بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ziya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-4-23 11:14
ziya يوللىغان ۋاقتى 2015-4-23 00:23 
ھاللېي كومىتىسىنىڭ ئوربىتىسىنى ھېساپلاپ چىققۇچى ۋە ت ...
根据开普勒第一定律,太阳位于椭圆轨道的一个焦点
كىپلىرنىڭ 1-قانۇنى،قوياش ئىللىپىسىمان ئوربىتىنىڭ بىر فۇكۇسىدا تۇرىدۇ.
پىلانىتلارئىللىپىسىمان ئوربىتىدا قوياشقا دەۋى ھالدا يېقىنىلىشىپ-يىراقلىشىپ تۇرىدىغان بۇ مەنزىرىدە قوياش ھېدىرا (چوڭ يىلان يۇلتۇز تۆركۈمى)تەرەپكە قاراپ گويا پىلانىتلاردىن قېچىۋاتقان ھالەتتە ھەركەت قىلىدۇ.بۇ جەرياندا قوياشنىڭ ئوقىدا ئايلىنىش دەۋرىلىگىدىن باشقا ئوربىتا دەۋرىلىگى بايقالمىدى.پەقەت پىلانىتلارلا قوياشقا يېقىنلىشىپ-يىراقلىشىدىغان بۇنداق دەۋرى ھەركەتكە قاتنىشىدۇ.بۇلاردىن بىز تارتىش كۈچى ھەقىقەتەن مەۋجۈت دەپ قارىغان تەقدىردىمۇ، قوياش ۋە پىلانىتلار ئارىسىدىكى تارتىش كۈچىنىڭ چامىسىنىڭ دەۋرى ئۆزگۆرۆپ تۇرىدىغانلىغىنى بايقايمىز.ھالبۇكى،تۆۋەندىكى فىلىم بىزنىڭ قوياش سېستىمىسىنىڭ بوشلۇقتىكى ھەركىتى ۋە تارتىش كۈچى ھەققىدىكى ئەنئەنىۋى قاراشلىرىمىزنى ئۆزگەرتىۋىتىشى مۆمكىن:
قوياش سېستىمىسىنىڭ سامان يولى سېستىمىسىدىكى ھەقىقى ھەركەت تىرايىكتۇرىيىسى
قوياش ھېدرا يۇلتۇز تۆركۆمىگە قاراپ 550كىلومىتىر ئىلگىرلەۋاتقان ئەھۋالدا پىلانىتلارنىڭ ئوربىتىسى يەنىلا تۇيۇق بولغان ئىللىپىسىمان ئوربىتا بولماي،تۇيۇق بولمىغان سىفرال تىرايىكتۇرىيە بولۇپ قالىدۇ.يەنى،خۇددى سوزۇلغان پۇرژىندەك بىر تىرايىكتۇرىيە بولۇپ قالىدۇ.ھەر بىر سىفرال ھالقىسى شۇ پىلانىت ئۇزىنىڭ بىر يىلىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.ئۇنىڭ ئۆستىگە بۇ سىفرال ھەركەت شەكلى يېتەرلىك ۋاقىت ئىچىدە ئەگرى سىفرال-يايىسىمان سىفرال تىرايىكتۇرىيە بولۇپ قالىدۇ.ئەمدى بىز نىيوتۇن ئالەملىك تارتىش كۈچى قانۇنى ۋە قوياشنىڭ تارتىش كۈچىنى تەدبىقلاپ يۇقۇرقىچە ھەركەت شەكلىنى چۈشەندۆرۆپ بېرەلەمدۇق؟
|