بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ziya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-4-17 21:03
يەنە ئەستايىدىل ئويلۇشۇپ كۆرۆشكە تېگىشلىك بىر مەسىلە بار.ئىللپىسىمان ئوربىتىدا ھەركەت قىلىدىغان پىلانىتلار ئۆز يىللىرىنىڭ ئالاھىزەل يېرىمىدا قوياشتىن يىراقلىشىپ ھەركەت قىلىدۇ.قالغان يېرىمىدا بولسا قوياشقا يېقىنلىشىپ ھەركەت قىلىدۇ.ماسسىغا ئوڭ تاناسىپ،ئارىلىقنىڭ كىۋادىراتىغا تەتۆر تاناسىپ، ئىزچىل تەسىر قىلىدىغان كۈچ دەپ قارىلىدىغان نىيوتۇن تارتىش كۈچى يېقىنلىشىشقا يول قويسىمۇ يىراقلىشىشقا يول قويماسلىغى كىرەك ئىدى.مانا بۇ تارتىش كۈچى نەزەريىسىنىڭ ئەجەللىك نۇقتىلىرىنىڭ بىرى.
بىز يېقىنلىشىش جەريانىنى تارتىش كۈچىنىڭ رولى دەپ چۈشەندۆرەلىسەكمۇ،يىراقلىشىش جەريانىنى چۈشەندۆرىدىغان نەزەريىۋى،ئىدىيىۋى ئاساسلىرىمىز يوق.ھەتتا بۇ پاكىت ۋە ئۇنىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتى ھەققىدە يېتەرلىك تونۇشقىمۇ ئىگە ئەمەسمىز.بۇ تەشەببۇسنى ئوبرازلىق چۈشۈنۈش ئۈچۈن بەزى قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزلارنىڭ(كۇمىتېلارنىڭ) ئوربىتىسىنى ئەسلىسەك كۇپايە:
哈雷彗星轨道示意图
ھاللې قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزىنىڭ ئوربىتىسى
كوخوتېك كومىتىسى ئوربىتىسى(قىزىل رەڭلىك) بىلەن يەرشارى ئوربىتىسى
2-1-رەسىملەر بىزگە قوياشنىڭ تارتىش كۈچى نىمە ئۈچۈن بۇ كومىتىلارنىڭ قوياشتىن يىراقلىشىشىغا يول قويۇدۇ؟دىگەن سوئالنى تاشلايدۇ. 3.رەسىمدىن بىز قوياش بورىنى ۋە رادىئاتسىيىسىنىڭ ئىتتىرىش كۈچىنىڭ تارتىش كۈچىنى پىسەنىتكە ئېلىپ قويمىغانلىغىنى،رادىياتسىيە كۈچىنىڭ ئەمەلى،ئېنىق پاكىت ئىكەنلىگىنى كۆرۆپ ئالالايمىز. 1-رەسىمدىن يەنە ھاللې كومتىسىنىڭ ئوربىتىسىنىڭ تەتۆرلىكىنى بايقىيالايمىز.بۇنداق تەتۆرلۈك كەڭ مەنىلىك نىسبىلىك نەزەريىسىدىكى ئالاقىدار ئىففىكىتلارنى قىيىنچىلىقتا قالدۇرۇدۇ.
____________
تېمىلار:تارتىش كۈچى ئىلاستىك كۈچمۇ؟
|