- تىزىملاتقان
- 2013-5-5
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-8-4
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 7986
- نادىر
- 0
- يازما
- 537
ئۆسۈش
  59.72%
|
شۇ دەۋىرنىڭ ئىھتىياجى، تەقەززاسى بىلەن تۆمۈر خەلىپە،غوجىنىياز ھاجىمنىڭ ئۈرۈمچىگە بىرىشى،ئەخمەتجان قاسىملارنىڭ نەنجىڭغا بىرىشى(بىيجىڭغا بىرىشقا نىسىپ بولمىدى)،سەيپىدىن ئەزىزنىڭ بىيجىڭغا بىرىشى توغرا.
مەنچىمۇ بىزلەرنىڭ ئۇلارنى ئۇنى بۇنى دىيىشىمىزگە يۈزنمىز قىزىرىدۇ.
بىرلەر ھازىر دۆلەت ۋە خەلق ئارالىق قانۇن ئوچۇق ئاشكارە، مىللەتلەر باراۋەر، كىشىلىك ھوقۇق تەشەببۇس قىلىۋاتقان ۋە ئىرقى ئايرىمچىلىققا خەلق ئارا بويىچە قارشى تۇرىۋاتقان ئەۋزەل شارائىتلاردا ياشاۋاتىمىز.
بولۇپمۇ 80-يىللاردىن ھازىرغىچە بولغان شۇ ئەۋزەل شارائىتلاردا (50-80يىللارغىچە دۆلىتىمىزنىڭ دەرۋازىسى تاقاغلىق،خەلقنىڭ كاللىسى ئىتىك ھالەتتە ئىدى ) سىز بىزلار خەلقىمىز ئۈچۈن نىمىلەرنى قىلىپ بىرەلىدۇق؟
رايۇنىمىز باشقا ئۆلكىلەر بىلەن تەڭ ‹‹ئازات››بولغان،لىكىن ئىقتىساد،سانائەت تەرەققىياتتا ئىچكىرى جايلاردىن خىلى بەك ئارقىدا.
ئەڭ ئاددىسى قانۇن ئارقىلىق ئۆز ھۆقۇق مەنپەتىمىزنى قوغداۋاتىمىزمۇ،قوغدىيالىدۇقمۇ يوق.
تارىخنى ئوقۇشتىكى سەۋەپ - ئۆلگەنلەرنىڭ،كەتكەنلەرنىڭ غەيۋىتىنى (مۇنازىرە) قىلىش بولماستىن
تارىخى تەجرىبە ساۋاقلارنى يەكۈنلەش،بۇندىن كىيىنكى نىشانلارنى بەلگىلەشكە ئۇل ھازىرلاش.
|
|