- تىزىملاتقان
- 2013-3-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-4-28
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 15427
- نادىر
- 0
- يازما
- 406
ئۆسۈش
  13.57%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا tatatunga تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-8-3 16:10
hotanboy يوللىغان ۋاقتى 2015-8-2 13:56 
ئىتىقادى، ھېچ بولمىغاندا كىشىلىك پىرىنسىپ، قائىدە تۈز ...
سەئىدىيە خانلىقىدىن كېيىن ئۇيغۇرلار ئارسىدا خەلق ئىچىدىن چىققان ، خەلق ئۆزى تەربىيلەپ يىتشتۈرگەن ئاددى بىر تاغلىق ئوۋچى مەرگەنلىكتىن بىر پۈتۈن مىللەتنىڭ تەقدىرىگە باش بولۇپ يىتەكلىگەن تارىخى شەخىس خوجىنىياز ھاجىمدىن باشقىسى مۇتلەق يوق دەپ كېسىپ ئېيتالايمەن .
يەكەن خانلىقىدىن كېيىن ھاجىمدەك ئىناۋەتلىك ، خەلق قوللىرىغا يۈزكۆزلىرىنى سۈرتۈپ غازى ئاتىمىز دەپ تەرىپلىگۈدەك جېرجىس ھاجىدەك بىلىمدار مويىسپىتلىرىىمز چېغىدا ھاجىمنىڭ دوپپىلىرىنى پوراپ ئەسلەپ تۇرىمەن دىيىشلىرىدىن ھاجىمنىڭ ئۇيغۇر يېقىنقى زامان تارىخىدا خەلق ئارسىدا ئۇنىڭدىن يۇقىراراق ئىناۋەتلىك ئادەمنىڭ يوقلىقىنى چىقىپلا تۇرىدۇ .
ھاجىمنىڭ تەسىرى تۈپەيلىدىن 1930 يىللاردا سوۋىت ئىتتىپاقىغا ئوقۇغىلى چىقىشقا مۇيەسسەر بولالىغان سەيپىدىن ئەزىزى ۋە باشقا نۇرغۇنلىغان قەھرىمانلىرىمىزنىڭ سىرىتتىن ئىدىيە قۇبۇل قىلىشى ئارقىلىق كېيىنكى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى قوزغالغان بولغىيىتتى .
بۇنىڭدىن 80 يىل بۇرۇن خوجىنىياز ھاجىمنىڭ تەسىرى تۈپەيلىدىن دۇنيا بويىچە 2-قۇدرەتلىك دۆلەتكە نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر ياشلىرى ئوقۇشقا چىقپتىكەن ، ئەجىبا ھاجىم تەدبىرسىز ، قابىلىيەتسىز قارا قورساق سىياسىدىن قىلچە خەۋىرى يوق تاغلىقمىكەن خوتەن يىگىتى
1930 يىللىرى پەننى مائارىپنى گۈللەندۈرۈپ چەتئەلگە تاشكەنت موسكىۋا ۋە باشقا سوۋىت شەھەرلىرىگە نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر ياشلىرىنى ماڭغۇزغان ئادەم بىر مەغلۇبىيىتى ئارقىلىقلا سېنىڭچە قابىلىيەتسىز بولۇپ كىتەمدىكەن ...
قابىلىيەت يوقمىش تېخى ، مەغلۇپ بولۇش قابلىيەتسىزلىكتىنلا دېرەك بەرمەيدۇ تەقۋادار يىگىت ، |
|