- تىزىملاتقان
- 2014-7-10
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-16
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 638
- نادىر
- 0
- يازما
- 68
ئۆسۈش
  27.6%
|
مۇشۇ مۇنبەرگە مەكتەپ مۇدىرلىرىمۇ كىرەمدىغاندۇ؟ مەكتەپتە كىتاپ ئوقۇش پائالىيىتىنى يولغا قويۇش ياخشى ئىش، مەكتەپلەردە كۈتۈپخانىلار تەسىس قىلىنغان، كۈتۈپخانىلار لىق كىتاپ بىلەن تولغان بۇ ئېىنىق ،ئەپسۇس، ئەپسۇس يەنە ئەپسۇس ، بۇ كۈتۈپخانىلارنىڭ قۇلپىسى پەقەت مەكتەپلەرنىڭ خىزمىتىنى تەكشۈرىدىغان باھالاش كەلگەن چاغدا شۇلارغا كىتاپلارنىڭ يوقاپ كەتمەي ئۆز جايىدا ساق تۇرغانلىقىنى كۆرسىتىش ئۈچۈنلا ئېچىلىدۇ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۈتۈپخانىدىن كىتاپ ئارىيەت ئېلىپ ئوقۇيالىشى مۈمكىنمۇ؟ قىنى كىتاپخانىلارغا قاراپ باقايلى، كىملەرنى كۆرىمىزكىن؟ مانا كىتاپخانىلاردا ساپلا باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى بەزىلىرى ئولتۇرۇپ، بەزىلىرى ئۆرە تۇرۇپ دېگەندەك ئۆزى ياقتۇرغان كىتاپلارنى كۆرىۋىتىپتۇ، ئاندا-ساندا ياشانغان پىشقەدەم كىتاپ خۇمارلارمۇ كىتاپ كۆرىۋىتىپتۇ. بىرەر ياشنىڭ قارىسىمۇ كۆرۈنمەيدۇ، ئۇ ياشلار نەگە كەتتىكىنە؟ ياش باللارنىڭ كىتاپ بىلەن ئالاقىسى بولمىسا كىرەك. ھەممىسى قىز- ئوغۇل دەپ ئايرىپ يۈرمەي تۈرلۈك ئويۇنخانىلاردا‹‹ بەخىتلىك ›› ياشاۋاتىپتۇ. جەمىيەتنىڭ يۈكى كىملەرنىڭ زىممىسىدە بولىشى كىرەك؟ باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئۆسمۈرلىرىنىڭ زىممىسىدىمۇ ياكى پىنسىيەگە چىقىپ بولغان پىشقەدەملەرنىڭ زىممىسىدە بولشى كىرەكمۇ؟ ياكى باش-كۆز يوق ئويناۋاتقان ‹‹بەخىتلىك›› ياشلارنىڭ زىممىسىدە بولىشى كىرەكمۇ؟ بۇنى ياشلىرىمىز ئويلىنىپ باققانمىدۇ؟ تەرەققىي قىلغان ئەللەردىكى ياشلارمۇ بىزنىڭ ياشلىرىمىزغا ئوخشاش ئويۇندىن‹‹ بەختىنى›› ئىزدەمدىغاندۇ؟ ئۇ دۆلەتلەرنى ئۆسمۈرلەر بىلەن قىرىلار تەرەققىي قىلدۇرغان بولغىيمىتتى؟؟ بىز كىتاپ ئوقۇشنى تەشەببۇس قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ياشلارنى تەربىيەلەش، مەسئۇلىيىتىنى بىلدۈرۈش ئۈستىدىمۇ باش قاتۇرساق بولاتتى. |
|