- تىزىملاتقان
- 2011-1-9
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-5-30
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3547
- نادىر
- 0
- يازما
- 155
ئۆسۈش
  51.57%
|
مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن ئەڭ ئالدى بىلەن مائارىپنى كۈچەيتىش ،راۋاجلاندۇرۇش كېرەك ئەلۋەتتە...گەرچە ئوقۇتقۇچى بولمىساممۇ بىراق يەنىلا شۇ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قولىدىن چىققان ئوقۇغۇچى بولغانلىقىم ئۈچۈن ئاز تولا پىكىر بايان قىلىپ باقسام ،پايدىلانغىدەك يېرى بولسا پايدىلىنارسىز ..........
maxal20دىگەندەك ئەڭ ئالدى بىلەن يۈرۈش - تۇرىشىڭزغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرسىڭىز ،بەك پۇزۇر، بەك ئوچۇق ،بەك 休闲كىيىنىۋالماڭ،ئۆزىڭىزگە لايىق يېقىشلىق كىيىنىڭ ، ئىككىنچىدىن ؛ بىر سۆزنى دائىم تەكرارلاشتىن ساقلىنىڭ .مەسىلەن:بىر ئېغىز گەپ قىپ بولۇپلا «ھە»،«شۇنداق بولغاندا»،«ئۇنىڭ ئۈستىگە»،«نىمە دىمەكچى دىگەندە»دىگەندەك سۆزلەرنى قايتا -قايتا دىيىشتىن ساقلىنىڭ ،چۈنكى سىز بۇنداق گەپلەرنى كىلىدىغان -كەلمەيدىغان يەرگىمۇ دەۋەرسىڭىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىققىتى دەرسكە ئەمەس سىزنىڭ شۇ گەپنى قانچە قېتىم دىگىنىڭىزگە مەركەزلىشىپ قالىدۇ . بىزنىڭ بىر مۇئەللىم بولىدىغان «گەپكە كەلسەك»دىگەن گەپنى بەك كۆپ قىلىدىغان، بىر قېتىم ساناپ باقسام40مىنوتلۇق دەرستە 85قېتىم دىگەن ئىدى...... ئۈچىنجىدىن:دەرستىن سىرتقى چۈشەندۈرۈشلەرنى بەك كۆپ قىلماڭ ،چۈنكى مۇھىمى يەنىلا دەرس مەزمونى....تولۇقسىزدا ئوقىۋاتقان ۋاقتىمدا گىئومىتىرىيە مۇئەللىمىمىز ئازراقلا دەرسكە دىققەت قىلمىساق بەك ئاچچىقلاپ كىتەتتى -دە ،بىزگە تەنبىھ بىرىشكە باشلايتتى-«بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ساپاسى نىمىشقا تۆۋەن -ھە،نىمىشقا دەرسكە دىققەت قىلمايسىلەر،فىرانسىيەلىكلەرنىڭ مەدىنىيىتىنىڭ نىمىشقا شۇنداق يوقىرى ئىكەنلىكىنى بىلەمسىلەر؟؟-»مۇئەللىم فىرانسىيەنى سۆزلەپ ،ئامرىكىغا كەلگىچە سائەت توشۇپ قالاتتى،بولمىسا ئۆزى ناھايىتى ئىقتىدارلىق ،بىلىملىك مۇئەللىم ئىدى، بىزگە قاراپ بەك ئىچى پۇشامدىكىن -يە.....
مەن مۇشۇنچىلىك دەي ،باشقىلارمۇ ئۆزپىكرىنى دەپ باقسۇن ،سىزگە پايدىسى تىگىپ قالا ،كۆپنىڭ ئەقلى كۆپ بولىدۇ ئەمەسمۇ ........ياخشى ئوقۇتقۇچى بولىشىڭىزغا تىلەكداشمەن!!! |
|