- تىزىملاتقان
- 2012-8-5
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-18
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 5390
- نادىر
- 0
- يازما
- 423
ئۆسۈش
  7.8%
|
مېنىڭچە ، ماختىغاننىڭ زىيىنى يوق ، مۇھىمى ماختاشقا تېگىشلىك ياكى ماختاشقا تېگىشلىك ئەمەسلىكىگە قاراش كېرەك ، ماختاشقا تېگىشلىك بولسىلا ماختاش كېرەك ، دېمىسىمۇ باشقىلارنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرىشىنى ماختىشىنى ئارزۇ قىلمايدىغان ھېچكىم بولمىسا كېرەك ، مۇۋاپىق ماختاش كىشىنى خۇشال قىلىپلا قالماستىن روھنى ئۇرغۇتىدۇ ، ھاياتنى ، ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەرنى سۆيۈملۈك كۆرسىتىدۇ ، ئەگەر بىرەرسى بىزنى كەمسىتسە ، ھاقارەتلىسە بۇ بىز ئۈچۈن ناھايىتى زور زەربە ، بۇنىڭلىق بىلەن نۇرغۇن كىشىلەر باشقىلار بىلەن ئالاقىلىشىشتىن بىزار بولىدۇ ، ھايات پەقەت تەڭسىزلىك ، رەزىللىك بىلەن تولغاندەك بىلىنىدۇ ، شۇڭا مەنمۇ شۇنداق ئويلايمەن ، باشقىلارنى ماختاشنى ئۆگىنەيلى ، ئۇلار ئۆزىدىكى ئارتۇقچىلىقلاردىن ،ساغلام كىشىلىك مۇناسىۋەتلەردىن ، جۈملىدىن ھاياتتىن ھوزۇرلىنالايدىغان بولسۇن ، بالىلىرىمىزنى ماختاشنى ئۇنتۇمايلى ، ئۇلار ئۆزىگە ئىشىنىدىغان بولسۇن ، ئۆزىنىڭ غايىلىرىدىن پەخىرلىنىلەيدىغان ، ئاشۇ يۈكسەك غايىلىرى ئۈچۈن تولۇپ - تاشقان قىزغىنلىق بىلەن ئالغا ئىلگىرلىيەلەيدىغان بولسۇن !
ئەلسۆيەر ئىنىمغا ئاپىرىن . |
|