- تىزىملاتقان
- 2015-1-17
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-22
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1519
- نادىر
- 0
- يازما
- 160
ئۆسۈش
51.9%
|
شاھدىيار ئەپەندى ، مەن بىلگىنىمنى دەپ بېرەي . خىرىستىئان دىنى چوڭ جەھەتتىن ئۈچ مەزھەپ ، چۈنكى تارىختا ئىككى قېتىم چوڭ بۈلۈنگەن ، بىرىنچى قېتىملىقى 1095-يىلىغۇ دەيمەن 天主教بىلەن 东正教بۆلۈنگەن ، ئالدىنقىسى كاتولىك ، كېيىنكىسىنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى بىلمەيدىكەنمەن پروتېتسانتمۇ ياكى پروۋىسلاۋىيەمۇ ئىشقىلىپ . بۇ قېتىمقى بۆلۈنۈشنىڭ سەۋەبچىسى ئۇربان ئىسىملىك پاپاغۇ دەيمەن ( پاپا 教皇 دىننىڭ ئەڭ چوڭ باغقۇرغۇچىسى ) . ئىككىنچى قېتىملىقى 1517-يىلى گېرمانىيەدىكى بىر چېركاۋنىڭ پوپى رىم دىنىي جەمىيىتىنىڭ ( پاپانىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ) دەھشەت چىرىكلىشىپ كەتكىنىنى بىلىپ ئۆز چېركاۋىنىڭ تېمىغىغۇ دەيمەن 95 ماددىلىق تېزىس چاپلاپ دىنىي جەمىيەت ئۈستىدىن شىكايەت قىلغان ، پوپنىڭ ئىسمى مارتىن لۇتېر ( 95条论纲 ) ، بۇنىڭ بىلەن دىنىي ئىسلاھات يەنە باشلانغان ، بۇ ئىسلاھات 天主教 دىن 新教 نىڭ بۆلۈنۈپ چىقىشى بىلەن ئاخىرلاشقان . ھازىر خىرىستىئان دىنى دېسە ئادەتتە شۇ 新教 نى كۆرسىتىدۇ ، ھەم ئەڭ چوڭ مەزھەپ شۇ . 1582-يىلىدىكى كالېندار ئىسلاھاتىنىمۇ بىر مەزھەپ ئېلىپ بارغان ، قالغان ئىككىسىنىڭ بۇ كالېندار ئىسلاھاتى بىلەن مۇناسىۋىتى يوق . شۇڭا فىزىكا ئالىمى نيۇتوننىڭ تۇغۇلغان كۈنى بىر كىتابتا 1642-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى ، بىر كىتابتا 1643-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى بولۇپ چىقىدۇ . مۇقەددەس كىتاب دېگەندە بۇ ئۈچ مەزھەپنىڭ ئىنجىلى ئوخشامدۇ بۇنى بىلمەيدىكەنمەن ، لېكىن بۆلۈنمەستە ئۇلارنىڭ ئىنجىلى ھازىر بىز دەۋاتقان تەۋرات بىلەن ئىنجىلنى ئۆز ئىچىگە ئالامدىكىن ، زەبۇر قانداق بۇنى بىلمەيدىكەنمەن . يەھۇدى دىنىغا كەلسەك بۇمۇ ئىسلام ۋە خىرىستىئانغا ئوخشاشلا ئايرىم دىن ، بۇ ئۈچ دىن بىر بىرىنى ئېتراب قىلمايدۇ . يەھۇدى دىنىنىڭ كىتابى تەۋرات ، بۇلار ئىنجىل ۋە قۇرئاننى ئېتراپ قىلمايدۇ ، خىرىستىئانلار قۇرئاننى ئېتراپ قىلمايدۇ . رۇسلارنىڭ ئاساسلىق دىنى 东正教 غۇ دەيمەن . يەنە دەپ قويىدىغىنىم خەلقئارا مۇناسىۋەتتە دىن ئەمەس ئىىقتىساد ئاساسلىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچلۈك رول ئوينايدۇ . ھە راست يەنە دەپ قوياي خىرىستىئان دىنىنىڭ ئومۇمىي مەزھەپ سانى 37 مىڭ ئەتراپتا . |
|