- تىزىملاتقان
- 2011-8-13
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-5-8
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 7760
- نادىر
- 1
- يازما
- 595
ئۆسۈش
55.2%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kuxlan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-6-12 18:17
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،قېرىندىشىم ئەسلىمە خاراكىترلىك تەسىرچانلىققا ئىگە ماقالىدىن بىرنى يېزىپ مەرھۇمنى يادىمىزغا سالدىىڭىز كۆپ رەھمەت،
زوردۇن سابىردەك كاتتا يازغۇچى ھەققىدە ئامىن دەپلا يەتتە كەتمەن توپىنى تاشلاپ دۇئا قىلىپلا قايتىپ كېلىدىغان ئىش يوق، بۇنىڭ توغرسى،ئەسلىدە ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ھەققىدە چوڭقۇر تەتقىقاتلار ۋاقتىدا ئېلىپ بېرلىشى،كىتابلار يېزلىشى، نەشىر قىلىنشى،ئالى مەكتەپ دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئېلشتىكى تېما بولالاشىى ،، كوچىلارغا ،مەكتەپلەرگە زوردۇن سابىر دېگەن ناملار بېرلشىى كېرەك!
قايسسىنى قىلالىدۇق؟ ئۇنىڭ كىتابىغا قارايلى،قانداق تەسىۋىر،قانداق بەدئىيلىك بار ئىكەن،
تارتقان جاپاسىنى ماۋۇ ياققا قويۇپ تۇرايلى، ھەممە مىللەتنىڭ قېينچلىقتا قالغان زىيالىسى بارلىكىن مانداق تارىخى دەۋرىنى بەدىئي يۈكسەكلىكتە ،تارىخى چىنلىقتا يېزىپ چىققان قانچە يازغۇچى بار دۇنيادا،
نېمشقا ئايتموتوف دېگىنڭلارنى ،ل تولستوينى،ئورخان پامۇكنى ماختايسىلەر،شۇلارنىڭ ئەسەرلىرنى ئوقۇپ باقتىم لىكىن مۇنداق تىل تەسىۋى،تەبىئەت تەسۋىرى،ئىچكى مونولۇگ،پىرسوناژلار خاراكىتىرى يارىتالىغان ئەمەسكەن، ،،،چەتئەللەردە زوردىن سابىرنى بىلدىغانلار زادى قانچلىك؟ تۇرپانشۇناس،ئۇيغۇرشۇناس گابائىىن خانىم گىرماندا ئۇنى كۆرگەندە<< بۇكىشى مەن مۇشۇ كەمگىچە ئۇچراتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ بىلىملىك زىيالسى ئىدى>> دەپ باھا بەرگىنى مېنڭچە يەتمەيدۇ،بۇ بىر تەتققاتچىنىڭ قارىشى،،مېنڭچە دۇنيا ئەدەبىيات ساھەسىگە كۆتۈرۈپ ئاچىققۇدەك ئانا يۇرۇت رومانى تېخى يېقىن ئەتراپتىكى دۆلەتلەرگە تەسىر قىلمغانغا قارىغاندا شۇنداق قارايمەنكى بۇنداق خوشنا دۆلەتلەرنىڭ، مىللەتلەرنىڭ بۇنچىلىك يازغۇچىسى بولغان ئەمەس!!!! بىرسىڭلار چىقىپ 2015-يىلىنى كىتاب يىلى قىلايلى دەپسىلەر،بولىدۇ ئۇنداقتا 2016-يىلىنى زوردىن سابىر يىلى قىلالمامسلەر؟ قايسى يىلنى تاللايسىلەر بۇ ئۆزەڭلارغا باغلىق
بەلكىم بۇ بىزگىلا ئائىت تارىخى ئەسەر بولغاچقا دۇنيادىكى ئوقۇرمەنلەر ئۈچۈن ئانچە قىزىقىشنى قوزغىيالماسلىقى مۇمكىن لىكىن قېرىنداش تۈركى مىللەتلەر ئىچىدە بۇنداق كاتتا رومان ھەققىدە خەلقئارالىق مۇھاكىمە يېغىنى ئۆتكۈزۇشكە ھەقلىق يازغۇچى ئىدى،،، بىراۋ ئۆلگەن بولسلا مۇشۇنداق تاشلاپ قويامدۇق؟ ئۆلسە نېمە بوپتۇ،،ئۇنىڭ ئىلىمى ئەمگەكلىرى قولىمىزدا تۇرۇپتۇغۇ؟ ھايات ياشاۋاتقاننىڭ قىلىدىغان ئىشى نېمە؟ مۇنداق ئېيتساق ئۆلگەن ئادەملا ھېچ ئىش قىلمايدۇ.
ئابدۇرشىت ئوسمان ئەپەندى بىر ئاددى ئوقۇتقۇچى بولسىمۇ مەرھۇم يازغۇچىغا يۈز كېلەلەيدىغان بىر ئادەمكەن دېگەن ئويغا كەلدىم.مەخسۇس ئىزدىنۋاتىدۇ مۇشۇنداق ئادەملەرنى ئىقتسادى جەھەتتىن قوللىساق بولىدۇ،.مەن ئۇكىشنى كۆرۇپ باقمىدىم لىكىن بىر رەھمەت ئېيتقۇم بار، قاراپ تۇرسام ئىلىم چايلىرى جاي جايلاردا ئۆتكۈزۇلدى،،ھېچقايسىڭ چىقىپ زوردىن سابىرنىڭ كىتابىنى تىلغا ئېلىپ قويۇشمىدىڭ؟مۇشۇ ئەپتىمىز بىلەن مەرھۇمغا قانداق يۈزكېلىمىزكىنتاڭ ؟ توغرا تىلغا ئالالمايمىز چۈنكى ئۇنى تەھىلىل قىلغۇدەك كاللا يو قتە!،سەۋىيمىز يېتشمەي قېلىۋاتىدۇ راس، مانا ئۇيغۇرلاردا ئىككى ئادەم بار،بىرى ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەتئىمىن ، يەنە بىرى زوردى سابىر شۇڭلاشقا مۇنازىرە قىلىپ ياقا سىقىشقۇدەك بولساقمۇ بۇلار ھەققىد بىرە يېشىمنى چىقىرالمايۋاتىمىز ،،، مانا ئىلىملىكىنىڭ كۈچى دېگەن، بۇنداق ئادەملەر نېمە دېگەن قىممەتلىك ھە!شۇنداق ئويلىدىم،بىر ھەقىقى بىلىم ئىگسىى ئۆزىدىن كېينكىلەرنى يىغلىتىپلا قالماي ئۇلارنى ھاڭ تاڭ قالدۇرىدۇ. ئۇلاردىكى مەنمەنلىككە خاتىمە بېرەلەيدۇ.
ئەلۋەتتە بۇ زوردۇن سابىر ئىجادىيتىنى كۆپتۇرگەنلىك ئەمەس،
ئەمما ھەقىقەت كۆمۈلۈپ قالسىمۇ ئۇنى بايقىيالماي بىرقانچە يىللارئۆتۈپ كېتىدىغان ئىشلار بولىدۇ. بىر مەزگىللىق بېھۇشلۇقتىن كېيىن كىشلەر ھەسسىنا!دەيدۇ دە ئاندىن ساقلىنى سىلاپ ئەمدى مۇنداق قىلايلى دەيدۇ.بۇ ئىسراپچلىق بىر دەۋرگە ،بىر دۆلەت ياكى مىللەتكە تەتبىقلانسا ئۇنى تولۇقلاش ئۈچۈن ئۇزۇن ۋاقىت كېتىدۇ، 10 يىللىق مالىمانچلىقتا مەدەنىيەت ئىنقىلابىدا زىيالىلاردىن ئايرلغانلىقتىن ھازىر ئىقتساسلىق كىشلەرگە ئېھتياجىمىز چۈشىۋاتىدىغۇ؟!،،،،
كۈچ سېلشتۇرمىسى جەھەتتە يەنىلا باشقىلارنىڭ ئارقىدا قالماسلىق ئۈچۈن مەيلى بىر مىللەت بولسۇن چوقۇم قىلىشقا تېگشلىك ئىشلارنى ۋاقتىدا ئېلىپ بېرىپ ئۆز ئىچىدىىن چىققان يازغۇچى بولسۇن ئالىم بولسۇن مۇتەخەسس بولسۇن ئۇنىڭ قەدىرنى قىلىشى كېرەك.
|
|