- تىزىملاتقان
- 2015-2-22
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-14
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 512
- نادىر
- 0
- يازما
- 56
ئۆسۈش
  2.4%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Fedaiy تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-3-9 22:41
«ئۆسەر يۇرتنىڭ بالىلىرى بىر – بىرىنى پالۋان دەر، چۆكەر يۇرتنىڭ بالىلىرى بىر – بىرىنى گالۋاڭ دەر.»
بۇ ئۇيغۇر خەلق ماقالى، خاتىرىڭىزگە مەنبە ئەسكەرتىشنى ئۇنتۇپ قالغان بولىشىڭىز مۇمكىن.
لايىقىدا ماختاش، گۈزەل سۆز قىلىش ھەم دىنىمىزدا ھەم ئەخلاق پىرىنسىپلىرىدا دائىما تەشەببۇس قىلىنىدىغان ئىدىيە. مۇشۇ ئىدىيەنى بۇ يازمىڭىز ئارقىلىق قايتا گەۋدىلەندۈرۈپ كىشىلەرنى خۇشاللىققا ئۈندىگەنلىكىڭىزگە تەشەككۈر ئېيتىمەن. (ماختاپ قويۇش جايىدا بولسا، ھەقىقەتەن دوستلارنىڭ چېھرىدىن گۈل ئېچىلدۇرىدۇ)
لېكىن بۇ ئىدىيەنىڭمۇ ئوبىكىتى ۋە مۇناسىپ قوللىنىلىش دائىرىسى بار.
ماختاش پىرىنسىپى كۈندىلىك تۇرمۇشتا؛ تونۇش-بىلىش، دوست-بۇرادەرلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇئامىلىدارلىق (يەنى قانداق دىئالوگ قىلىش) مەسىلىسى دائىرىسىدە بولغىنىدا كۆپىنچە ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ.
لېكىن، دېققەت قىلماق لازىمكى،"ماختاش"قا بىر تەرەپلىمە ھالدا ئېسىلىۋالماسلىق لازىم. بولمىسا بۇ-- (مېنى چاقمىغان يىلان مىڭ يىل ياشىسۇن) سەنىمىگە كىرىۋالغانلىق بولۇپ قالىدۇ.
ئۇنۇتۇلماسلىقى كېرەككى، شۈكرى قىلىش ۋە مىننەتدار بولۇش بەندە بىلەن خۇدا ئارىسىدا، كىشى بىلەن دوستلىرى ئارىسىدا بولغىنىدا ئۇ بىر ئىبادەتتۇر. دۈشمەن ئارىسىدا بولغىنىدا بولسا، بىر خىيانەت، ماڭقۇرتلۇقتۇر ...
دۈشمەننى "ماختاپ ئەيۋەشكە كەلتۈرىمەن" دېيىش، تولىمۇ كۈلكىلىك مەنتىقە. مەن شەخسەن ئۇنى مەيدانسىزلىقنىڭ (يۇمىلاق تاۋۇزلۇقنىڭ)، ئەركسىزلىكنىڭ مەھسۇلى دەپ چۈشىنىمەن. توغرا-خاتا، ھەق-ناھەق، غەزەپ-نەپرەت قارىشىنى ئېنىق قىلىش كىشىنى مەيدانسىزلىقتىن (يۇمىلاق تاۋۇزلۇقتىن) ساقلايدۇ.
|
|