- تىزىملاتقان
- 2012-12-9
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-2-23
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4554
- نادىر
- 0
- يازما
- 245
ئۆسۈش
85.13%
|
تارىم نېفېتلىكى ۋە قارىماي نېفېتلىكى دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسلىق بايلىق بازىسى...ھازىر جەنۇبى دىڭىزدا بايلىق تالىشىش ھەركىتى دۆلەتلىك دىڭىز ئوكيان باشقۇرۇش ئىدارىسى بىلەن جۇڭگۇ نېفېت تەبىي گاز گورۇھى ھەمكارلىقىدا ئىچىلىۋاتىدۇ.دىمەك دۆلىتىمىز ئىمپورتمۇ قىلىدۇ،دىڭىزدىنمۇ ئاچىدۇ.يېڭى يىپەك يولى سېتىراتىگىيەسىمۇ بايلىق ئەۋزەللىكىنىڭ بىر مۇھىم تۈرى. شەرقى تەرەپتىكى دىڭىزدىكى بۇرغۇلاش قىسمەن دۆلەتلەرنىڭ تىنىچ ئوكياندىكى تۇسقۇنلۇقى بىلەن غەربى چىگراغا كېڭىيىش ،مۇستەققىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسىدىن پايدىلنىپ ئوتتۇرا ۋە غەربى ئاسىيادىن ئېنىرگىيە ئىلىپ كىرىش قۇرلۇشى يولغا قۇيۇلىۋاتىدۇ.تەكلىماكاننىڭ قۇملۇقىدىكى تەكشۈرۈشلەردىن نىمە بايقىغانلىقى بىزگە نامەلۇم.بىراق بايلىق شارائىتىنىڭ موللىقىغا ئىشىنىمىز...غەربى رايۇندا سۇ كەمچىل.1996-يىللاردىكى غەرىپنىڭ گازىنى شەرىققە باشلاش،شەرىقنىڭ سۈيىنى غەرىپكە باشلاش دەۋاتاتتى.تارىم دەرياسى قۇرۇپ كىتەرمىكىن دەپ ئويلىغانتىم.نەچچە يۈز مىڭ گېكتارلىق تەبىي تۇغراق تارىمنىڭ سۈيى بىلەن ياشىرىپ تۇراتتى.بىزنىڭ دۆلىتىمىز دۇنياۋى ئىستىمال سەۋىيەسى بىلەن تەڭ ئىستىمال قىلىدىكەن ئەمسە ئەللىك پېرسەنىت دىگەن ئاز ئەمەس،ئەلۋەتتە.
تەرەققى قىلىۋاتقان دۆلەت بۇلۇش سۈپىتىمىز بىلەن ماشىنلاشقان سانائەتلەشكەن ئىستىمالغا يۈرۈش قىلىۋاتىمىز.نېفېت تەبىي گاز ۋە كۆمۈر بايلىقى جەھەتتە شىنجاڭ تولۇق شەرىت بىلەن دۆلىتىمىز ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكى ۋە دىڭىز بويى رايۇنلىرىنى قامداپ كىلىۋاتقىلىمۇ يىرىم ئەسىر بولاي دىدى.
بىزمۇ بۇنداق ئۇقۇشلۇقلارنى ئۇقۇپ تۇرغاچقا ئەندىشە قىلىدىكەنمىز،كىيىن بۇ بايلىقلار تۈگەپ كەتسە قانداق قىلارمىز دەپ...بىراق بىر يىللاردا قەشقەر مارالبىشىدىن بىر دىھقان ئاكىمىز ھاۋانى يىقىلغۇ قىلىدىغان ماتۇر ياساپتۇ دەپ تورلارنى بىر ئالدى...كىيىن نىمە ئىش بولدى بىلمىدۇق.بەلكىم مەركەز بۇ سىناقنى بەلكىم دۇنياۋى ھۆكۈمىران دۆلەتلەر بايلىق تالىشىش جىڭىگە چۈشۈپ كەتكەندە ئۇلارنىڭ بۇ جىدىلىگە ئارلاشماي بۇ سىناقنى قوللىنىشى مۇمكىن دەپ چۈشەندىم.ئەلۋەتتە چەتئەل تېخنىلۇگلىرى بۇ تىخنىكىنى بىلىۋالسا باشقىچە كېڭەيتىشى مۇمكىندە...
كىيىن ئۈندىداردا بىر ئۇيغۇرنىڭ دۇنيا ماشىنسازلىق تەشكىلاتىمۇ ئەيتاۋۇر بىر نىمە ئورۇنىكەن ئىشقىلىپ،مۇشۇ خىل تىخنىكىنى ئوموملاشتۇرۇشنى تەكلىپ بىرىپتىكەن قارشى ئىلىنغانلىقىدەك خەۋەرنى كۆرگەن.بەلكىم راستۇ ياكى يالغاندۇ...ئىشقىلىپ بايلىققا ئامراق قەۋىم ھەر ئىشلارغا دۇچ كەلگەندە بىر يولى چىقىپ قالىدىكەن.شوڭا بايلىقلارنىڭ تۈگەپ كىتىش خەۋىپىدىن ھىچ بولمىغاندا ھازىرچە ئەنسىرمەي ياشايمىز.
يىراق بولمىغان كەلگۈسىدە بەلكىم نەۋرىلەرنىڭ زامانىغا كەلگەندە ئۇچار ماشىنىلار پەيدا بولۇپ ھازىرقى ئاپتىمۇبىلنىڭ ئورنى بىلەن ئالمىشار...ھوللىۋۇدچە خىيال بۇ.
ئەركىن ئاكىمىزغا رەھمەت.سالامەت بولۇڭ... |
|