- تىزىملاتقان
- 2013-12-13
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-4-23
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4600
- نادىر
- 0
- يازما
- 299
ئۆسۈش
  86.67%
|
‹‹ئوقۇتقۇچى بولغۇم يوق پەقەت،
بولدۇممۇ............................!››
ئوقۇتقۇچىغا دۆلەت تەربىيلىنىش پۇرسىتى بەردى،خېلى يۇقىرى مائاش بەردى، ئەمما ئاتا-ئانىلار،جەمىيەت نىمىلەرنى بەردى؟
ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىدىكى مۇنەۋۋەرلەر بىلەن ناچارلار نىسبىتىنى باشقا كەسىپتىكىلەرنىڭ مۇنەۋۋەر ناچارلىرى بىلەن سېلىشتۇرۇپ باقساقلا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يەنىلا دۆلەت بەرگەن مائاشنى ، خەلق بەرگەن ‹‹ئۇلۇق شەرەپ››لەرنى ئەڭ ھالال ئالىدىغان قوشۇن ئىكەنلىگىنى بىلەلەيمىز. يانچۇقىدىكى نەچچە يۈز يۈئەننى تەكشۈرۈش ھەققى ئۈچۈن ئالماي تۇرۇپ ،تولغاق بىلەن ئۈچەي ياللۇغىنى ئايرىپ 5 كويلۇق دورا يېزىپ بېرەلمەيدىغان ‹‹ئاق خالاتلىق پەرررىشتە›› لىرىمىز، خىلاپلىق قىلىش جەرىمانىسىنى قەيەرگە تاپشۇرسا توغرا بولىدىغىنىنى ئۇنتۇلۇپ قالىدىغان ب،س،....لىرىمىز، ئۇ يىلدىن بۇيىلغا خەلققە ئوچۇق چىراي ئېچىشنى بىلمەيدىغان مەمۇرلىرىمىز خېلى بار.نىسبىتى ئوقۇتقۇچىلاردىن ئازمىكىن تاڭ ،ھە دىسىلا ئوقۇتقۇچىلارنى ئۇ، بۇ دەيدىغان ‹‹زىيانكەشلىككە ئۇچرۇغىچىلار›› بەك تولا ئىكەن. ئىشتىنىنىڭ ئېغىنى ئېچىپ سىيەلمەيدىغان بالامنى سىيدۈرۈپ قويغان قول دەمدىكىن ، شۇنداقلار تېخى مەكتەپتىن باشقا جايدا ئۇچرىشىپ قالسا ئالدىراپ قولىنىمۇ تۈزۈك بېرىپ، سالاملاشمايدۇ. باشقا كەسىپتىكىلەر ئۆگىنىش، بىلىم ئاشۇرۇشقا بارسا ئالىم بولۇپ كېلىدىغاندەك!ئۇلارغا قىلغان سالام، خوشامەتلىرىگە ئادەمنىڭ ھۆ بولغىسى كېلىدۇ!
بىلىپ قېلىڭلار! ئوقۇتقۇچىمۇ ئادەم! ئۇمۇ يەيدۇ، كىيىدۇ، ئوينايدۇ.....! ئۇلارنىڭمۇ پىسخىكىلىق ۋە فىزلوگىيىلىك ئېھتىياجى بار! ھەرگىز جەمىيەتنىڭ قۇللىرى ئەمەس! ئۇلارغا بەرگىنىڭلارغا چۈشلۇق تەلەپ قىلىڭلار!
ئازغىنە ‹‹جىنايەت››لىرىنى كەچۈرىۋېتىڭلار! |
|