- تىزىملاتقان
- 2015-2-22
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-14
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 512
- نادىر
- 0
- يازما
- 56
ئۆسۈش
  2.4%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Fedaiy تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-3-1 22:53
نۇرغۇن كىشىلەر «ئېغىر تويلۇق» مەسىلىسىنى، «قىزلارنى ئەرزان ئېلىش كېرەك دەۋاتىدۇ» دەپ چۈشىنىۋالىدۇ. ئەمەلىيەتتە ھەرگىزمۇ ئۇنداق ئەمەس. قىزلار «نەپىس، قىممەتلىك» بايلىق، «بۈيۈك نىمەت». ئۇلار ئەركەكلەرنىڭ باش تاجى، چىكىسىدىكى گۈل. شۇ سەۋەپتىن ئۇلارنى ھېمايە قىلىش تەڭرى تەرىپىدىن ئەركەكنىڭ زىممىسىگە چۈشۈرۈلگەن. ئۇنىڭ باھاسى، قەدىر-قىممىتى ھەرگىزمۇ پۇل بىلەن ئۆلچەنمەيدۇ. (دەل مۇشۇ نوقتىدا نۇرغۇن كىشى خاتالاشقانلىقى ئۈچۈن ئورۇنسىز ھەشەمەتگۇيلىق قىلىدۇ.)
«زىبۇ-زىننەت يېڭى ھاياتقا زىننەت بېغىشلايدۇ»، «مول داستىرخان ئادەمگەرچىلىك» دېگەنلەر ھەممىسى ھەشەمەتگۇيلۇقنىڭ گۈزەل باھانىسى.
مەسىلەن: بازاردىكى نان «نان دېگەن ھاتىمىزدىكى قىممەتلىك نەرسە، ئۇ ھاياتىمىزنى ساقلاپ قالغانىكەن، زور بەدەل تۆلەپ ئېلىشقا ئەرزىيدۇ» دېگەندەك گۈزەل باھانىلەر بىلەن باھاسى زور دەرىجىدە ئۆستۈرىۋېتىلسە، نۇرغۇن ئادەمنىڭ ئاچ قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. (شۇنىڭ بىلەن بەزى ئادەملەر ئۇنى بۇلاپ يەيدىغان بولىدۇ) ئاندىن كىشىلەر بۇنىڭ ئارقىدىن يەنە: «جەمىيەتتە ئەخلاق بۇزۇلۇپ كەتتى» دەپ شىكايەت قىلىشىدۇ.
«ئېغىر تويلۇق» مۇشۇنداق مەسىلە.
ئادەمگەرچىلىك دېگەن قەلىبتە، گۈزەل سۆزدە، ئەڭ ئېھتىياجلىق پەيتتە مىننەتسىز ياردەم قىلىشتا ئىپادىلىنىدۇ. زور كۆپ قىسىم توي-تۆكۈن، نەزىر-چىراق، ئېلىم-بېرىم ئادەتلىرىمىزدىكى ئەشۇ «مال» ئالماشتۇرۇشلارنى مىننەتسىز دېگىلى بولسۇنمۇ؟ بۇنى كىشىلەرنىڭ ئۆيگە كەلگەن باغاققا تۇتقان مۇئامىلىسىدىنلا ئېنىق كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.
شۇڭا رىئال مەسىلىلەرگە رىئال مۇئامىلە قىلساق، بەك خىيالچان بولۇپ كەتمىسەك دېگەن ئۈمۈدتىمەن. |
|