يەر-جاي نامىمۇ بىر كىملىكتۇر
مۇجىبۇل راخمان ئەركىم
2015-يىلى 7- ئاينىڭ 9-كۈنى ئۇيغۇرغول فوتو-سۈرەت توپىدىكى بىر نەچچە نەپەر فوتو-سۈرەت ھەۋەسكارى قومۇل شەھىرى قارادۆۋە بازىرىنىڭ ئايقىدىكى خىلۋەت گۈزەل ماكان، سىرلىق ئەسكىشار يارداڭلىقىغا كىرىپ كەچكى شەپەق، يۇلتۇز ۋە تاڭ سەھەرنىڭ مەنزىرىلىرىنى تارتىپ كەلدى.
ئەسكىشار قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا قەدىمىي شەھەر دېگەنلىكنى بىلدۈرىدۇ. ( ئەسكى- ھازىرقى تىلىمىدىكى كونا، ئەبجەق بىلەن بىلەن مۇناسىۋەتسىز، تۈركىيە تۈرىكلىرى بىزنى–ئەسكى تۈرك دەيدۇ. مەنىسى قەدىمىي تۈركلەردۇر. )
كىشىنىڭ غەزىپىنى قوزغايدىغىنى بەزى بىر ھۆكۈمەت ئاخبارات ۋاستىلىرى ۋە شەخىسلەر قۇرغان تور بېكەت،سالونلار قومۇل ئۇيغۇرلىرى ئەزەلدىن ئەسكىشار دەپ ئاتاپ كېلىۋاتقان ئورۇننى تەكشۈرۈپ ۋە ياكى سۈرۈشتۈرۈپ كۆرمەستىنلا «شەيتانكەرىش» دەپ ئاتاپ خەۋەر، ئۇچۇرلار تارقىتىۋاتىدۇ، بۇ ئۇچىغا چىققان مەسئولىيەتسىزلىك. بۇ يەردە بىر قانچە دۆلەت دەرىجىلىك قوغدىلىنىدىغان خارابىلىكلەر بار. بۇ قەدىمىي سىرلىق رىۋايەتلەر بىلەن تويۇنغان خىلۋەت ماكان ئۆزىنىڭ ئالاھىدەجۇغراپىيىلىك يەر تۈزىلىشى سەۋەبىدىن مەملىكەت دەرىجىلىك ساياھەت نۇقتىسى قىلىپ بېكىتىلگەن.ھەر يىلنىڭ تۆرت پەسلىدە دۇنيانىڭ ئىچى سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرنى ئايىقى ئۈزۈلمەي كېلىپ تۇرىدۇ.
بۇ سىرلىق تۇپراقتا ئاجايىپ-غارايىپ سىياقتىكى يارداڭلىقلار ۋە بۇ زىمىن ھەققىدىكى ئەل ئاىرىسىدا تارقىلىپ يۈرگەن قورقۇنۇچلۇق جىن، دۆگە-پېرە رىۋايەتلىرىنى ئاڭلىغان خەنزۇلار بۇيەرگە « ئالۋاستى شەھىرى 魔鬼城 » دەپ ئىسىم قويۇۋالدى. ئىچىمنى بەك پۇشۇرىدىغىنى يەرلىك قارادۆۋىچىلەرمۇ « موگۈيچىڭ »دەيدىغان بولۇۋاپتۇ. بىر يۇرتنىڭ ئىسمىنىڭ ئۆزى بىر كىملىك ۋە يۈتمەس تارىختۇر. شۇڭا يەر-جاي ناملىرىنى توغرا، ئۆز ئەينى بىلەن ئاتاشمۇ ھەر بىرىمىزنىڭ شەرەپلىك مەجبورىيتىمىز.
ئالۋاستىغا ئوخشامدىكەن؟ مانىڭغا قاراڭ، كېچىلىرى كۆرسىڭىز تېخىمۇ قورنۇچلۇق!
ئاشىقلار
ئەسكىشاردىكى شىرتەنلىك ئادەم ھەيكىلى
يولۇڭغا قاراپ
ئەسكىشاردا سامانيولى
جۈپ مۇنار
قاراۋۇل
كۈتۈش
ئۇخلىغان تاغلار
ئەسىرلەر دولقۇنى
ئۇزۇن بويۇن دنوزاۋىر
يىللار ئىزناسى
تۇرا
يىلان
مۇجىبۇل راخمان ئەركىم فوتوسى 2015-7-10 |