- تىزىملاتقان
- 2014-12-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-22
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2531
- نادىر
- 0
- يازما
- 258
ئۆسۈش
  17.7%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا sheydai تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-3-15 23:43
ugan يوللىغان ۋاقتى 2015-3-15 21:22 
(چۈنكى بىز قوبۇل قىلىشىمىز كېرەك ئەشۇ يېڭى ئىدىيەلەر ب ...
جەمىيەتشۇناسلىق، يېڭى پەلسەپە، تارىخ قاتارلىق ھازىرقى زامانىۋىي دۇنيادا باشلامچى رول ئويناۋاتقان پەنلەردىن مالىيە - ئىقتىساد، كارخانا ئىگىلىگى ، ئۇچۇر تېخنىكىسى ، يېڭى تېخنولوگىيە قاتارلىق بىر يۈرۈش پەنلەرنىڭ ئاخىرىقى يېڭى پىكىرلىرى ئۇسۇللىرى ۋە شۇ توغرىسىدىكى نەشىر بۇيۇملىرىنى دىمەكچى. بولغاندىمۇ بىزدە ئاساسەن ۋاقتى ئۆتكەنلىرى مەۋجۇت. تىل ئۈگەنگەن ياشلىرىمىزلا شۇ ئىلىملەر بىلەن ئۇچرىشىپ ئۆزلىرىنىڭ جەمىيەتتىكى مۇناسىپ ئورنىنى تېپىپ كېلىۋاتىدۇ. بۇلار بىزنىڭ جەمىيىتىمىز ئۈچۈن ناھايىتى ئاز سانلىقلنى ئىگەللەيدىغان بولغاچقا بىلىم ئېھتىياجىمىزنى تامامەن قاندۇرالمايدۇ. بىزدىن كۆپلەپ پسىخولوگلار، تارىخچىلار، جەمىيەتشۇناسلار، تەبىي پەن ساھەسىدىن يىتۈك ئالىملار، بولۇپمۇ سىياسەت پەنلىرىدىن نامايەندىلەر، قانۇنشۇناسلار، تىلشۇناسلار، ئارخىئولوگلار، ئىنژېنېر، تېخنىك، مىخانىك قاتارلىق ساھەلەردىكى ئاساسەن يوق دىيەرلىك بولغاندىمۇ تار دائىرىلىك. مۇشۇ خىلدىكى ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى تولۇقلايدىغان يېڭى بىر مۇكەممەل بىلىملەر بىلەن قوراللانغان ئىختىساسلىقلار قوشۇنى مەيدانغا كېلىشى كېرەك. چۈنكى بۇ بۈگۈنكى دۇنيانىڭ، زاماننىڭ شۇنداقلا جەمىيىتىمىزنىڭ كۈچلۈك تەلىۋى. مۇشۇنداق ھالەت شەكىللەنگەندىلا بىز باشقىلارنىڭ ئالدىدا بېشىمىزنى تىك كۆتۈرەلەيدىغان دەرىجىگە يەتكەن بولىمىز. ئەلۋەتتە بۇنىڭ ئۈچۈن ۋاقىت كېرەك. ئەمما باشلىنىشىنى ھازىردىن ئاممىۋىي خاراكتىرلىق ھالەتتە باشلىمىساق تولىمۇ كېچىككەن بولىمىز. بۇنىڭ ئۈچۈن ھەر بىرىمىز ئىشنى ئۆزىمىزدىن باشلاپ ئۆزارا بىر بىمىزگە ئۈلگە، بىر - بىرىمىزگە باشلامچى، بىر بىرىمىزگە ياردەم قولىمىزنى سۇنىدىغان ئىناق جەمىيەت قۇرۇشتىن باشلاپ تۇتۇش قىلىشىمىز كېرەك. ئومۇمەن بىلىم قۇرۇلمىمىزدا چوڭ كۆلەملىك يېڭىلىنىش بارلىققا كەلتۈرىشىمىز كېرەك. بىلىم قۇرۇلمىسىنىڭ يېڭىلىنىشى ھەرقانداق باشقا ئىشلىرىمىز راۋاجىنىڭ ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچى ھىسابلىنىدۇ. |
|