- تىزىملاتقان
- 2014-12-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-23
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4626
- نادىر
- 0
- يازما
- 515
ئۆسۈش
  87.53%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا sheydai تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-3-17 21:07
obzorqi يوللىغان ۋاقتى 2015-3-17 16:49 
‹‹ ۋە شۇنداقلا بۇ ئاسارەتلەرنىڭ بەلگىسى بۈگۈنكى ...
تەسەۋۋۇپ. سوپىلىق
ئىسلام دىنىدا كىشىلەرنى روھىي ۋە ئەخلاقىي جەھەتتىن تاكامۇللۇققا يېتەكلىگۈچى تەلىمات. "تەسەۋۋۇپ" سۆزىنىڭ ئۆزىگىلا ھەر قايسى ئالىملار ھەر خىل بولغان كۆز قاراشلىرىنى بىلدۈرۈپ كېلىشىدۇ.بۇلارنىڭ ئىچىدە ئىبىن خالدۇننىڭ بۇ ھەقتىكى پىكىرى بىر قەدەر ئەمەلىيەتكە يېقىن دەپ قارىلىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ "مۇقەددىمە" ناملىق ئەسىرىدە "سۇۋف"--- سۆزى "يۇڭ"،"پوستەك" سۆزلىرىدىن ئېلىنغان بولىشى كېرەك، چۈنكى قەدىمدىن تارتىپ تەركى دۇنيا بولغانلارنىڭ بىر بەلگىسى يۇڭ ياكى پوستەكتىن كىيىم كىيىشىپ يۈرۈش، بۇ ئارقىلىق ئۇلار ئادەتتە نورمال كىيىنىپ يۈرىدىغانلاردىن ئۆزلىرىنى ئايرىپ كەلگەن.
"تەسەۋۋۇپ" ۋە "سوپى" ئاتالغۇلىرى 9-ئەسىرنىڭ بېشىدا ياشىغان ئەبۇ ھاشىم سوپىدىن باشلاپ مەيدانغا كەلگەن. ئۇنىڭدىن ئىلگىرى بۇ ئاتالغۇنىڭ ئورنىدا "زۇھد" يەنى "زاھىدلىق"، "تەركى دۇنيالىق"،"تەقۋادارلىق"،"پېقىرلىق" قاتارلىق ئاتالغۇلار ئىشلىتىلگەن.
ئىبىن خالدۇننىڭ پىكىرىچە ساھابىلەر، تۆۋىچىلەر ۋە ئۇلاردىن كىيىنكى زامان كىشىلىرىدە "ھىدايەت"، "ئىبادەت"، "تەقۋادارلىق" ۋە "زاھىدلىق" ئەقىدىلىرى مۇجەسسەملەنگەن. لېكىن ھىجرەتنىڭ ئىككىنچى ئەسىرى ۋە ئۇنىڭدىن كىيىنكى دەۋىرگە كېلىپ، كىشىلەردە يۇقۇرىقى خۇسۇسىيەتلەرنىڭ ئورنىغا دۇنياپەرەسلىك، دىنغا بىپەرۋا قاراش، رىياكارلىق، كىبىردىن ئىبارەت ئىللەتلەر پەيدا بولۇشقا بالىغاندىن كىيىن، زاھىدلىق ۋە سوپىلىق يولىنى ئۆزىگە ئىختىيار قىلىپ تاللىغان بىر تۈركۈم ئەقىدىچىلەر مەيدانغا كەلگەن.
تەسەۋۋۇپ تۈرلۈك مەزمۇنلاردا مۇھاكىمە قىلىنغان، مەسىلەن: مەرۇپ ئەلقەرھىينىڭ تەبىرىچە (815-يىللاردا) تەسەۋۋۇپ---ھەقىقەتكە ئىنتىلىش، تاماخورلۇقنى تەرغىپ قىلماسلىق ۋە پېقىرلىق يولىنى تۇتۇشتۇر.
زۇنۇن ئەلمىسىرىي(859-يىللار) "سوپىلىق بايلىقنى دوست تۇتماسلىق ۋە يوقاتقان بايلىقلىرى ئۈچۈن پەرۋا قىلماسلىق" دەپ تەبىر بەرسە، جۇنەيىد ئەلباغدادىي(909-يىلى) "سوپىلىق--- قەلىبنى ساپ تۇتماق، ئىنسانلارنىڭ ئېڭىدا تۇغما پەيدا بولغان زەئىپلىك ۋە ناخوش ئەخلاقلاردىن پەرۇق بولۇپ، ھايۋانىي ۋە نەپسانىي تۇيغۇلارنىڭ ئۈستىدىن غالىپ كەلمەك "دەپ تەبىر بەرگەن. ئۇ يەنە "تەسەۋۋۇپ بىر ئۆي بولسا، شەرىئەت ئۇنىڭغا كىرىدىغان ئىشىكتۇر" دەيدۇ.
ئۇنىڭ بۇ تەبىرىنى سوپى ئاللايار قۇۋۋەتلەيدۇ ۋە "شەرىئەتسىزلەر خۇددى ھاۋاغا كۆڭۈل سىرىنى ئاتا قىلغانلار" دەپ يازىدۇ. مىسىرلىق ئالىم ئىبراھىم باسيۇنىي "ئىسلامدا تەسەۋۋۇپنىڭ پەيدا بولۇشى" ناملىق كىتاۋىدا ھىجرىي 3-4-ئەسىرلەردە ياشاپ ئۆتكەن ئالىملارنىڭ تەسەۋۋۇپ ھەققىدىكى 40 تۈرلۈك تەرىپىنى كەلتۈرىدۇ، بۇنىڭدىن خۇلاسە قىلىپ ئېيتىش مۈمكۈنكى—تەسەۋۋۇپ ئىسلام شەرىئىتىنىڭ قائىدە – مىزانلىرىنى ئىخلاس بىلەن بېجىرگەن ئاساستا تەقۋادارلىق، كەمتەرلىك قاتارلىق گۈزەل ئەخلاقلارنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەپ، نەپسىنى پاكلاش بىلەن كامىل ئىنسان دەرىجىسىگە يېتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشتىن ئىبارەت.
تەسەۋۋۇپنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق ننەزەرىيەلىرى بار. مەسىلەن:تەسەۋۋۇپ ئىلىمىدىن ساۋاق بېرىدىغان شەخىس---شەيىخ، مۇرشىد، پىر، ئىشان، خوجا، مەۋلا، مەۋلانە، مەھدۇم قاتارلىق ناملار بىلەن تونۇلغان. تەسەۋۋۇپتىن ساۋاق ئالغۇچى شەخىس--- مۇرت، سالىھ، ئەھلى دىل، ئەھلى ھال، مۇتەسسەۋۋىف قاتارلىق ناملار بىلەن ئاتالغان. تەسەۋۋۇپ بويىچە ئالىي ئۇنۋانغا ئېرىشكەن ساھىبكارامەت پىرلار---ۋەلىي، ئەۋلىيا، قۇتىب، ئەقتاب، ئەۋتاد، چىلتەن، ھابدال، ئەبرار، ئەھرار، نۇجەبا، نۇقەبا، سىدىق، غەۋىس... ۋاھاكازالار.
تەسەۋۋۇپ ئەھلى بەزىدە ئاشىق، پېقىر، ھەقىر، دەرۋىش، قەلەندەر، زاھىد، ئارىپ، دىۋانە، ئەھلى مۇھەببەت، ئەھلى سۈلۈك، رىجەلۇلغەيىب، سەۋدايى ۋە گاداي قاتارلىق ناملار بىلەنمۇ ئاتىلىدۇ.
تەسەۋۋۇپ ئىستىلاسى ئاساسىدا ئىجادىيەت قىلغان شائىرلار "مەجاز" ئۇسلۇبىنى تاللىغان. شۇڭلاشقا "مەجاز"، تەشبېھ"، "ئىستىئارە" قاتارلىق مەنتىقىي قانۇنىيەتلەردىن خەۋەردار بولمىغان نەۋائى، فۇزۇلى، ئاتايى، ئۆمەر ھەييام قاتارلىق نادىر ئەدەبىيات پېشۋالىرىنىڭ شېئىرىلىرىنى تولۇق چۈشۈنىش قىيىن.
تەسەۋۋۇپ تەرىقىتىنىڭ ئىسانىيەت مەدەنىيىتىگە قوشۇپ كېلىۋاتقان ئالەمشۇمۇڭل تەسىرى ئىجابىي تەرەپلەردىن قوبۇل قىلىنسىمۇ، بەزى ئىسلام ئالىمىدە ئۇنىڭغا سەلبىي نۇقتىدىن قاراش، ئۇنىڭ تەرىقەتلىرىنى، ماشايىقلىرىنى، كارامەتلىرىنى ئىنكار قىلىش ئەھۋاللىرى بار. بۇرھانىدىن ئەلبىقاھىينىڭ(1406-1480-يىللار) "تەسەۋۋۇپ بۆھرانى" ، ئابدۇراھمان دىمەشقىيەنىڭ " نەقشىبەندىيە تەھلىلى" قاتارلىق كىتاپلىرىدا تەسەۋۋۇپنىڭ بارلىق ئەقىدىلىرى قاتتىق سۆكۈلىدۇ.
ئىسلام ئالىمىدا شەرىئەت كۆرسەتمىلىرىنى ئەمەلگە تەدبىقلاشتا تۆت فىقھىي مەزھەب بولغىنىدەك، تەسەۋۋۇپتىمۇ نىرقانچە تەرىقەتلەر شەكىللەنگەن. مەشھۇرلىرىدىن "تەيفۇرىيە"، "جۇنەندىيە"، "ھاكىمىيە"، "قادىرىيە"، "يەسسەۋىيلىك"، "مالامەتىيلەر"، "رىفائىيە"، "قۇبراۋىيلىق"،"سۈرىچىلىك"، "چىشتىيە"، ئەكبەرىيە"، "شازىلىيە"، بەكتاشىيە"، "مەۋلەۋىيە"، "نەقشىبەندىيە"، "سانۇسىيە" قاتارلىق تەرىقەتلەردۇر.
ۋاھھابىيلىق
ئىسلام دىنىنىڭ سۈننىيلىك يۆنۈلۈشى، ھانبالىيە مەزھىبىدىكى ئېقىم. ئەرەبىيە بىلەن نەجىدتە 18-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا پەيدا بولغان. مۇھەممەد ئىبن ئابدۇلۋاھھاب(1702-1792-يىللار) ئاساس سالغان، ۋە شۇنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان. ئىبن ئابدۇلۋاھھاب ئىلاھىيەتچىلەردىن ئىبن تەيمىيە (1263-1328-يىللار) ۋە ئىبن قەسىر (1300-1372-يىللار) قاتارلىقلارغا ئەگەشكەن.ئىمىن ئابدۇلۋاھھاب دىنىي تەرغىباتنى تەخمىنەن 1730-يىللىرىدا باشلىغان.بولۇپمۇ 1740-يىلى ئۆز ئاتىسىنىڭ ۋاپاتىدىن كىيىن پائالىيەتلىرىنى ھەقىقىي تۈردە كېڭەيتكەن. چۈنكى تەرغىبات ئۇسلۇبى مەسىلىسىدە ئاتا – بالا ئوتتۇرىسىدا ئىختىلاپلار مەۋجۇت بولغان.تۈرك تىلىدىكى تەتقىقات ماتىرياللىرىدا ئابدۇلۋاھھابنىڭ ئۇزاق مەزگىلگىچە ئنگىلىز تىلىدا پائالىيەت ئېلىپ بارغانلىقى توغرىسىدا ئىسپاتلار مەۋجۇت. ۋاھابىي تەرەپدارلىرىنىڭ پىكىرىچە: پەقەت ئاللاھ مەبۇد، ئىسلامنىڭ مەنبەسى قۇرئان ۋە سۈننەتدۇر. مۇقەددەس ئورۇنلارنى زىيارەت قىلىش، ئۇلۇغ زاتلارنىڭ مازارلىرىنى تاۋاپ قىلىپ، ئۇلاردىن ياردەم تىلەش شېرىك كەلتۈرگەنلىكتۇر. ناخشا-مۇزىكا شۇنداقلا مەنىۋىي ھاياتنىڭ باشقا ئوبېكتلىرىنىڭ ھەممىسى بىتئەت ھىسابلىنىدۇ. ۋاھھابىيلارنىڭ ئىبادەتلىرىمۇ تارىخىي جەريانلاردا شەكىللەنگەن ھەنەفىيە مەزھىبىدىكىلەردىن پەرىقلىنىدۇ. ۋاھھابىيلار دىننى تازىلاش يەنى مۇھەممەد سەللەلاھى ئەلەيھى ۋەسسالام دەۋرىگە قايتۇرۇش مەخسىدىدە ھەرىكەت قىلىدۇ.
ۋاھھابىيلىقتا غەيرىي دىنلىقلارغا، ئەسلى ئىسلام تەرىقىتىدىن باشقا يېڭى تەرىقەتلەرنى قوبۇل قىلغانلارغا قارشى تەرغىباتلار ئاساسىي ئورۇن تۇتىدۇ، ئۇلارنىڭ دەۋەتىنى قوبۇل قىلمىغانلارنىڭ ھەممىسى "كافىر"دەپ قارىلىدۇ. دەسلەپكى ۋاھھابىيلار ئىمان مەسىلىسىدە مۇتەئەسسىپ، سىياسىي رەقىبلىرى بىلەن بولغان كۈرىشىدە ئاشكارە ھالدا بۆلاگۈنچىلىكنى تەرغىپ قىلىشقان. بۇ تەلىمات شۇ دەۋىرلەرنىڭ ئۆزىدىلا جەمىيەتتە نارازىلىق كەيپىياتىنى شەكىللەندۈرگەن.ئابدۇلۋاھھابنىڭ ئۆزىمۇ شۇ سەۋەپلىك ئۆزىنىڭ تۇغۇلغان ئورنى ئۇيەينىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان. ئەمما بۇ تەلىمات ئەرەبىستان بىلەن شۇ دەۋىردىكى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ مەلۇم رايونلىرىدا دەۋىر ئارقا كۆرۈنۈشىنىڭ سەۋەبىدىن ساقلىنىپ قېلىنغان.
ھەنەفىيە.
ھەنەفىيە ئۇقۇمىنىڭ شەكىللىنىشىدە مۇنداق تۆت خىل پىكىر مەۋجۇت:
بىرىنچىسى:ھەزرىتى ئەلى ھەنەفىيە ئىسىملىك ئايال پادىشاھ ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان رۇم ئېلىگە ھۇقۇم قىلىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئايال پادىشاھ ھەزرىتى ئەلىگە:"ئەگەر مېنى مەغلۇپ قىلالىساڭ مەن پۈتۈن خەلقىم بىلەن بىللە سېنىڭ دىنىڭنى قوبۇل قىلىپ، ساڭا ياتلىق بولىمەن" دەيدۇ، دەرۋەقە ھەزرىتى ئەلى بۇ جەڭدە غالىپ كېلىپ، ئايال پادىشاھنى ئەمرىگە ئالىدۇ، ئۇ پادىشاھتىن كۆرگەن ئوغۇل پەرزەنتىگە دادىسى ۋە ئانىسىنىڭ نامىنى تەڭ قوللىنىپ، مۇھەممەد ئىبن ئەلى ھەنەفىي دەپ ئىسىم قويغان.
ئىككىنچىسى: ھەزرىتى ئەلىنىڭ ئىككىنچى ئايالىنىڭ ئىسىمى ھەنەفىي بولۇپ، مۇھەممەد س.ئە.ۋ نىڭ نەۋرىسى ئىدى، شۇنىڭدىن بولغان پەرزەنتنىڭ ئىسىمى ھەنەفىيە ئىدى دەپ قارىلىدۇ.
ئۈچىنچىسى: ئەرەپلەرنىڭ كۆز قارىشىچە ھەنەفىي ھەزىرىتى ھەسەننىڭ نەۋرىسى بولۇپ، ئۇنىڭ ئانىسى ھەنەفىي ئىسىملىك پارىس ئىدى، شۇڭلاشقا مۇھەممەد ھەنەفىيە دىيىلگەن.
تۆتىنچىسى:ھەزرىتى مۇھەممەد س. ئە. ۋ نىڭ ۋاپاتىدىن كىيىن بىرنەچچە ساختا پەيغەمبەرلەر بارلىققا كەلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى تەسىر كۈچى بىرقەدسەر يۇقۇرى بولغىنى بەنى ھەنەفىيە قەبىلىدىن چىققان مۇسەيلىمە. بۇلار سەئۇدىيەنىڭ جەنۇبىغا ماكانلاشقان بولۇپ، ھەزرىتى ئەلى ئۇلار بىلەن جەڭ قىلغان، جەڭدە بەنى ھەنەفىيە قەبىلىسىدىن بىر ئايال ئەسىر ئالغان بولۇپ، مۇھەممەد ئەلى ھەنەفىيە ھەزرىتى ئەلى بىلەن شۇ ئايالنىڭ پەرزەندى ئىدى دەپ قارىلىدۇ.
ئوتتۇرا ئاسىيا تەۋەسىدە ئىسلام دىنىنىي جانلىق تارقاتقانلار مۇھەممەد ئىبن ئەلىنىڭ كىيىنكى ئەۋلاتلىرى بولۇپ، ئۇلار: ئابدۇرەھىم باب (قاراخان ئاتا)، ئىسھاق باب ۋە ئابدۇجەلىل باب،ئىسھاق ئەۋلادلىرىدىن: ئاقخوجا، ئاققورغانخوجا، بەقسايىس خوجا، دىۋانەخوجىلار. ئابدۇرەھىم باب ئەۋلادلىرىدىن:قاراخانخوجا، ئاۋلىيا ئاتاخوجىلار، ئابدۇجەلىل باب ئەۋلاتلىرىدىن: خوراسانخوجا ۋە قىلىچخوجا قاتارلىقلار.
ئەمدى مۇشۇ ھەنەفىيە مەزھىبىنىڭ تەرغىباتى توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىپ باقسىڭىز. بۇ مەزھەب قانداق ئىدىيە ۋە كۆز قاراشنى تەرغىپ قىلىدۇ؟
|
|