- تىزىملاتقان
- 2011-12-19
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-12-27
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 607
- نادىر
- 0
- يازما
- 38
ئۆسۈش
  21.4%
|
بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىىنىڭ پىشۋاسى زوردۇن سابىر ۋە بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ گۈلـتاجىسى ‹ئانا يۇرت› ھەققىدە سۆزلەش، مۇھاكىمە ۋە مۇنازىرە قىلىش ھەقىقەتەن كۆڭۈللۈك بىر ئىش. بىز ئالىي مەكتەپكە كەلگەن يىلى ‹ئانا يۇرت› رومانى يېڭىدىن نەشىر قىلىنىپ، تېخى داغدۇغا قوزغىمىغان چاغلاردا ‹شىنجاڭ مەدەنىيىتى› ژورنىلىدا يالقۇن روزىنىڭ ‹ ئانا يۇرت› ناملىق بۇ تارىخى رومانى ھەققىدە يازغان قىسىقىغىنە تەسىراتى ئارقىلىق بۇ كاتتا ئەسەرنى بىلگەن ئىدىم. شۇ چاغدا نامرات ئوقۇغۇچى بولساممۇ چىداپ تۇرۇپ 78 يۈەنگە ئۈچ توملۇق تارىخى روماننى سېتىۋالغان ئېدىم. بۇ دەل يېڭى ئەسىرنىڭ تۇنجى يىلى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئالى مەكتەپكە كەلگەن تۇنجى يىلىم ئىدى. شۇ ۋاقىتتىن تارتىپ ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگىچە بۇ ئەسەرنى قانچە قېتىملاپ قايتا-قايتا ئوقۇغىنىمنى ئەسلىيەلمەيمەن. ئاخىرى ئوقۇش پۈتتۈرۈش ماقالەمنىمۇ ئۆزەم ئەڭ ياقتۇرىدىغان ئوبراز مۇختەرباي ھەققىدە يازغان ئىدىم. مېنىڭ شۇ ۋاقتىتىكى ئىلمىي ماقالە يېتەكچىم، شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ پىروففىسورى، داڭلىق ئەدەبىيات تەتققاتچىسى مامبەت تۇردى بۇ ماقالەمگە يۇقىرى باھا بەرگەن ھەم تارىم ژورنىلىدا ئىلان قىلىش تەكلىپىنى بەرگەن ئىدى.( ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتۈپ ئېلانمۇ قىلىندى) مەن مۇختەرباينى ھەقىقەتەن بەك ياقتۇرۇپ قالغان ئىدىم. ئۇ باشتىكى ئادەتتىكى ئاق كۆڭۈل، مەردانە، چىقىشقاق، ئويۇنخۇمار، غورۇرلۇق... يەنە ئازراق قارا قورساق دېھقاندىن ئەسەر ۋەقەلىكىنىڭ راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ، بىر قەدەم-بىر قەدەمدىن پىشىپ يېتىلىپ، ئاخىرى ھەقىقى بىر مىللەتپەرۋەر ئىنقىلاپچى بولۇپ چىقىشىغىچە مۇكەممەللىككە چەكسىز يېقىنلاشقان ئاجايىپ مۇۋەپپىقىيەتلىك يارىتىلغان بىر ئوبراز ئىدى. مۇختەرباينىڭ بىر ئاتنى دەپ نەچچە يىل جەبىر-جاپا تارتىشىنىڭ ئۆزىلا ئادەمنىڭ قەلىب تارىنى چېكىشكەتامامەن يېتىپ ئاشاتتى.
مەن ياقتۇرىدىغان ئوبرازلار ئۇنچە جىق ئەمەس، ئەختەم ئۆمەرنىڭ ‹يىگانە ئارال› روماندىكى خىنىيا سايىت، مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ ‹قۇم باسقان شەھەر› رومانىدىكى سۈپۈرگە، زۇنۇن قادىرنىڭ ‹ماغدۇر كەتكەندە› ھېكايىسىدىكى باقى ئاندىن ‹ئانا يۇرت› روماندىكى مۇشۇ مۇختەرباي... قاتارلىقلاردىن ئىبارەت ئىدى. مەن ھازىرغا كەلگۈچە مۇشۇ ئەسەرلەرنى قايتا-قايتا ئوقۇيمەن، ھەر ئوقۇغاندا ئۆزگىچە ھوزۇر ئالىمەن، بۈگۈن ئوقۇپ بولساممۇ يەنە ئەتسى قايتا ئوقۇغۇم كېلىدۇ... مۇشۇ ئوبرازلارنى ياراتقان يازغۇچىلار ھامان قەلب تۆرەمدە... |
|