- تىزىملاتقان
- 2012-1-14
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-4-6
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2992
- نادىر
- 2
- يازما
- 116
ئۆسۈش
  33.07%
|
بۇ ئالىمنىڭ موھىملىقىنى ئىسپاتى تۆمۈر داۋامەتنىڭ يالقۇنلۇق مىسرالارنى بۇ ئۇلۇغ زات ئۈچۈن تىزغانلىىدىنلام مەلۇمغۇ، يەنە گەپ كېتەمدۇ؟ پارتىيە ئۆز تۆھپىكارلىرىنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ!
بۇ ئۇلۇغ زاتنىڭ رومانى ياپونىيىدە نەشىر قىلىنىپتۇ. مانا ئەمدى بۇ ياپونلار ئۈچۈن ئەڭ ئاز يۈز يىل يەتكۈدەك مەنىۋىي ئوزۇق بولۇپ قالۇدۇكى، يەنە ئۇيغۇر رومانلىرىدىن بىرەرنى تەرجىمە قىلىشقا قىزىقماي قويۇدۇ.
بۇ ئۇلۇغ زات جۇڭخۇا ۋەتىنىگە بولغان ساداقىتىنى ئىپادىلەپ 1992-يىلى بولسا كېرەك، ئىشقىلىپ «ئۈچ كىتاپنى تەنقىدلەش دولقۇنى»دا بىر تېلىۋىزىيە نۇتقى سۆزلىگەننىدى. ۋاھ-ۋاھ! مەيدانىنىڭ روشەنلىكىنى دېمەمدىغان!
ھېلىقى يېقىمسىز ئاتالغۇ بارغۇ؟ مۇشۇ قۇلاققا چىرايلىق ئاڭلىنىدىغان «شىنجاڭ»نىڭ ئورنىغا يامان ئادەملەر تىلغا ئالىدىغان ئىسىمچۇ؟ ھە شۇنى بۇ ئۇلۇغ زات دېدىكى، «تارىخي ئاتالغۇمۇ ئەمەس، سىياسىي ئاتالغۇمۇ ئەمەس، جۇغراپىيىۋىي ئاتالغۇمۇ ئەمەس!» مانا شۇ نۇتۇقنى ئاڭلاپ شۇنداق چوڭقۇر تەسىرلىنىپ كەتكەنىدىم، تاكى ھازىرغىچە بۇ سۆزلەر ماڭا مەدەتكار بولۇپ كەلمەكتە. |
|