- تىزىملاتقان
- 2015-1-17
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-18
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1453
- نادىر
- 0
- يازما
- 154
ئۆسۈش
  45.3%
|
كۈندە بىر يۇلتۇز ( 6-سان )
2015-يىل 2-ئاينىڭ 20-كۈنى كېچە
ساتۇرن : 土星,Saturn
该时刻位置在天蝎座( Scorpius )
كۆرۈنمە يورۇقلۇق دەرىجىسى ( 0.5 ) .
كۆتۈرۈلۈش ۋاقتى : ئەتىسى سەھەر 1:51 ،ئۇپۇقتىن كۆتۈرۈلۈش ئورنى 115 گرادۇس ( دەل شەرقتىن جەنۇبقا 25 گرادۇس ) .
چىڭقى چۈش ۋاقتى : ئەتىسى سەھەر 6:41 ، ئۇپۇقتىن ئېگىزلىكى 29 گرادۇس .
كۈن چىقىش ۋاقتى : ئەتىسى چۈشتىن بۇرۇن 7:22 ، ساتۇرننىڭ ئۇپۇقتىن ئېگىزلىكى 28 گرادۇس ، ئورنى 191 گرادۇس ( دەل جەنۇبتىن غەربكە 11 گرادۇس ).
قوللىنىلغان ۋاقىت : شەرقىي 6- رايون ( UTC+6 ) .
دەل ماس كېلىدىغان ئورۇن : شايار ناھيىسى .
مۇشۇ يىل ئىككىنچى ئاي ئەتراپىدىكى ۋاقىتلاردا ساتۇرننى پەرق ېتىش ئۈچۈن چايان ( ئەقرەب ) يۇلتۇز تۈركۈمىنى بىلىش كېرەك ئىدى ( ئۇنىڭ ئۈستىگە چايان يۇلتۇز تۈركۈمىدە يورۇق يۇلتۇز ئاز ئەمەس ) . ئەتىگەن سائەت بەشلەردە جەنۇبتىن سەل شەرققە قىيپاش يۆنىلىشتە بىر يورۇق يۇلتۇز ( مارس كۈشەندىسى دەپ ئاتالغان قىزىل رەڭلىك يۇلتۇز ئانتارېس ) نىڭ ئوڭ تەرەپ ئۈستىدە ئۈستىدىن ئاستىغا قاتار ئۈچ يۇلتۇز بار ، ئەڭ ئۈستىدىكىسىنىڭ سەل سولدا خېلى يورۇق يەنە بىر يۇلتۇز بار ( قاراپ باقتىم ، ئانتارېستىن سەل پەل يورۇقتەك ) ، بۇ دەل ساتۇرن . ساتۇرننىڭ قۇياشنى ئايلىنىش دەۋرى 29.5 يىل ، ھازىر بىز بىلەن بولغان ئارلىقى 1 مىليارد 489 مىليون 800 مىڭ كىلومېتىر . |
|