- تىزىملاتقان
- 2015-2-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-20
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 729
- نادىر
- 0
- يازما
- 48
ئۆسۈش
  45.8%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئاقسۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-27 01:05
karimof يوللىغان ۋاقتى 2015-2-26 23:39 
قۇتاتقۇ بىلىكتەك ئەسەرلەر ئەسلىدە قەدىمقى ئۇيغۇر يېز ...
مېنىڭچە قايتساق تۈرك رۇنىك يېزىقىغا (مەڭگۈتاشلارغا ئويۇلغان يېزىق) ئۆتسەك
ئەڭ مۇۋاپىق. لاتىنچىنى پەقەت مۇشۇ ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلارلا قوللانمايدۇ. چەئەللەردىكى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلىرىمىز
ئورتاق تۈرك ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر لاتىنچىسىنى قوللىنىدۇ. ئۆزبېكىستاننىڭكىگە ئوىشىشىپ كېتىدىغان لاتىنچە شۇ.
مەكتەپلەردە دەرسلىككە يانداش ئۆتسە تەدرىجىي ئومۇملىشاتتى ھۆكۈمەت ئېتىراپ قىلمىغاندىكىن
تۈزۈپ قويسىمۇ ھېچكىم ئىشلەتمەيدىغان قۇرۇق جازىغا ئايلىنىپ قالدى. كۆپۈنچە كىشىلەر
قىسقا ئۇچۇر، ئۈندىدار، مۇڭداشقۇلاردا لاتىنچىنى ئىشىلتىشتىن خەنزۇ تىلى ئاساسىدىكى پىنيىنچىنى ئىشلىتىپ يۈرمەكتە.
دۇنيانىڭ ئورتاق تىلى ئىنگىلىز تىلى شۇڭا ھەممە مىللەتلەرنىڭ
ئۆزىنىڭ مىللىي يېزىقىدىن سىرت شۇ يېزىقىنى لاتىنچىدە ئىپادىلەش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان
لاتىنچىسى بولىدۇ. مېنىڭچە ئۇيغۇرلار مۇشۇ يېزىق بىلەن لاتىنچىنى ھەر ئىككىلىسىنى قانۇنلۇق
يېزىق سۈپىتىدە قوللىنىشنى ھەقىقي تۈردە ئەمەلگە ئاشۇرالىسا ياخشى بولاتتى. ئەمما، ھازىر
مۇشۇ يېزىقىمىزنىمۇ ساقلاپ قالمىقىز مۈشكۈل بولماقتا. يېزىق ئۆزگەرتسەك بۇرۇنقى يېزىقنى
بىلىدىغانلار بىراقلا ساۋاتسىزغا ئايلىنىپ كېتىدۇ. بۇنداق تولا يېزىق ئۆزگەرتىش ئۇيغۇرلارنىڭ
ھەر تەرەپلىمە سىجىل تەرەققىياتىغا پايدىسىز. |
|