دۇنيادىكى نېفىت، گاز ۋە كۆمۈر زاپىسى يەنە قانچە ئۇزۇن يېتىدۇ؟
بىلىمخۇمار
2015-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى
بۈگۈن (يەنى ئامېرىكا ۋاقتى بويىچە 2015-يىلى 18-فېۋرال كۈنى) بىزنىڭ باش مەمۇرىي ئىدارىمىز بولغان كالىفورنىيە تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى دوكتۇر دەيۋىد رۇتلېج (David Rutledge) بىزنىڭ ئىدارىدە بىر مەيدان ئىلمىي دوكلات بەردى. دوكلاتنىڭ تېمىسى «نېفىت، گاز ۋە كۆمۈر يېقىلغۇلىرى يەنە قانچە ئۇزۇن يېتىدۇ؟» بولۇپ، بۇ دوكلات جەمئىي بىر سائەت داۋاملاشتى.
دەيۋىد بۇ ساھەنىڭ بىر تونۇلغان مۇتەخەسسىسى بولۇپ، ئۇ بۇرۇن كالىفورنىيە تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتى ئىنژېنېرلىق ۋە قوللانما پەنلىرى فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى بولۇپ ئىشلىگەن (ئامېرىكىدا ئوقۇتقۇچىلار بىر مەزگىل پروفېسسور، بىر مەزگىل فاكۇلتېت مۇدىرى، ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە پروفېسسور بولۇپ ئىشلەۋېرىدۇ. بۇ ھەرگىزمۇ دەرىجىسىنى تۆۋەنلەتكەنلىك بولمايدۇ. يەنى فاكۇلتېت مۇدىرى بىلەن پروفېسسورلارنىڭ ئاساسەن ھېچ قانداق پەرقى يوق). ئۇ نۇرغۇنلىغان ئورۇنلار تەييارلىغان ئىلمىي تەكشۈرۈش دوكلاتلىرى ۋە كەسپىي ئانالىزلار ئاساسىدا نۇرغۇنلىغان ئۇچۇر توپلىغان بولۇپ، بۈگۈن كۆپلىگەن سانلىق مەلۇماتلار ئاساسىدا ئۆزىنىڭ كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
1-رەسىم: دوكتۇر دەيۋىد رۇتلېج ئىلمىي دوكلات بېرىش ئالدىدىكى بىر كۆرىنىش.
ھازىر «نېفىت، گاز ۋە كۆمۈر يېقىلغۇلىرى يەنە قانچە ئۇزۇن يېتىدۇ؟» دېگەن مەسىلىدە كۆپ سانلىق كىشىلەر قوبۇل قىلغان قاراش مۇنداق: يۇقىرىدىكى يېقىلغۇلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىش مىقدارى ھازىرقى سەۋىيىگە قارىغاندا زور دەرىجىدە ئاشۇرۇلغان تەقدىردىمۇ، كېيىنكى 100 يىل ئىچىدە نېفىت، گاز ۋە كۆمۈر بايلىق مەنبەسىدە چوڭ بېسىم يۈز بەرمەيدۇ. يۇقىرىدىكى 3 خىل يېقىلغۇلارنى كۆيدۈرۈشتىن كېلىپ چىققان كاربون تۆت ئوكسىد (ياكى بىر نەرسىنى كۆيدۈرگەندە چىقىدىغان ئىس) مىقدارىنىڭ تۆۋەنلىشىمۇ 2150-يىللىرىغىچە يۈز بەرمەيدۇ.
ئەمما دەيۋىدنىڭ قارىشىچە، يۇقىرىدىكى 3 خىل يېقىلغۇنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىش مىقدارى مۇشۇ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا روشەن ھالدا ئازلايدۇ. يۇقىرىدىكى 3 خىل يېقىلغۇنىڭ ئورنىغا باشقا ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنى تېپىش نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ھېلىقىدەك ئۆزگىرىش ناھايىتى ئاستا يۈز بېرىدۇ. ئەمما، ئاشۇ 3 خىل يېقىلغۇنى كۆيدۈرۈشتىن كېلىپ چىققان يامان ئەھۋاللارنىڭ ھاۋا-كىلىماتىغا بولغان تەسىرىنى بىر تەرەپ قىلىش نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ھېلىقىدەك ئۆزگىرىشلەر يەنىلا بىر قىسىم جىددىيلىكنى پەيدا قىلىدۇ.
دەيۋىدنىڭ قارىشىچە، كېيىنكى 60 يىلدىن كېيىن دۇنيانىڭ نېفىت، گاز ۋە كۆمۈر زاپىسىنىڭ 90 پىرسەنتى تۈگەپ بولىدۇ. يەنى، ئاشۇ 3 خىل يېقىلغۇنىڭ زاپىسى ئەسلىدە بار بولغان بايلىق مىقدارىنىڭ 10 پىرسەنتىگە چۈشۈپ قالىدۇ.
2013-يىلى جۇڭگو بىر يىل ئىچىدە كۆيدۈرگەن كۆمۈرنىڭ مىقدارى پۈتۈن دۇنيا شۇ يىلى كۆيدۈرگەن كۆمۈر مىقدارىنىڭ 50 پىرسەنتىدىن كۆپرەك ئىكەن.
ھازىر تەرەققىي تاپقان ئەللەرنىڭ كۆپىنچىسى «ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدىغان ئېنېرگىيە مەنبەسى» (renewable energy source) دەپ ئاتىلىدىغان، قۇياش نۇرى، شامال، ئېقىۋاتقان سۇ، يامغۇر ۋە دولقۇندىن توك چىقىرىدىغان ئۇسۇل بىلەن ئېرىشىدىغان ئېنېرگىيە مىقدارىنى ئومۇمىي ئېنېرگىيە سەرپىياتىنىڭ 10 پىرسەنت ئەتىراپىغا ئاپىرىپتۇ. ئۇ دۆلەتلەردە يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىلىرىدىن ئېرىشىدىغان ئېنېرگىيە مىقدارىمۇ ئومۇمىي ئېنېرگىيە مىقدارىنىڭ 10 پىرسەنتى ئەتىراپىدا ئىكەن.
2-رەسىم: ئامېرىكىنىڭ «نېۋادا» شتاتىدا بىر يىل ئىچىدىكى 365 كۈننىڭ كۆپىنچىسىدە ھاۋا ئوچۇق بولىدۇ. ناسا بىر قېتىم ھېسابلاش ئېلىپ بېرىپ، ئەگەر نېۋادادىكى كەڭلىكى 440 كىلومېتىر، ئۇزۇنلۇقىمۇ 440 كىلومېتىر كېلىدىغان بىر جايغا قۇياش نۇرىدىن توك چىقىرىدىغان تاختايلارنى ئورناتسا، ئۇنىڭدىن چىققان توك بىلەن پۈتۈن ئامېرىكىنىڭ ئېھتىياجىنى قامدىغىلى بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ھازىر نېۋادانىڭ بىر يېرىدە ئاشۇنداق تاختايدىن بىر مىليوندىن كۆپرەكى ئورنىتىپ بولۇندى. بىز تۇرىۋاتقان لوس ئانژېلىس بىلەن دۇنياغا داڭلىق قىمار شەھىرى لاس ۋېگاسنى تۇتاشتۇرىدىغان يولنىڭ بويىدىمۇ ئاشۇنداق بىر جاي بار بولۇپ، مەن ئۇ جاينى ئۆتكەن يىل 12-ئايدا بىر قېتىم كۆردۈم. مەزكۇر رەسىمدە ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما نېۋادادىكى ئاشۇنداق جاينىڭ بىرسىدە نۇتۇق سۆزلىمەكتە.
3-رەسىم: بۈگۈن مەن مەزكۇر دوكلاتنى ئاڭلىغىلى بارسام، نۇرغۇن باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بىزنىڭ ئىدارىدىكى كۆرگەزمىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىۋېتىپتۇ. بۇ رەسىمنى شۇ چاغدا تارتىۋالدىم.
4-رەسىم: بۈگۈنكى ئىلمىي دوكلات يىغىن زالىنىڭ چۆرىسىگە كۆپلىگەن ئالەم ئۇچقۇرىنىڭ مودېللىرى قويۇلغان بولۇپ، مەن «1-نومۇرلۇق سەپەرچى» نىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ قالدىم. شۇنىڭ بىلەن بۇ رەسىمنى تارتىۋالدىم. بۇ رەسىمدىكى «ئالتۇن تەخسە» ھەققىدە مېنىڭ «تاشقى پلانېتىلاردا جانلىقلار بارمۇ؟» دېگەن ماقالەمدە بىر قىسىم مەزمۇنلار بار بولۇپ، ئۇ ماقالىنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن كۆرەلەيسىز:
http://bbs.izdinix.com/thread-60692-1-1.html
ئىنگلىزچە ئۆگىنىۋاتقان ئۇكىلار ئۈچۈن: تۆۋەندىكى پروفېسسور دەيۋىدنىڭ قىسقىچە تەرجىمالى:
Professor David Rutledge is the Tomiyasu Professor of Engineering at Caltech, and a former Chair of the Division of Engineering and Applied Science. He is the author of the textbook Electronics of Radio, published by Cambridge University Press, and the popular microwave computer-aided-design software package Puff. He is a Fellow of the IEEE, a winner of the IEEE Microwave Prize, and a winner of the Teaching Award of the Associated Students at Caltech. He served as the editor for the Transactions on Microwave Theory and Techniques, and is a founder of the Wavestream Corporation, a manufacturer of high-power transmitters for satellite uplinks.
|