- تىزىملاتقان
- 2015-2-22
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-14
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 512
- نادىر
- 0
- يازما
- 56
ئۆسۈش
2.4%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Fedaiy تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-3-1 16:22
تېما ئىگىسى ناھايىتى ياخشى تېما يوللاپتۇ. بۇ ۋەجىدىن، چوڭقۇر رەھمىتىمنى ۋە ھۆرمىتىمنى بىلدۈرىمەن.
بىزدىكى «ئېغىر توي سېلىقى» مەسىلىسى ئاددىي مەسىلە ئەمەس. ئۇ- مىللەتنىڭ ماددى-مەنىۋى تەرەققىياتىغا، كەلگۈسى ئەۋلادلارنىڭ ھاياتىغا، جەمئىيەتنىڭ ئەڭ كىچىك بىرلىكى بولغان ئائىلىگە ۋە ئائىلىدىكى ئەزالارنىڭ بەختىگە بېرىپ تاقىلىدىغان زىل مەسىلە. مۇنداقچە ئېيتقاندا ھازىرقى بۇ «توي سېلىق» مەسىلىسى «ئىجتىمائىي ئاپەت» خارەكتېرلىك ئېغىر ھادىسە.
دۇنيا تارىخىدا ھېچقاچان «توي سېلىق» بىزدىكىدەك بۇنداق ئۇمۇمىيۈزلۈك ئېغىر بولمىغان. ۋە بۇنداق كەڭ دائىرىدە (توغرا سانىلىپ) ئومۇملاشمىغان. (دېمەك، بىزنىڭ جەمئىيىتىمىزدە تېخى ھېچقايسى قەۋم يارىتىپ باقمىغان «رىكوتلار» يارىتىلىۋاتىدۇ.)
ھازىرقى زامانغا نەزەر سالغاندىمۇ، مەيلى غەربتە بولسۇن، مەيلى شەرقتە بولسۇن ھېچقايسى مىللەت ۋە قەۋىم بىزدەك ئېغىر «توي سېلىقچىلىقى» قىلمايدۇ. باي دۆلەت ئامېرىكىدىكى كۆپ قىسم كىشىلەر توينى ناھايىتى ئاددىي ئۆتكۈزىدۇ. ئەڭ ئاددىيسى، بىقىنىمىزدىكى خەنزۇ خەلقلىرىمۇ بۇ جەھەتتە بىزدىن كۆپ تىجەشلىك. «نېمە ئۈچۈن؟» يۈرەك پارىلىرىنىڭ بەختى ئۈچۈنكى، ھەرگىزمۇ قۇرۇق ئابروي ئۈچۈن ئەمەس.
شۇنداق ئىكەن، بىزدىكى بۇ ئاجىز ئىقتىسادى سەۋىيەگە قايسى ھەددىمىز بىلەن «توي سېلىقىدا» بەسلىشىدىكەنمىز. قاپاقباشلىقنىڭ، ئابرويپەرەسلىكنىڭ تەسەۋۇر قىلغۇسىز دەرىجىدە ئومۇملىشىپ كەتكەنلىكىگە بەزىدە كىشىنىڭ نە ئىشەنگىسى كېلىدۇ، نە ئەقلى يىتىدۇ...
تويدا ھەشەمەتگۇيلۇق قىلىش- مەنمەنچىلىك، كىبىر، ئابرويپەرەسلىكنى بازارغا سېلىشتىن باشقا ھېچنىمە ئەمەسكى، بۇ ئابرويپەرەسلىكىنىڭ زىيىنى ھەممىدىن بەك ئۆزىگە ۋە ئائىلىسىدىكىلەرگە بولىدۇ.
دىنى نوقتىدىن: ئۇ بىر «كىبىر» ۋە «ئىسراپخورلۇق»كى، بۇنىڭ جازاسى تولىمۇ، تولىمۇ ئېغىر. (پەيغەمبىرىمىز: قىزنىڭ ياخشىسى سېلىقى يەڭگىللىرىدۇر دەپ كۆرسەتكەن.)
ئۆز قىزىغا باھا بېكىتىپ تۇرىۋېلىش (ئۇ باھادىن تۆۋىنىگە بەرمەسلىك)، ئىنسانىيلىققا خىلاپ. بۇ ئۆزىنىڭ پەرزەنتىنى مال ئورنىدا ساتقانلىق، قىز بالا دېگەن بالا (پەرزەنت)، كالا (چارۋا) ئەمەس.
ئۆزىنىڭ ئەل-ئالەم ئالدىدىكى ساختا ئابرويىنى دەپ پەرزەنتىنىڭ بەختىنى ساتقانلار، ئەڭ شەرەپسىز ئىنسانلارمىكىن دەيمەن.
«قوڭامدا ئىشتان يوق ئېتىم مارجان بۈۋى» دېگەن دەل مۇشۇ...
ھال مۇشۇنداق ئىكەن، بۇلارنى تۈزەتمەي تۇرۇپ «بىز نېمىشقا رىيازەت چىكىمىز؟ ئاھ خۇدا بىز ساڭا نېمە قىلدۇق؟» دېيىشنىڭ ھېچ ئورنى يوق. خۇدا جاجىمىزنى بېرىۋاتقانلا گەپ.
|
|