- تىزىملاتقان
- 2015-3-5
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-11
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 89
- نادىر
- 0
- يازما
- 2
ئۆسۈش
  29.67%
|
ئەسسالامۇ ئەلەيدكۇم تورداشلار! مېنىڭچە، بۇ ئىشنى ھازىر ئەرىز قىلغاننىڭ ئۈنىمى بولمايدۇ. ئەرىز قىلغانسىرى، شۇ كىشىگە بولغان زىيان ۋە بىسىم يوغىنايدۇ. مېنىڭ ئۆيۈم چېقىلىپ، ئۆي بۆلگەندە كۈن نۇرى چۈشمەيدىغان ئۆينى مەجبۇرى بۆلۈپ قويغان سەۋەپلىك ئەرىز قىلىش جەريانىدا، بېشىمدىن ئۆتكەن ئىش. ئەڭ ياخشى چارە، بارلىق ئىسپاتلارنى يەنى شۇ ئىش يۈز بەرگەن ۋاقىتتىكى ئادەملەرنىڭ ئىسمى، دېيىلگەن گەپلەر، بولۇنغان ئىشلار، ئۆزىنىڭ ۋە باشقىلار ئۇچرىغان زىيانلىرى توغرۇسىدا توپلاشقا بولىدىغان يازما، ئاۋازلىق سىنلىق بارلىق ئىسپاتلارنى ياخشى ساقلاپ قويۇپ، ۋاقتى سائىتى كەلگەندە ئەرىز قىلىش كېرەك. نېمە ئۈچۈن؟ ھازىرقى رايونىمىزنىڭ ئەھۋالىدا، بارلىق ئىشلار مۇقۇملۇق ئۈچۈن. ئەرىز قىلىشتا بىر بەلگىلىمە بار، يەنى دەرىجە ئاتلاپ ئەرىز قىلىشقا بولمايدۇ. نەگىلا بېرىپ ئەرىز قىلىڭ، ئەرزىڭىز سىزنىڭ تۇرۇشلۇق ئورنىڭىزدىكى يەرلىك ھۆكۈمەتكە يوللاپ بېرىلىدۇ. ھازىر ئەرىز قىلىش، تېما ئىگىسى ئۆزى دېگەندەك يوغان تەييار قالپاقتىن بىرنى كېيىش دېگەنلىك. نۆۋەتتە دۆلەت بويىنچە «قانۇن بىلەن ئېدارە قىلىش » دولقۇنى كۆتۈرىلىدۋاتىدۇ، بۇنى ھەممىمىز بىلىمىز ئەلۋەتتە، يەنە « ئىككى يېغىن » ئېچىلىپ ئاخىرلاشتى. بۇ سىياسەت ۋە يېغىن روھى تۆۋەندىكى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا بېرىشقا يەنە ۋاقىت كېتىدۇ. ھازىرچە ئەڭ ياخشى چارە ئاخبارات ئورۇنلىرىغا مەسىلىنى ئىنكاس قىلىش. ئەگەر سەۋىيە يەتسە خەنزۇ تېلىدىكى ئاخبارات ئورۇنلىرىغا، پەقەت بولمىسا ھەركۈنى ئەتىگەن بېرىلىدىغان كەسىپ ئىستىلى پروگراممىسغا ئەھۋال ئېيتىپ، مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىش توغرىلىق مەسلىھەت ئېلىپ ئىش قىلىش. قانۇن بويىنچە ھەل قىلىمەن دېسىمۇ ئاقمايدۇ، چۈنكى ئۆز ۋاقتىدا بىزمۇ ئادۇۋكات ئىزلىگەن، لېكىن «قانۇندا شەخىس بىلەن ھوكۈمەت ئورگانلىرى ئارىسىدىكى ئەرىز قوبۇل قىلىنمايدۇ» دېگەن جاۋاپقا ئېرىشكەن. |
|