى ياخشى كۆرمىسىڭىز ئوقۇتقۇچى بولماڭ » دەيدۇ رۇس پېداگوكى سۇخۇملىنىسكىي .
ئوقۇتقۇچىلىق كەسپى ، مېنىڭچە ھازىرمۇ ، بۇرۇنمۇ ھەم كەلگۈسىدىمۇ ئەڭ ئۇلغلانغان ھەم ئۇلۇغلىنىۋاتقان ، شۇنداقلا مەڭگۈ ئۇلۇغلىنىشقا تېگىشلىك شەرەپلىك كەسپ . مۇشۇ مەنىدىن ئالغاندا، ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىنىڭ قىممىتىنى ھەم ئۇنىڭ جەمئىيەتكە ئېلىپ كېلىدىغان ھىممىتىنى باشقا ھەرقانداق كەسپ بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ . ھازىرقى مائارىپتا ۋە ئوقۇتقۇچى ، ئوقۇغۇچىلاردا مەسىلە ئاز ئەمەس . ئەمما ، بۇنىڭلىق بىلەن ئوقۇتقۇچىلىقتىن ۋايساشقا بولمايدۇ !
مەن شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرستېتىنى پۈتكۈزۈش ئالدىدىكى ئوقۇتۇش پىراكتىكىسىدىن كېيىن قولۇمغا بور ئېلىپ باقمىدىم . ئەمما، ھازىرقى خىزمىتىممۇ مائارىپ بىلەن چەمبارچاس باغلانغان . بىر ۋىجدان ئىگىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ، ئەڭ ئاۋۋال ئاساسىي قاتلامدا ئۈن -تىنسىز ئىشلەپ ، مىللىي مائارىپ ئۈچۈن جان پىدا قىلىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرىمەن ! ئۇلارغا سالامەتلىك ۋە كۆڭۈل ئازادىلىكى تىلەيمەن .
ياراملىق ئوقۇتقۇچى بولۇش ئۈچۈن ، مېنىڭچە :
1- مۇمكىن بولسا ، پىشقان پىسخولوگ بولۇشىڭىز ياكى پىسخولوگىيە ئىلمىنى پىششىق بىلىشىڭىز كېرەك ؛
2-ئۆز كەسپىڭىزنى مۇكەممەل بىلىپلا قالماي ، باشقا ھەرقانداق كەسپلەردىنىمۇ تولۇق ياكى ئاساسەن خەۋەردار بولۇشىڭىز كېرەك؛
3- ئوقۇتۇش ئۇسۇلىڭىز ئۆزگىچە، يەنى خاسلىققا ئىگە بولۇشى كېرەك؛
4- ناھايىتى كۆپ كىتاب ئوقۇغان بولۇشىڭىز ، يەنى كىتابخۇمار بولۇشىڭىز كېرەك؛
5- ئوقۇغۇچىلارنى بىلىمنىڭ قۇلىغا ئەمەس ، ئەكسىچە ئۇنىڭ غوجايىنىغا ئايلاندۇرىشىڭىز كېرەك ؛
6 - سىزدە دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار ماددىي ۋە مەنىۋى مەدەنىيەتلەرنى دەرس بايلىقىغا ئايلاندۇرالايدىغان پاراسەت ۋە دىت بولۇشى كېرەك . |
|