- تىزىملاتقان
- 2014-12-29
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-8-3
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1996
- نادىر
- 0
- يازما
- 130
ئۆسۈش
99.6%
|
تىلىمىزنىڭ ساپلىقىنى قوغدايمىز دەيدىكەنمىز ،،،بىر ئىككى ئادەمنىڭ بىرەر ئېغىز سۆزى ۋەياكى بىرەر يازمىسى بىلەن كۇپايە قىلمايدۇ،،ئەمەلىي ھەركەت بولمىسا،ھەممە ئىشتىراك قىلمىسا بىكار بۇلىدۇ!!بۇ قېرىندىشىمىز ئەجىر قىلىپ نۇرغۇن سۆزلەرنى رەتلەپ چىقىپتۇ،ئەمما ئىزدىسەك بۇنداك سۆز يەنە نۇرغۇن،،،ئۇيغۇرنىڭ ئۆز تىلىدا سۆزلىندىغان تاراتقۇلىرىدىمۇ مۇشۇ ئەبجەش بۇيىچە سۆزلىنىۋاتىدۇ نۇرغۇن سۆز-ئىبارىلەر،،80-90-يىللارغا تۇۇلغان ياشلار توي قىلىپ بالىلىق بۇلۇشقا قاراپ يۇزلەندى،،بالىلارنىڭ مەكتەپتە ئۇقۇشى ئۆز ئانا تىلىدا بولماي،خەنچە،ياكى قوش تىلدا بۇلىۋاتىدۇ ،،چەت-يىراق شارائىتى ناچار رايۇنلارنى ھېساپقا ئالمىغاندا ھەممە دىگۇدەك باللىرىنى شۇنداق ئوقۇتىۋاتىدۇ،،بۇمۇ بىر جەمئىيەتنىڭ تىلغا بولغان بۇلۇپمۇ خەنزۇ تىلىغا بولغان ئىھتىياجنىڭ كۈندىن كۈنگە ئېشىپ بېىرىلىۋاتقانلىقىنىڭ روشەن ئىپادىسى،ئەمما تىلنى ئۆگۈنۈش توغرا ئۇسۇلدا بولمىغاچقا تىلىمىزدا مانا مۇشۇنداق مەسلىلەر مەۋجۇت بولماقتا،،بۇ مەسئۇلىيەت كىمدە؟تىلىمىزغا كىم ئىگە بۇلىدۇ؟ھازىر 80-90-يىللاردا تۇغ ۇلغانلار بۇلۇپمۇ 80-يىللارنىڭ ياشلىرى تىل ئۆتكىلىدە ئاز بولمىغان دىشۋارچىلىق ۋە قىيىنچىلىققا ئۇچراۋاتىدۇ،ئۇلار باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپنى ئانا تىلدا ئۇقۇغان ئالىي مەكتەپكە بارغاندا كۈندە بىر يېڭى سىياسەتنىڭ تۇرۇتكىسىدە خەنزۇتىلىغا بولغان ئۆلچەم ۋە تەلەپ يۇقۇرى بولغاچقا نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئۇقۇشقا توغرا كىلىۋاتىدۇ.ئۇقۇش پۇتتۇرۇپ ئائىلە قۇرغاندا بولسا ئۆز بېشىدىن ئۆتكەن تىل جەھەتتىكى شۇ دىشۋارچىلىقلارنى دەپ باللىرىنى چۇقۇم خەنچە مەكتەپتە ئۇقۇتىمەن دەپ قەسەممۇ ئىچىشىدۇ،،ھەم ئۇقۇتىۋاتىدۇ.دۆلىتىمزنىڭ دۆلەت تىلى خەنزۇتىلى شۇڭلاشقا دۆلەتنىڭ ئاساسلىق ئاپارات ۋە ئىش بىجىرىش ئۇرۇنلىرى،تۇرلۇك ھۆججەت ۋە سىياسەتلەر،ئىدارە-ئۇرۇنلار ئالاقە ۋە خىزمەتتە خەنزۇ تىلى بىردەك ئىشلىتىلىدۇ،بۇ ھەممە كىشى كۆرۇپ تۇرۋاتقان رىياللىق،شۇنداق بولغاچقا خەنزۇتىلى ئۆگۇنۇش تەبىئىي ھالدا ئۆگەنمىسە بولمايدىغان تىل ئۆتكىلى بۇلۇپ قالدى.شۇڭلاشقا ئاتا-ئانىلار كەلگۇسى رىقابەت ۋە خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش،جەمئىيەتتە پۇت تېرەپ تۇرۇش ئۇچۇن پەرزەنتلىرىنى خەنچە ياكى قوش تىل دەپ ئاتىلىدىغان سىنىپلاردا ئۇقۇتتى.ئاتا-ئانىلارنىڭ بۇ ئويلاشلىرىنى خاتا دىيىشكە قەتئىي بولمايدۇ،خەنزۇتىلىنى ياخشى ئۆگۇنۇش كىرەك،ئەمما ئۇنى كەلگۇسىنىڭ نان تېپىپ يەيدىغان ۋاستە قىلۋالماسلىقى كىرەك!خەنزۇتىلىنى ياخشى ئۆگەنگەندىن سىرىت ئۆز پەرزەنتىللىرىگە مەدەنىيەت ،ئۆرۇپ-ئادەت،تارىخ،ئىتىقاد،كىشىلىك قاراش،دۇنيا قاراش،كىملىك،ۋەزىيەت،قانۇن،ئەخلاق،جۇملىدىن ئۆز ئانا تىلى توغرىسىدىكى تەربىيە ۋە ئۇقۇتۇشنى خەنزۇتىلىدىنمۇ چىڭ تۇتۇش كىرەك.مۇشۇنداق قىلغان ئاساستا خەنزۇتىلىنى ياخشى ئۆگەنسە بۇنىڭ ئۇنۇمى قارا خەنچە ئۆگەنگەندىن تېخىمۇ ياخشى بۇلىدۇ.خەنزۇتىلىنى ۋاستە قىلىپ جەمئىيەتتىن ئۇرۇن تاپىمەن دەيدىغانلارغا بىرلا ئېغىز گەپ ھەدىيە قىلىمەن‹‹خەنزۇتىلى ئۆگۇنۇپ پۇل تېپىپ چىقىش يۇلۇمنى تاپالايمەن دەيدىغان ئىش بولسا تۇڭگانلار ھازىرغىچە ھەممە يەردە چېچىلىپ راڭپىزا،لەڭپۇڭ،زاسۇ قۇيۇپ سېتىپ يۇرمەيتى››شۇڭا خەنزۇتىلىدا ئۇقۇتۇشنى ئويلاشقان ۋە ئۇقۇتىۋاتقان كىشىلەرگە شۇنى دىگۇم كىلىدۇ‹‹ئۆز مائارىپى ۋە ئۆز تىلىغا كۆڭۈل بۆلمىگەن مىللەت كەلگۈسىنى دەپنە قىلغان مىللەتتۇر››يەنە بىر ئېغىز گەپ بىزگە،بىز ئۇيغۇرلارغا بىرەرسى كىلىپ تىلىمىزنى قۇتقۇزۇپ قويمايدۇ،ھەممە ئىشتا ئۆزىمىزگە تايىنىشنى ،مۇستەقىل پىكىر قىلىشنى،ئېنىق مەيدانىمىز بۇلۇشنى،جۇنلىدىن مۇشۇ مىللەتكە،مۇشۇ 10 مىليۇندىن ئاشىدىغان، تارىختا بەھەيۋەت سەلتەنەت سۈرگەن،ئىنسانىيەت مەدەنىيتىگە زور تۆھپە قوشقان،ئۆزىگە خاس ئىلغار مەدەنىيەتنى ۋە ئۆرۇپ-ئادەتنى شەكىللەندۇرگەن،مۇشۇ قەۋىمگە ئىگە بۇلۇشنى،مەسئۇل بۇلۇشنى قايتىدىن ئۆگۈنىشىمىز كېرەك دەپ قارايمەن.ئەگەر تىل جەھەتتە يەنە قارىغۇلارچە ئۆزىمىزنىڭلكىنى بۇزۇپ سۆزلەپ يۇرسەك،ھازىرغۇ تىما ئىگىسى دوستىمىز دىگەندەك نۇرغۇن سۆزلەر بۇزۇلغان بولسا بۇندىن كىيىنكى باللار تۇلۇق بۇزۇپ سۆزلەپ،پەرقىمىز تۇلۇق يۇقايدۇ،،تىل يۇقايدۇ،كىينچە ئىچكىردىكى ئۆلكىلەردىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ئوخشاش كىملىكىمىزدە مىللەت نامىلا ساقلىنىپ قالىدۇ،خالاس.دوسلارغا ئاخىرى تەۋسىيە قىلىدىغىنىم،خەنزۇ تىلىنى ياخشى ئۆگۇنەيلى،ئەمما كىملىكىڭىز ئۆزگەرمىسۇن،ئۆزىڭىزنى تۇنۇپ ياشاڭ،مەسئۇلىيەت بىلەن ياساڭ. |
|