- تىزىملاتقان
- 2015-2-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-8-3
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 5457
- نادىر
- 1
- يازما
- 298
ئۆسۈش
  9.14%
|
ئاللاھ مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرىنى جەننەتتە قىلغاي. ھەجەپمۇ ھۆرمەتلىك زات ئىدى. پەخرىمىز ئىدى. مەشئەل ئىدى. تىغى يانماس ئۆتكۈر قىلىچ ئىدى.
ئۇنىڭ تارىخى رومانلىرىدا تارىخى رېئاللىق ئەكس ئەتمەي، ياكى بۇرمىلىنىپ قالغان يېرى بولسا، بۇ ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ قەستەن قىلغان خاتالىقى ئەمەس. چۈنكى ئۇ ياشىغان ۋە تارىخى ئەسەرلىرىنى قەلەمگە ئالغان دەۋرىنى نەزەردىن ساقىت قىلىۋېتىشكە بولماس. چۈنكى ئۇ، بولۇپ ئۆتۈپ كەتكەن تارىخقىمۇ سىياسەتنىڭ تامغىسى بېسىلىشى شەرت بولغان ۋە ماركىسىزىمنىڭ ئىدىيىسى يېتەكچىلىك قىلمىسا بولمايدىغان زاماندا ياشىدى ۋە ئىجادىيەت قىلدى.
ئابدۇرەھىم ئۆتكۈر ئەپەندى رومان يازدى. تارىخى ئەسەر يازدى. ئۇنىڭ يازمىشلىرى مۇقەددەس تېكىست ئەمەس، قول ئۇزارتسا يامان بولىدىغان. خاتالىقىنى بايقىغان كىشى، پاكىت بىلەن تەنقىدى كۆز - قارىشىنى بايان قىلسا، بولۇپمۇ تارىخى رېئاللىق ئۈستىدە توغرا بولمىغان جايلىرىنى كۆرسىتىپ، ئىزاھات بەرسە، ئەلۋەتتە ھەقىقەتنى تېپىشىمىز ئۈچۈن، ھەقىقەتكە ئېرىشىشىمىز ئۈچۈن بىر كىشىلىك مېھنەت سەڭدۈرگەن بولىدۇ.
بەلكى ئۇ زات ھازىرغىچە ھايات ياشىيالىغان بولسا، ئۆز قولى بىلەن ئىزاھات يېزىشى مۇمكىن ئىدى. ياكى بەزمىلەردە ئاغزاكى سۆزلەپ بېرىشى مۇمكىن ئىدى. |
|