موڭغۇلىيە قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقىنى قوللانماقچى
موڭغۇلىيە ھۆكۈمىتى قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقى ئاساسىدىكى موڭغۇل يېزىقىنى يولغا قويۇش قەدىمىنى تېزلەتتى.قەدىمقى ئۇيغۇرچەموڭغۇل يېزىقى جۇڭگونىڭ ئىچكى موڭغۇل ئاپتونۇم رايونى قاتارلىق جايلىرىدا ياشايدىغان جۇڭگو موغۇللىرى ئىشلىتىۋاتقان يېزىق ئىدى.بەزى ئالىملار تەھلىل قىلىپ بۇ تەدبىر موڭغۇلىيىنىڭ مىللىي ئاڭنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ،يېزىق ساھەسىدە روسىيىنىڭ تەسىرىنى چىقىرىپ تاشلىشى بولۇپ،جۇڭگو-موڭغۇلىيەمۇناسىۋىتىگە پايدىلىق ئىكەن. موڭغۇل ئېلىنىڭ ئەلبېشى ئىشخانىسى بىلەن بايان قول ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ئىشخانىسى بىرلىكتە بۇئۆلكىدە ”موڭغۇل يېزىىق كۈنى “پائاليىتى ئۆتكۈزگەن،ئۇلار بۇ پائاليەت ئارقىلىق،قەدىمقى ئۇيغۇرچە موغۇل يېزىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە تېخىمۇ كەڭ دائىردە ئىشلىتىشنى نىشان قىلماقچىكەن. موڭغۇللار قەدىمقى ئۇيغۇرچە موڭغۇل يېزىقىنى ئىشلىتىشتە 800 يىللىق تارىخقا ئىگە.بىراق سوۋېت ئىتتىپاقنىڭ قوللىشى بىلەن جۇڭگودىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولغان موڭغۇلىيە ،يېزىقى ئىسلاھ قىلغان.ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 40 يىللىرىدا موڭغۇلىيە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تەسىرى تۈپەيلىدىن ،دامداسولۇن قاتارلىق داڭلىق يازغۇچىلىرى قاتناشقان ”يېزىق ئۆزگەرتىش كومېتىتى“ نى قۇرۇپ ئۇزاق ئۆتمەي قەدىمقى ئۇيغۇرچە موڭغۇل يېزىقىنى كېلىر ھەرپلىرى ئاساسىدىكى موڭغۇل يېزىقىغا ئۆزگەرتكەن. كېلىر موڭغۇل يېزىقى يەنە سىلاۋيانچە موڭغۇل يېزىقى دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ بۇ يېزىقتىكى موڭغۇل تىلىدا چەتتىن كىرگەن سۆزلەر ئاساسلىقى رۇسچە سۆزلەر بەك كۆپ.ئۇنىڭ يېزىقتىلى بىلەن ئېغىز تىلى بىردەك بولۇپ،نەشىريات ئىشلىرىغا قولايلىق ھەم موڭغۇللارغائىلىم-پەن،مەدەنيەتنى ئوموملاشتۇرۇشتا ئاكتىپ رولى بار.بىراق سىلايانچە موڭغۇليېزىقى ئۇيغۇرچە موڭغۇل يېزىقىغا قارىغاندا ئەنئەنىۋىي مەدەنيەتكە ۋارىسلىق قىلىشقا پايدىسىز تەسىر كۆرسەتكەن. موڭغولىيە ئەلبېشىنىڭ يېزىق ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىشقا بۇيرۇق چىقارغانلىقى ئۇنىڭ جۇڭگوغا مائىل بىر چوڭ ھەرىكىتى دەپ قارالماقتا. موڭغۇلىيەنىڭ كېلىر ھەرىپلىرى بىلەن يېزىلىدىغان موڭغۇل يېزىقىنى ئىشلىتىۋاتقىنىغا 70 يىل بولاي دېدى.
|