رايونىمىزدىكى مەكتەپلەردە كىتاب ئوقۇشنى قانات يايدۇرۇش ۋە كېڭەيتىش تەكلىپ پىلان لاھىيىسى ئابدۇراخمان ئابدۇۋېلى ئوغۇز كىتاب دېگەن بۇ سۆز تىلغا ئېلىنسىلا، كاللىمىزدا مەكتەپتىن ئىبارەت بىلىم كانى تېز سۈرەتتە ئەكىس ئىتىدۇ . ھەقىقەتەنمۇ شۇنداق، ئادەم تەربىيلەش ماكانى بولغان بۇ مەرىپئەت بېغى،مىھنەتكەش ئۇستازلار ئەنە شۇ كىتابلاردىكى جەۋھەرلەردىن سۈزۈپ ئېلىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىلىغا سالىدۇ . بىراق كىتابلارنىڭ تۈرى ئىنتايىن كۆپ ،مەكتەپلەردىكى كىتابلار بولسا ئوقۇغۇچىلار مەكتەپتە بىلىش زۆرۈر بولغان ئىلىم-پەن بىلىملىرىنى ئىگەللىشىدىكى قورالدۇر . ئۇنىڭدىن باشقا يەنەھەر خىل تۈر ،ھەر خىل زانىردىكى تۇرمۇش ،تارىخ ،پەلسەپە ،ئەدەپ-ئەخىلاق،مەدەنىيەتقاتارلىق ساھەلەردىكى ئوقۇشلۇق كىتابلاربىزدە يىتەرلىك كۆپ ،لېكىن ئوقۇيدىغان ئوقۇرمەنلەر ئانچە كۆپ ئەمەس ، ھەتتا ياخشى كىتابلىرىمىزنىڭ سانى كۆپ بولمىسىمۇ،ئوقۇيدىغان ئوقۇرمەن سانىدىن خىلىلا كۆپ دېسەك ھەرگىز لاپ ئۇرغان بولمايمىز. بىزدە نېمە ئۈچۈن ئوقۇيدىغان كىتاب بار ،لېكىن ئوقۇيدىغان ئوقۇرمەن يوق ياكى ناھايىتى ئاز ؟! كىشىلىرىمىزنىڭ كىتاب ئوقۇماسلىقىغا زادى نىمە سەۋەپ بولغان ؟! بۇ سۇئالغا ئىنتايىن قىسقا قىلىپ،شۇنداق كېسىپ جاۋاپ بېرەلەيمەنكى،ب ۇنىڭغا ئادەت سەۋەپ بولغان،يەنى كىچىكىدىن كىتاب ئوقۇش ئادىتى شەكىللەنمىگەن. ئۇنداقتا بۇ كىتاپ ئوقۇماسلىقئ ادەتنى ئۆزگەرتىدىۈان ياكى ياخشىلايدىغان بىرەر ياخشى چارە بارمىدۇ ؟....... كۆپلىرىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك،كىتاب ئىشقىدا پەرۋانە،خەلقىنى ئلىم-مەرىپئەتكە باشلاش يولىدا يۈرىكى نىسۈغۇرۇپ ئېلىپ ،ئىككى قوللاپ شام قىلىپ ياققان،خەلقىمىزگە پايدىلىق ياخشى ئىشقىلىپ بېرىش يولىدا تىنىمسىز تىپىرلاۋاتقان، تەۋپىق روھىنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغان سۈيۈملۈك كىشىمىز رۇزىمۇھەممەت تۇردى ئارتۇچ ئەپەندى بۇ يىل 2015-يىلنى كىتاب يىلى قىلىش تەشەببۇسىنى دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا قۇيۇپ رايۇنىمىز ئىلىم ساھەسىدىكىلەرنڭ يۈكسەك قوللىشىغا ئېرىشتى.شۇنىڭلىق بىلەن ھەر جايدا كىتابقا بولغان قىزغىنلىق تېخىمۇ ئەۋجىگە كۆتۈرۈلۈپ،كىتابنى چۆرىدىگەن تۈرلۈك پائالىيەتلەربەس-بەستە ئۆتكۈزلۈشكە باشلىدى. نۇرغۇنلىغان كىشىلىرىمىز بۇ چاقىرىققا ئاكتىپ ئاۋاز قۇشۇپ قوللىرىغا كىتاب ئېلىشىپ،كىتاب ئوقۇشتىن ئىبارەت بۇ ئادەتنى ئاستا-ئاستا يىتىلدۈرۈشتى . كىتاب يىلىدىن ئىبارەت بۇ خاسىيەتلىك يىل يالغۇز كىتاب ئوقۇشنىلا مەقسەت قىلىپ قالماستىن يەنە كىتاب سېتىۋېلىپ رايۇنىمىز كىتابچىلىقىنى راۋاجلاندۇرۇپ،بۇ ئارقىلىق ئانا تىلمىزدىكى كىتابلارنىڭ سان ۋە تۈر جەھەتتىن تېخىمۇ كۆپلەپ نەشىر قىلنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ،ئاخىرىدا جاپاكاش ،سۈيۈملۈك يازغۇچىلىرىمىزنى قوللاش ۋە ئۇلارغا مەدەت بېرىش،كىتابقا مۇناسىۋەتلىك ھەر خىل ئەھمىيەتلىك پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ،كىتابنىڭ قەلبىمىزدىكى ئورنى ۋە قىممىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ رايۇنىمىزدا «كىتاب ئادىتى» نى يېتىلدۈرۈشتىن ئىبارەتتۇر. ئەلۋەتتە بىر ئادەتنى كىچىك ۋاقتىمىزدا يىتىلدۈرسەك ئاسان يېتىلدۈرېۋالىمىز ھەمدە بۇ ئادىتىمىزنى ئىزچىل ئېلىپ ماڭالايمىز . ئەمدى كىتاب ئوقۇشتىن ئىبارەت بۇ ئادەتنى مەكتەپلەردىكى سەبىي سۈيۈملۈكلىرىمىزدىن باشلاپ يېتىلدۈرۈشنى پەرەز قىلىپ باقساق قانداقراق بولا ؟ئەگەر ئۈنۈمى ياخشى بولغۇدەك بۇلۇپ قالسا دەرھال ئاتلانساق..... ئۇنداقتا بۇ ئادەتنى قانداق يىتىلدۈرۈش كېرەك؟ بۇ مەسلىنى باسقۇچلارغا بۆلۈپ تەھلىل قىلىشقا توغرا كىلىدۇ. باشلانغۇچ مەكتەپ باسقۇچىدا: باشلانغۇچ مەكتەپتىكىئ ۆسمۈرلەر يۇمىران نوتىغا ئوخشايدۇ. ئېگىش تۈزلەش ئىنتايىن ئاسان. ئادەت يىتىلدۈرۈشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۈنۈملۈك باسقۇچىدۇر. شۇڭا بۇ باسقۇچتا ئوقۇغۇچىلارنى كىتابقا قىزىقتۇرۇش، ئاددىي ،چۈشنىشلىك كىتابلارنى ئوقۇش ئادىتىنى يىتلدۈرۈشئىنتايىن مۇھىم دەپ قارايمەن. بۇ مەزگىلدە ئوقۇتقۇچى ئوغۇچىلارغا چۆچەك،مەسەل قاتارلىق قىزىقارلىق كىتابلار نى ئۇلارغا ھېكايە شەكىلىدە بايان قىلىپ سۆزلەپ بېرىپ،ئۇلارنىڭ قىزغىنلىقىنى ئاشۇرسا،كىتاپ ئوقۇشقا ئىلھاملاندۇرسا، مەكتەپ قەرەلىك ھالداھەر خىل دېكىلىماتسىيە قىلىش، كىتاب ھەققىدە ياكى ئوقۇغان كىتابلىرى توغىرىسدا زېھىن سىناش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارسا ، ھەر خىل مۇكاپات بۇيۇمى ئورنىغاكىتابنى سوۋغات قىلىپ بېرىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىتابقا بولغان قىزىقىشى ۋە ئىنتىلىشىنى كۈچلەندۈرۈپ،تەدىرىجىي كىتاب ئوقۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرسە..... ئاتا-ئانىلار پەرىزەنتىلرىنىڭ قىزىقىشىنى قوللاپ ۋە تېخىمۇئىلھاملاندۇرۇپ ئۇلارغا ئوقۇپ چۈشىنەلىگۈدەك ئاددىي ،قىزىقارلىق كىتابلارنى ئېلىپ بېرىپ ئۇلارغا تېخىمۇ مەدەت بەرسە.... 2 . تۇلۇقسىز ئوتتۇرامەكتەپ باسقۇچى: بۇ باسقۇچ بولسا داۋاملاشتۇرۇش ۋە مۇستەھكەملەش باسقۇچى بۇلۇپ،بۇباسقۇچتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ زېھىنىي قۇۋۋەت ۋە چۈشىنى بىلىش ئىقتىدارى باشلانغۇچمەكتەپ باسقۇچىدىكىدىن زور دەرجىدە يۇقىرى بۇلىدۇ. بۇ باسقۇچتا تەدىرىجىي ئاددىيلىقتىن مۇرەككەپلىككە تەرەققىي قىلپ،چۆچەك،ۋە مەسەل كىتابلاردىن تەدىرىجىي قىسقا –قىسقا ھېكايە،پەندى-نەسىھەت، ئەدەب-ئەخلاق تۈسىنى ئالغان كىتابلارنى ئوقۇشقا ئىلھاملاندۇرىلسا، قىسقە پەلسەپىلەر ئارقىلق تەپەككۇرنى ئېچىشقا ،ئوقۇشتىن سىرىت يەنە قەلەم تەۋرىتىپ، خاتىرە قالدۇرۇش،شىئېر،نەسىر قاتارلىق ئاددىي ئەسەرلەرنى يېزىشقا ئىلھاملاندۇرۇلسا، مەكتەپلەردە مۇنەۋەر ئەسەر، تەسىرات قاتارلىقلارنى باھالاپ ئوقۇغۇچىلارنى تېخىمۇ بىر بالداق ئىلھاملاندۇرسا ۋە قوللىسا..... 3 .تۇلۇق ئوتتۇرامەكتەپ باسقۇچى
: بۇ ئىنتايىن مۇھىم ھەم ھەل قىلغۇچ باسقۇچ بۇلۇپ ،ئوقۇغۇچىلار پۇتۇنلەي تەپەككۇرۋە تەسەۋۋۇرغا تاينىدىغان ۋە قاناتلاندۇرىدىغان ئۆتكۈنچى مەزگىل ، بۇ مەزگىلدە تەپەككۈرنى ئاچىدىغان پەلسەپە، مەدەنىيەت،تارىخ، سۆزلەنگەن كىتابلارنى ئوقۇش بىلەن بىرگە ئۆزئالدىغا تەپەككۈر قىلالايدىغان،پىكىر يۈرگۈزەلەيدىغان بولۇشقا ئىلھاملاندۇرۇلسا، مەكتەپ ھەر خىل مۇنازىرە ،مۇھاكىمى پائالىيەتلىرىنىئ ورۇنلاشتۇرۇپ،ئوقۇزۇچىلارنى ھەر قايسى جەھەتتىن ئەتراپلىق تەربىيىلىنىشىگە شارائىت ھازىرلاپ بەرسە،،،،،،،،ئىشىنىمەنكى ئۇلارنىڭ كەسپى ۋە پەننىي بىلىملەرنى پۇختا ئىگەللەپ، كىتابنى ئۆزىگە ھەمىراھ قىلغان كەلگۈسىنىڭ ئىستىدات ئىگىسى بۇلۇپ بۇلۇپ يىتىشىپ چىققۇسى..... بۇنىڭلىق ئۈچۈن ئائىلە،ئەكتەپ تەڭ كۈچ چىقىرىپ ھەمكارلىشىشى زۆرۈردۇر، ئەلۋەتتە ئوقۇغۇچى ئەڭ مۇھىم . باللارنى تەربىيلەش ھەرگىزمۇ باللىلارنى مەكتەپتە ئۆگۈنۈشكە تېگىشلىك بىلىملەر بىلەن تەربىيلەشنىلا كۆرسىتىپ قالماستىن ھەر قايسى جەھەتتىن تەڭ يېتىشكەن قىلىپ تەربىيىلەشنىكۆرسىتىدۇ. ئەگەر كىتاب ئوقۇش ئادىتى مەكتەپلەردە كەڭ كۆلەمدە قانات يايدۇرۇلۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈلسە ئىشنىمەنكى يۇقىردىكى پەرەزلىرىمىز رېئاللىققا ئايلىنىپ كۆز ئالدىڭىزدا ئەگىپ يۈرگۈسى..... 2015-يىل 11-مارت
|