- تىزىملاتقان
- 2015-3-10
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-10
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 6
- نادىر
- 0
- يازما
- 0
ئۆسۈش
  2%
|
كۈلەيمۇ يا يىغلايمۇ؟
مەن ئاقسۇ ۋىلايەت ئۇچتۇرپان ناھىيە ئاچتاغ يېزىسىدىكى (ئالى مەلۇماتلىق) ئاددى بىر دېھقان. بۇ يەردە دىمەكچى بولغانلىرىم دېھقانلارنىڭ ئىگىسى قاچان پەيدا بۇلىدۇ؟ قانۇن قاچان جەنۇبى شىنجاڭدا يەرلىك ھاكىمىيەتنى باشقۇرىدۇ؟ دىگەنلەردىن ئىبارەت.
مەن ئىلگىرى ئۈرۈمچىدە ئالى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىللىرىمدە كىشىلەرنىڭ ئۆيلىرى يول ئېلىش ياكى شەھەرنىڭ بىرەر مۇھىم ئۇل ئەسلىھەلىرىگە يولۇققىنىدا شۇ كىشىنى رازى قىلىپ تۇرۇپ، ھۆكۈمەت ئىگىلىكىگە ئۆتكۈزۈۋېلىپ ئاندىن تۈرلۈك ئۇل مۇئەسسە قۇرلۇشلىرىنى قىلغانلىقىنى كۆرگەن ئىدىم. لىكىن بۇ ئىشلار جەنۇبى شىنجاڭدا ئۆمۈرۈم ئۆتكۈچە كەلمىگىدەك دەپ ئويلاپ قالدىم.
مانا بۈگۈن بۇ ئىشلار مىنىڭ بېشىمغىمۇ كەلدى. كەنتىمىزدە يېڭى يېزا قۇرلۇشى بويىچە تۈزەش، رەتلەش ئېلىپ بارىمىز دەپ ھەممە ئائىلىلەرنىڭ مىۋىلىك ۋە مىۋىسىز بارلىق دەل-دەرەخلىرىنى كىسىپ(يېزا بويىچە دېھقانلارنى مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىش ئارقىلىق) قاقاسلىققا ئايلاندۇرۇپ قويدى، نۇ نۆۋەت ماڭىمۇ كەلدى ئەلۋەتتە. لىكىن مىنىڭ ئەقلىمدىن ئۆتمىگىنى ئورمان بەلبىغى(林带)دىكى ئورمانلىرىمنى ئېلىۋېتىپ يېڭىدىن ئورمان بەلبىغى ھاسىل قىلىپ قايتا ئورمان تىكىدىغانلىقى زادىلا ئەقلىمگە سىغمىدى.
يېڭى يېزا قۇرۇش ئەلۋەتتە ياخشى ئىش، لىكىن بۇ ياخشى ئىش كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان سالمىغان ئاساستا ئېلىپ بېرىلسا ئاندىن ياخشى ئىش بۇلاتتى، لىكىن خەلق ئاممىسىنى زور تالاپەتكە ئۇچقىتىپ، ئېغىر زىيانلار ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلسا كىشىلەر قانچىلىك خوش بۇلۇپ كىتەر؟ مانا مۇشۇ باھانىدا ئۆتكەن يىلى تۈپىنى 500يۈەندىن بەرمىگەن نەچچە مىڭ تۈپلىگەن ياغاچلار 200يۈەندىن ياغاچ سودىگەرلىرىگە سېتىلىپ، ياغاچ سودىگەرلىرىنى باي قىلدى. ئەلۋەتتە مەنمۇ بوش كەلمىدىم ئۆتكەن يىلى تۈپىنى 600يۈەندىن بەرمىگەن 6 تۈپ ياغىچىمنى 1400يۈەنگە سېتىپ زور پايدا بىلەن خۇشاللىققا چۆمدۈم. بۇ ياغاچلىرىمغۇ كىسىمگە يەتكەن زىيان بولسمۇ مەيلى ئىدى، لىكىن ئولتۇراق ئۆيۈمنىڭ يېنىدىكى (ئۆي-مۈلۈك كىنىشكەمدىكى قانۇندا بەلگىلەنگەن، ماڭا بۇيرۇلغان زىمىندىكى ئورمانلار)ئورمان بەلبىغى(林带)دىكى قالغان 319تۈپ ياغىچىمغا ئىچىم سىيرىلدى. ساتاي دىسەم 100يۈەندىنمۇ خېرىدار چىقمىدى. كەسمەيمەن دەپ قانۇن سۆزلىسەم قانۇنلۇق جاۋاب بىرەلمىگەن يېزا باشلىقى مەن ئۈچۈن چىرايلىق قىلىپ كەنت زومىگىرى قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىڭلار دەپ ھۆكۈم قىلىپ قۇيۇپ غىپپىدە تىكىۋەتتى.
يېزىمىزنىڭ 11- كەنتىدە ئاشۇنداق ئولتۇراق ئۆيىنى ۋە ئۆيى ئەتراپىدىكى تۈرلۈك مىۋىلىك ۋە مىۋىسىز دەرەخلىرىنى كىسىشكە ئۇنىمىغانلارنى يېزىلىق سىياسى قانۇن ۋە يېزىلىق ساقچىخانا خىزمەتچىلىرى قورال ئارقىلىق ھەيۋە قىلىپ مەجبۇرى كىسىش ۋە چىقىش پائالىيىتى ئېلىپ بارغان ئىدى.
ئەلۋەتتە مىنىڭمۇ يېڭى يېزا قۇرلۇشىغا قاتنىشىپ يېڭىچە تۇرمۇشتىن بەھرىمان بولغۇم كىلىدۇ، لىكىن مۇشۇنداق قانۇنسىز يوللار ئارقىلىق بەرپا قىلىنغان يېڭى يېزىغا پەقەت كىرگۈم كەلمەيۋاتىدۇ، لىكىن ئامال يوق . ئامال يوق بېشىم كىچىك قالپاق چوڭ كىلىپ قېلىپ نەچچە يىللىق كىسىلىپ كىتىشتىن قورقتۇم نەتىجىدە ئۆزەم بىر تەرەپتىن رەتلىك قىلىپ دەرەخلىرىمنى كىسىپ ياتقۇزۇپ قويدۇم.
ئەجىبا جەنۇبى شىنجاڭدا قانۇن دىگەن ئاتالغۇ بار لىكىن رولى پەقەتلا يوقمىدۇ؟ يەرلىك ھاكىمىيەتنىڭ دىگىنى دىگەن بۇلۇپ ئۆتىۋىرەمدىغاندۇ؟ خۇش-خۇش دەپ ئۆتىۋەرسىڭىز ئاغزىڭىزغا سىيىپ قۇيۇشتىن يانمىغىدەك بۇلۇپ كەتتى، قانۇن سۆزلەپ ئۆزىڭىزنى قوغدايمەن دىدىڭىزمۇ سىز ئۈچۈن تەييارلانغان ، بېشىڭىز كىچىك بولسىمۇ تۈرلۈك ناملار بىلەن ئاتالغان يوغان قالپاقلار تەييار.ھەي .......................
مەن دۆلىتىمىزنىڭ قانۇنلىرىغا قارشى چىقماقچى ئەمەس، لىكىن شۇ قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش تەكىتلىنىۋاتقان مۇشۇنداق ۋەزىيەتتە قانۇن ئارقىلىق ئۆزەمنى قوغدىيالماسلىقىم. قانۇن سۆزلىسەم چىرايلىق قالپاقنىڭ بېشىمغا تەييارلىنىشى بولدى. قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش تەكىتلىنىۋاتقان ۋەزىيەتتە قانۇنغا خىلاپ بولغان قىلمىشلارغا ئۇچىرىسا ئادەمنىڭ راستىنلا ئاچچىقى كىلىدىكەن.كەڭ قانۇن ئىجىراچىلىرىدىن سورايدىغىنىم مەن قانۇن سۆزلىسەم ئۆزەمنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق مەنپەئەتىمنى قوغدىيالامدىم ياكى يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى توغرىمۇ؟
مىنىڭ بۇ يەردە ئوتتۇرىغا قويماقچى بولغىنىم قانداقتۇر قۇتىراتقۇلۇق قىلىش ئەمەس بەلكى كەڭ قانۇن ئىجىراچىلىرىنىڭ تۈرلۈك قانۇنسىز بۇيرۇقلارنى چۈشۈرۈپ، خەلقنى قاقشىتىشتىن بۇرۇن ئۆزىنى زىيانكەشلىككە ئۇچىرىغۇچىلار قاتارىدا كۆرۈپ بېقىپ، شۇلارنىڭ ئورنىدا مەن بولسام قانداق قىلاتتىم دىگەنلەرنى ئويلاپ بېقىشىنى ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىمەن.
ئاخىرىدا كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ سوغۇققانلىق بىلەن كۆرۈپ چىقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. يەنە تەكىتلەپ ئۆتەي مىنىڭ بۇ يەردىكى مەۋھۇم دۇنيا ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويماقچى بولغىنىم سىزنى قۇتىراتقىنىم ئەمەس بەلكى قانۇن ئارقىلىق ئۆزەمنى قوغدايمەن دەپ چوڭ قالپاقنى كىيىۋالماسلىقىڭىزنى ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىمەن .
كۆپچىلىكنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىنى چىقىرىپ مىنىڭ بۇ ئەرزىمەس تېمامنى ئوقۇپ چىققانلىقى ئۈچۈن رەخمەت.
قانۇن بىلەن ئويناشماڭ، ھاياتىڭىزنى قەدىرلەڭ! |
|