رۇسىيە پرەزىدېنتى ۋ. پۇتىننى ئىزدەش ئېلانى!
نيۇيورك « ۋاقىت گېزىتى » ۋاشىڭگتون « پوچتا گېزىتى»، « ب ب س » قاتارلىق مەشھۇرئاخبارات ۋاستىلىرىدە : ۋلادىمىر پۇتىن زۇكام بولۇپتۇ. ۋلادىمىر پۇتىن – قاتتىق قول، شەپقەتسىز كۈچلەر تەرىپىدىن ( رۇسىيە ئورتھودوكۇس چىركوسىنىڭ قوللىشى بىلەن) ئاغدۇرۇلۇپ، كىرېمىل سارىيىغا قاماپ قويۇلۇپتۇ. پۇتىن يۈرەك ئىنپارك بولۇپتۇ. پۇتىن ئولىمپىيە چىمپىيونى بولغان، ئاشنىسىنىڭ تۇغۇت ئىشى بىلەن شىۋىتسارىيەدە! تۇغۇلماقچى بوۋاق پۇتىندىن تۆرەلگەنمىش. پۇتىننىڭ راك كېسىلى يامانلىشىپ، جىددى قۇتقۇزۇشتا ئىكەن. پۇتىن ئۆلۈپتۇ.....دېگەندەك خەۋەرلەر كەڭ تارقالغان. يەكشەنبە 15- مارت « رۇسىيە 1 » تېلىۋىزورقانىلىدا پۇتىننىڭ بۇنىڭدىن بىر يىل ئىلگىرى، رۇس ئارمىيەسىنىڭ قىرىمغا بېسىپ كىرگەن چېغىدا ئېيتقان : ئەگەر غەرپ- ناتو ئارمىيەسى بىزگە قارشى ھۇجۇمغا ئۆتكەن بولسا، بىز ئاتوم قورالىغا تەييار تۇرغان- دېگەن سۆزىنى يازما شەكىلدە كۆرسەتكەن. شۇنىڭدەك پۇتىن 2012 – يىلى ماي رۇسىيەنىڭ پرېزىدېنتلىقىغا سايلانغان مەزگىلىدە: رۇسىيە ئامېرىكىنى يېرىم سائەت ئىچىدە يەر يۈزىدىن يوق قىلىۋېتىدىغان ئاتوم كۇچىگەئىگە- دېگەن قەۋھەدىكى غەيرى رەسمى سۆزىنى تۈرلۈك غەرپ ئاخبارات ۋاستىلىرى نەقىل كەلتۈرمەكتە. رۇسىيەدىكى بەزەن ئۆكتىچى ئاخبارات ۋاستىلىرى،شۇنىڭدەك پۇتىننى ئۆزلىرىگە تەھدىت كەلتۈرىدۇ-دەپ، قارايدىغان بەزەن غەرپ ئاخباراتلىرى : يوقاپ كەتكەن پرەزىدېنت پۇتىننى ئىزدەيمىز! پۇتىن ئۈچۈن قايغۇ! پۇتىن يەردىمۇ، كۆكتىمۇ يوق! پۇتىن ئۈچۈن بىز چارىسىز قالدۇق! –دېگەندەك سەرلەھۋىلىك، ئىزدەش ئېلانلىرى يامرىدى. دەرۋەقە رۇسىيە پرەزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن 5 –مارتتىن بۇيان ئىز-دېرەكسىز سىڭىپ كەتكەن. رۇس ئەركىن سىياسى تەھلىلچىلىرىنىڭ ئەندىشىسىدە :ئالدىمىزدىكى ھەپتە ئىچىدە ياكى پۇتىننىڭ ۋەھشى بىر شەكىلدە ئاغدۇرۇلغانلىق خەۋىرىنى، ياكى بولمايدۇ پۇتىننىڭ قانلىق بىر ئۇرۇشقا بۇيرۇق چۈشۈرگىنىنى ئاڭلايمىز-دېگەندەك خەپسىراش ئەۋج ئالماقتا. شۇنىڭدەك كۆپلىگەن غەرپلىك ئەركىن مۇخبىرلارنىڭ : ئامېرىكىنىڭ پرەزىدېنتى ئۆلسە، كۆپ ئۆزگۈرۈش بولمايدۇ. ئەگەر رۇسىيەنىڭ پرەزىدېنتى ئۆلسە، ئۆزگۈرۈش بەك چوڭ ھەم كۆپ بەدەل تۆلىنىدۇ-دېگەندەك ئالدىن پەرەزلىرىمۇ،رۇس خەلقىنى بالدۇرلام باش پاناھسىز قويماقتا.
|