- تىزىملاتقان
- 2011-1-6
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-2-16
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 7362
- نادىر
- 1
- يازما
- 284
ئۆسۈش
  47.24%
|
بۇ مەزمۇن 4قەۋەتتىكى dilkuyiدە2011-01-17 18:22يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
بۇ ئۆمرۈمدە ئوقۇتقۇچى بولۇشتىن بىر ساقلىسۇن !!!!!!!!!!!!!!!!!
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دىل كۈيى،ئوقۇتقۇچى بولۇپ قالماسلىقنى خۇدادىن تىللەۋاتامسىز ياكى ھۆكۈمەتتىنمۇ؟ئەگەر خۇدادىن تىللىگەن بولسىڭىز قاتتىق خاتالىشىسىز،چۈنكى تەربىيە خىزمىتى مەيلى تەرىقەت،مەيلى شەرىئەت ئۈچۈن ھەم ساۋاپلىق ھەم جاپالىق ئىش،پەخىرلىك دېگەن كونا سوسكىنى قويۇپ تۇرايلى،بىزدە مائارىپقا سەل قارالغاچقا،مائارىپ خىزمەتچىلىرىگە نىسبەتەن تونۇش يېتەرلىك بولمىغاچقا،ئوقۇتۇشنىڭ مۇھىملىقى تېخى تولۇق تونۇپ يېتىلمىگەچكە سۈت ئۇيقىمىز تېخىچىلا ئېچىلمايۋاتىدۇ،ئۇيغۇرلار نوپۇسىنىڭ %70نى ئىگەللەيدىغان جەنۇبى شىنجاڭدىكى نۇرغۇنلىغان پاجىئەلەرنىڭ يىلتىزى مائارىپنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتىنىڭ تولىمۇ تۆۋەنلىكىدىن،مېنىڭچە ھازىرقى مائارىپقا بولغان تونۇشنىڭ تۆۋەن بولىشىدىكى سىر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بەھرىمان بولۇشقا تېگىشلىك نەرسىلەردىن باشقا كەسىپتىكىلەرگە قارىغاندا تۆۋەنرەك بەھرىمان بولىشى،ھالال ئەجرى بىلەن ئۆزىنىڭ قەدىر قىممىتىنى يارتىشى.سىزگە تەۋسىيەم بۇنىڭدىن كېيىن مەيلى مەقسەدلىك بولسۇن،مەقسەدىسىز بولسۇن بۇنداق روھى چۈشكۈنلۈك كەلتۈرۈپ چىقىردىغان تىلەكلەرنى تىلىمىسىڭىز،چۈنكى خەلقىمىز ئارسىدا<<ئادەمنىڭ روھى چۈشسە،ئېتى يۈگىرەلمەيدۇ>>دېگەن ھېكمەت بار.بارلىق قېرىنداشلارنىڭ <<مائارىپلا بىر مىللەتنىڭ بەخت-تەختىنى يارىتالايدۇ>>دېگن شۇئارنى توۋلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. |
-
|